搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
يېڭى سىياسەت: ئۈرۈمچىگە نوپۇسقا ئالدۇرۇۋېلىڭ!
>
يېڭى سىياسەت: ئۈرۈمچىگە نوپۇسقا ئالدۇرۇۋېلىڭ!
NepKan
2022-03-21
0
导读:بۇ قېتىمقى نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىدە نوپۇس يۆتكەش يولى تېخىمۇ كۆپ، شەرتى تېخىمۇ بوش.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
2018-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى «نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)نى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، مەزمۇنى ئوقۇش تارىخى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، م
ەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك
تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماكانلىشىش، پاناھلىق ئىزدەش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى قاتارلىق نوپۇسقا كۆچۈپ كىرىشتىكى ئەڭ يېڭى سىياسەتلەرگە چېتىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى يۇڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نوپۇسنىڭ تەرتىپلىك ئېقىپ كىرىشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان نوپۇس سىياسىتى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدەندى. بۇ قېتىمقى نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى نوپۇسقا ئالدۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نوپۇس يۆتكەش يولى تېخىمۇ كۆپ، شەرتى تېخىمۇ بوش.
ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىغا كۆچۈپ كىرىش ئەڭ يېڭى شەرتى تۆۋەندىكىچە:
1. ئوقۇش تارىخى بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش
ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار ئۆزى، جورىسى، پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئوقۇش تارىخى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ياكى مىللىي مائارىپ بىلەن ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلارنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش
مائارىپ ئۇچۇر تورىدا ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئالدۇرغان مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلار ياكى مەملىكەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىدا رويخەتكە ئېلىنغان تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلار سىنىپى، زاپاس تېخنىك (تېخنىك) سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ۋە ئۇنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
3. كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش
كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ياكى كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئۆزى ۋە ئۇنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى (2021-يىل نەشرى)»دىن پايدىلىنىدۇ.
4. كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش
ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچى (45 ياشتىن تۆۋەن)، ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىك خادىملار ياكى خەلقئارا، دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك ماھارەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
كەسپىي ماھارەت خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى (2021-يىل نەشرى)»گە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئەنگە ئالغان ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ئاپپاراتلىرى تارقاتقان ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىدۇ.
5. مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش
ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ھەم نورمال تىجارەت قىلغىنىغا يېرىم يىل توشقان كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، پايچىكى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ھەم نورمال تىجارەت قىلغىنىغا يېرىم يىل توشقان ھەم شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغان يەككە تىجارەتچىلەر ئۆزى ۋە ئۇنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە ماكانلىشىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
6. ماكانلىشىش بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش
(1) ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانۇنلۇق ئۆي-مۈلۈك (ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى تېخى ئالمىغان يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي، ئەرزان، قولايلىق ئۆي، نىمكەش ئۆي، ئۆي ئىسلاھاتى ئۆيى، مەبلەغ توپلاش ئۆيى، بىر تۇتاش سېلىنغان ئۆي، ياتاق بىناسى، ئىشخانا بىناسى، دۇكان ۋە ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى ئالغان تۈرلۈك ئۆي-مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) بارلار ئۆزى ۋە ئۇنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
(2) ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۈچ يىل توشقان ھەمدە شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغىنىغا ئۈچ يىل توشقان خادىملار، ئۆزى ۋە جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
7. پاناھلىق ئىزدەپ (投靠) نوپۇسقا ئالدۇرۇش
ئۆيلىنىش خېتى ئالغان ئەر-خوتۇنلار ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسى تەرەپكە پاناھلىنىش ئىلتىماسى قىلسا بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىدىكى پەرزەنىتلىرىگە پاناھلىنىش ئىلتىماسى قىلسا بولىدۇ، توي قىلمىغان پەرزەنتلەر ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان مېيىپ پەرزەنتلەر، ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىدىكى ئاتا-ئانىسىغا پاناھلىنىش ئىلتىماسى قىلسا بولىدۇ، ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر (مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى بوشتىلىدۇ.) ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىدىكى بوۋا-مومىسىغا پاناھلىنىش ئىلتىماسى قىلسا بولىدۇ.
8. رەسمىي ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نوپۇسقا ئالدۇرۇش
ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ جورىسى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىلىرى، نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدا بولمىغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
مەنبە: تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0