يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش تەدرىجىي ئومۇملىشىپ، ئاشخانىلاردىكى ئاساسلىق تاماق بۇيرۇتۇش شەكلى بولۇپ قالدى. قارىماققا ناھايىتى قولاي بولغان بۇ خىل تاماق بۇيرۇتۇش ئۇسۇلىدا شەخسىي مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدە «كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتقاندا سالونغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈش» مەسىلىسى ئەڭ گەۋدىلىك.
بۇ ئەھۋال تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇن كىشىلەر ئارقىمۇئارقا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن بەكلا بىزار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن باھادا ئېتىبارغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنىلا سالونغا ئەگىشىشكە مەجبۇر بولدى.

1
تېڭشۈن كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتقاندا سالونغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈشنى تۈزەيدۇ
«شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، تېڭشۈن شىركىتى ئاچقۇچىلارغا ئۆزىدىكى «كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتقاندا سالونغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈش» مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش يوللىدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۇپىمىز ئاچقۇچىلارغا ئۆزىدە «كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتقاندا سالونغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈش» مەسىلىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، بار بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئابۇنىتلارنى تېخىمۇ ياخشى تاماق بۇيرۇتۇش تەسىراتىغا ئىگە قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ. سۇپىمىز 2022-يىل 17-يانۋاردىن باشلاپ بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان سالونلارنىڭ ئىككىلىك كود بىلەن سالونغا كىرىش ئىقتىدارى چەكلىنىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى سالونى
بۇ «كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتقاندا سالونغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈش» مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئىستېمالچىلار ئۇزۇندىن بۇيان بىزار بولۇپ كەلگەن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل 8-ئايدا، ئۈندىدار ئورگان تەرەپ «كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتقاندا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈشنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان. ساھە ئىشتىراكچىلىرىنى سودىگەرلەر مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىپ ئەلالاشتۇرۇشنى تاماملاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش تەسىراتىنى سىجىل ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: سودىگەرلەر ئالاقىدار تىجارەت پائالىيەتلىرىدە ئىككى نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت بولماسلىق (جۈملىدىن مەجبۇرىي سىكانىرلىتىش، سالونغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈش، سودا ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي تارقىتىش قاتارلىقلار)؛ ئىككىنچى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قاتتىق قوغداش، ئۇچۇر توپلاشتا قانۇنلۇق، يوللۇق، زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
2
كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇشتىكى قالايمىقانچىلىقلار
نۆۋەتتە، سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولۇپ قالدى. ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق تاماق بۇيرۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە، سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش ئاساسلىقى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچىسى، سايىلەپ ئەپچاققا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇش؛ ئىككىنچىسى، سايىلەپ H5 بېتىدە تاماق بۇيرۇتۇش؛ ئۈچىنچىسى، سايىلەپ سالونغا ئەگەشكەندىن كېيىن سالوندىكى تاماق بۇيرۇتۇش ئۇلانمىسىنى چېكىپ كىرىپ ئاندىن تاماق بۇيرۇتۇش.
ئېنىقكى، سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇشنىڭ ئۆزىگە خاس قولايلىقى ۋە ئەۋزەللىكى بار. مەسىلەن، بۇ خىل ئۇسۇل ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق بۇيرۇتۇش ۋاقتىنى قىسقارتتى، بولۇپمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىدى. ئاشخانا غوجايىنىغا نىسبەتەن، مۇلازىمەتچى قوبۇل قىلىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتقاندا، كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش ئۇسۇلى مۇلازىم تېپىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى ۋە پۇل تېجەپ بەردى؛ خېرىدارلارغا نىسبەتەن، يانفوندا تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈش مۇلازىمەتچىنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرۇشىدەك ئوڭايسىز ئەھۋالنى تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقىدىن تەشۋىشلىنىدىغانلارغا نىسبەتەن دوستانىلىك ئېلىپ كەلدى.
لېكىن بەزى سودىگەرلەر پەقەت كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ، مۇلازىم ئارقىلىق تاماق بۇيرۇتۇشنى بىكار قىلدى، بۇ ياشانغانلارغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش جەريانىدا، قىسمەن سودىگەرلەر يەنە ئىستېمالچىلارنى سالونغا ئەگىشىشكە، يانفون نومۇرى، يېشى، ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە ھوقۇق بېرىشكە مەجبۇرلىدى. ئىستېمالچىلارنى خېرىدارلار كېلىشىمىنى ئېتىراپ قىلىشنى تاللاشقا يېتەكلىدى، ئەگەر تاللىمىسا، ئىستېمالچىلار كېيىنكى قەدەمدە سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇش مەشغۇلات بېتىگە كىرەلمىدى.
«ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 9-ماددىسى 2-تارمىقىدا: «ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، تاۋار تۈرى ياكى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، ھەرقانداق تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىقنى، ھەرقانداق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنى كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇشقا مەجبۇرلىسا، ئېنىقكى بۇ قىلمىش قانۇنغا خىلاپ بولىدۇ. ئىستېمالچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىككىلىك كودنى سايىلىگەن بولسىمۇ، ئاشخانىلار سالونغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرسە، ھەتتا ئىسىم-فامىلىسى، يانفون نومۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشقا مەجبۇرلىسا، بۇ قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.
«ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 29-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلىغاندا، ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى، ئىستېمالچىلار ئېنىق رەت قىلغان ئەھۋالدا سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇر تارقاتماسلىق مەجبۇرىيىتى بار.
----
ئېلان:

