搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئائىلە زۇلۇمى مەسىلىسى
>
ئائىلە زۇلۇمى مەسىلىسى
NepKan
2022-01-27
2
导读:نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلە زۇلۇمى مەندىن بەك يىراقتا، دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ ئازراقمۇ يىراق ئەمەس.
ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر، بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئائىلە زۇلۇمىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر تېمىدا سۆزلەپ بەرمەكچى، ئائىلە
زۇلۇمى
غا قارىتا قانۇن قانداق قىلىدۇ؟
11-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زۇلۇمىنى يوقىتىش كۈنى، بىز پەقەت مۇشۇ ئالاھىدە كۈنلەردىلا ئائىلە
زۇلۇمى
نى ئويلىمايمىز. ئالاھىدە كۈنلەر بىزگە ئائىلە
زۇلۇمى
نىڭ يەنىلا بىر ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئادەم ئەزەلدىن يېتەكچىلىك قىلىنمايدۇ، ئادەم پەقەت ئۈزلۈكسىز ئەسكەرتىشكە مۇھتاج. نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلە
زۇلۇمى
مەندىن بەك يىراقتا، دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ ئازراقمۇ يىراق ئەمەس. بەلكىم قوشنىڭىز، دوستىڭىز، ساۋاقدىشىڭىز، تۇغقىنىڭىز ئائىلە
زۇلۇمى
نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بەلكىم باشقىلارغا تىنمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بەلكىم ھېچنېمە بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئارقىلىق بارلىق ئەھۋاللارنى يوشۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئائىلە
زۇلۇمى
دېگەن نېمە؟ دىلشات (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) بىلەن ئايگۈل (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) مۇھەببەتلىشىپ، ئون يىل بىللە تۇرغان، لېكىن توي خېتى ئالمىغان. چۈنكى، دىلشات ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەچكە، باكلاۋۇرلۇقتا، ماگىستىرلىقتا، دوكتورلۇقتا، پوستدوكتورلۇقتا ئوقۇغان. ئايگۈل ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرگەن بولغاچقا، شۇڭا ئىزچىل دىلشاتنى قوللايدۇ. لېكىن دىلشات پوستدوكتورلۇقنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خىزمەت تاپالمىغان، توغرىسىنى ئېيتقاندا، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىغاندا، قانداقلا بولمىسۇن ئالدىنقى بىر نەچچە خىزمەتتە ھەر ئايدا ئاران 50 مىڭ يۈەن مائاش ئالغىلى بولاتتى، دىلشات ئۆزىنى شۇنداق يۇقىرى بىلىملىك ھېس قىلاتتى، ھەر ئايدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالمىسا، بۇ ئۇنىڭغا قىلىنغان ھاقارەت، شۇنداقلا بىلىمگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئىدى.
شۇڭا دىلشات كۈندە ھاراق ئىچىپ غەم يەيدۇ، كۆپ ئىچىۋالسا ئايگۈلنى ئۇرىدۇ. ئايگۈلنى ئۆزىگە يۈك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئايگۈلنىڭ مۇھەببەت بويۇنتۇرۇقى بولمىسا، ئۇ يالقۇن (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)غا ئوخشاش ساۋاقداشلىرىدىن ئۆگىنىپ، باي ئاچاشتىن بىرنى تېپىپ، بايلىق ئارزۇسىنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بولاتتى. ئايگۈل كېيىن مەندىن: «مۇئەللىم، قاراڭ بىز توي قىلمىدۇق، ئۇ مېنى ئۇرسا ئائىلە
زۇلۇمى
بولماس، قانۇن مېنى قوغدىمايدىغاندۇ؟ نېمىلا دېگەن بىلەن بىز ئۆيلىنىش خېتى ئالمىدۇق.» دەپ سورىدى.
مېنىڭچە ئايگۈلنىڭ قارىشى توغرا ئەمەس. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە
زۇلۇمى
غا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا ئائىلە
زۇلۇمى
غا ئېنىق تەبىر بېرىلگەن. بۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدا: «بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئائىلە
زۇلۇمى
ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇش، باغلاش، ناكار قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ھەمدە دائىم تىللاش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن زىيان سېلىشنى كۆرسىتىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەقەت زۇلۇم قىلىش قىلىش ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا يۈز بەرسە، ئائىلە
زۇلۇمى
غا تەۋە بولىدۇ.
ئۇنداقتا، بىللە تۇرغان ئەر-ئايال ئائىلىگە تەۋەمۇ؟ مېنىڭچە، قانۇندا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلسىلا، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش يولى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئائىلە
زۇلۇمى
غا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ 37-ماددىسىمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلغان. ئۇنىڭدا: «ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار ئارىسىدىكى
زۇلۇم
قىلمىشلىرىمۇ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
نۆۋەتتە نۇرغۇن ئەر-ئاياللار بىللە تۇرۇشتا قانۇن جەھەتتە توي مۇناسىۋىتى ئورناتمىغان بولۇشى مۇمكىن. گەرچە قانۇن جەھەتتىكى ئەر-خوتۇنلارغا تەۋە بولمىسىمۇ، جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئائىلە ئەزاسى دەپ چۈشىنىش ئەمەلىيەتتە ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس.
يەنە بىر ساۋاقداش: «ئېرىم ئەزەلدىن مېنى ئۇرمايدۇ، لېكىن مېنى روھىي جەھەتتىن قىينايدۇ، ئىنسانىي پەزىلىتىمگە ھاقارەت قىلىدۇ. ھە دېسە ئاشنىلىرىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ قالايمىقان ئىش قىلسا، بۇ ئائىلە
زۇلۇمى
ھېسابلىنامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
بايا تىلغا ئالغان ئائىلە
زۇلۇمى
غا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ: «ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا دائىم ھاقارەتلەش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىمۇ ئائىلە
زۇلۇمى
ھېسابلىنىدۇ.» دەپ كۆرسىتىلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلە
زۇلۇمى
ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپلا قالماستىن، ئەر-ئايال، دوستلار ئارىسىدىمۇ يۈز بېرىدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىغا، ھەتتا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قارىتا، پەقەت ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك جىسمانىي روھىي دەخلى-تەرۇز قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئائىلە
زۇلۇمى
دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ئەخمەت (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)نىڭ ئاپىسى ئايشەم (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)نىڭ بالىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، پەقەت نەتىجىسى سىنىپنىڭ TOP2 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىسىلا تىللاپ كېتىدۇ، ھە دېسىلا «سەن نېمىشقا ئۆلمەيسەن؟ بۇنچە كۆپ تاماق يەپ تۇرۇپمۇ بىرىنچىلىككە ئېرىشەلمەيسەن؟ سەن دۆتنىڭ Pig بىلەن پەرقىڭ يوق.» دەپ تىللايدۇ. ئەخمەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدىلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، بۇمۇ تىپىك ئائىلە
زۇلۇمى
.
ئۇنداقتا ئائىلە
زۇلۇمى
قانۇنغا خىلاپمۇ؟ تۈرمىدە ياتامدۇ؟ نۇرغۇن دوستلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تىلغا ئېلىنسىلا تۈرمىدە ياتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قانۇننى بەك تار دەپ قارىۋالغانلىقتۇر. قانۇننىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى، يەنى ھەق تەلەپ قانۇنى بار، ئاساسلىق ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە مەمۇرىي قانۇن، مەسىلەن، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشنى ئاساس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە جىنايى ئىشلار قانۇنى بار، ئاساسلىقى تۈرمىدە ياتىدۇ.
شۇڭا كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئۇقۇمىغا بولغان ئېڭى بىر قەدەر مۈجمەل بولۇپ، ئائىلە
زۇلۇمى
نۇرغۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن، ئۇ ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتكە چېتىلىشى مۇمكىن.
ھەق تەلەپ ئىشلىرى جەھەتتە، ئائىلە
زۇلۇمى
تويدىن ئاجرىشىشنىڭ قانۇنىي سەۋەبى. سەۋەنلىكى يوق تەرەپ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر ئالاقىدارلار ئائىلە
زۇلۇمى
غا ئۇچرىسا ياكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراشتەك رېئال خەۋپكە دۇچ كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش كۈچىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇنداقتا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش كۈچى دېگەن نېمە؟ بۇ بىر خىل ھەق تەلەپ مەجبۇرلاش تەدبىرى.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى، ئالاھىدە تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، توي دېلولىرى دەۋا تەرتىپىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چىقارغان ھەق تەلەپ كېسىمىدۇر.
دىلبەر (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) بىلەن ئەسقەر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئەسلىدە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە ئىدى. 2008-يىلى كېلىشىم بويىچە ئاجرىشىپ كەتكەن. بالا ئەسئەت (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)نى ئەسقەر باقىدۇ. ئەسقەر 2012-يىلىدىن بۇيان، كۆپ قېتىم ئەسئەتكە ئائىلە
زۇلۇمى
قىلغان. ئەسئەتنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ يېرىدە دائىم قان ئۇيۇپ قېلىش، جاراھەت باغلاش قاتارلىق ئىزلار پەيدا بولۇپ، ئەسئەت ئىنتايىن ئازابلانغان، ھەتتا بىر مەزگىل بىنادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئويىدا بولغان.
ئۇنىڭ ئاپىسى دىلبەر بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئەسقەرگە بالىنى يەنە ئۇرماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئەسقەر ئاڭلىماي، ئەكسىچە ئەسئەتنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇپ-تىللاش ئارقىلىق دىلبەرگە تەھدىت سالغان، يەنە كېلىپ ئۇ ئەسئەتكە تاياق يېگەن ئىشنى باشقىلارغا ئېيتماسلىققا تەھدىت سالغان، بولمىسا ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇرغان.
كېيىن دىلبەر ئامالسىز ج خ ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلىشقا مەجبۇرى بولغان. دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىچىك دوست ئەسئەتنىڭ بەدىنىدە يارا بولۇپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا دەرىجىلىك خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغان. شۇڭا دىلبەر ئوغلى ئەسئەت ئانا-بالا ئىككىسى بىرلىكتە سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىنى ئىلتىماس قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەسقەرنىڭ داۋاملىق
زۇلۇم
قىلىشىنى قانۇن بويىچە چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىلبەر يەنە سوت مەھكىمىسىگە ئەسئەتنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئەرز سۇنغان. كېيىن سوت مەھكىمىسى جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقىرىپ، ئەسقەرنىڭ دىلبەر بىلەن ئەسئەتنى ھاقارەتلىشى، خورلىشى، تەھدىت سېلىشى، ئۇرۇشى مەنئىي قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسقەرنىڭ ئەسئەتكە بولغان ۋەسىيلىك قىلىش ھوقۇقى ۋە يوقلاش ھوقۇقى توختىتىلغان.
ئۇنداقتا، بەزى ساۋاقداشلار سورىشى مۇمكىن، ئەگەر ئەسقەر جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش كۈچىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋاملىق ئەسئەتنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ، بالىنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ كەتسە، ئاندىن داۋاملىق ھاقارەتلەش، ئۇرۇش ئارقىلىق بالىغا ئازار بەرسە، ئاساسلىقى ئەسئەتنىڭ ئاپىسى دىلبەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى مەقسەت قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ خىل مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ساۋاقداشلار، قانۇننى بەك يۇمشاق قول ئويلىۋالغانلىقتىن بولغان.
ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ 34-ماددىسىدا: «ئىلتىماس قىلىنغۇچىلاردىن جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە خەلق سوت مەھكىمىسى تەنبىھ بەرسە، قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ جازا بەرسە بولىدۇ. جەرىمانە قويۇش ۋە توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئەسقەر جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش پەرمانىغا خىلاپلىق قىلسا، يېنىك بولسا جەرىمانە قويۇش، تۇتۇپ تۇرۇش، ئېغىر بولسا تۈرمىدە ياتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەمۇرىي جەھەتتە ئائىلە
زۇلۇمى
نىڭ ئۆزىگىمۇ مەمۇرىي جازا بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، باشقىلارنى ئۇرۇش ياكى باشقىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرگەندە، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشتىن بۇرۇن، ئەگەر قىلمىشى يېنىك بولسا، ج خ ئورگىنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرسا بولىدۇ، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، كېيىنكى ئىپادىسىگە قاراش بىلەن باراۋەر.
ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ 16-ماددىسىدا: «ئائىلە زۇلۇمىنىڭ قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ، قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلمىسە، ج خ ئورگىنى زىيانلاندۇرغۇچىغا تەنقىد-تەربىيە بەرسە ياكى ئاگاھنامە بەرسە بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ج خ ئورگىنى بۇ ئاگاھنامىنى كىمگە بېرىدۇ؟ زىيانلاندۇرغۇچىغا بېرىدۇ، يەنە ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى كەنت كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئەگەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى ساقچىخانىلار ئاگاھنامىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا، ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ج خ ساقچىخانىسى ئاگاھنامىنى تاپشۇرۇۋالغان زىيانلاندۇرغۇچىنى تەكشۈرۈپ، زىيانلاندۇرغۇچىنى ئائىلە زۇلۇمى سالماسلىققا قارىتا نازارەت قىلىشى كېرەك، لېكىن ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئەڭ ئېغىر قانۇنىي ئاقىۋىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالىنىدۇ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدا خورلاش جىنايىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر جىنايەت بار بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولسا، ئۇنىڭغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇش ياكى باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەگەر خورلاپ باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئىككى يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. لېكىن، ئادەمنى قەستەن ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، قەستەن قاتىللىق قىلىپ، قەستەن زەخىملەندۈرۈپ قويسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلە
زۇلۇمى
پەقەت بىر خىل ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشى، شۇڭا ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ. پەرھات (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئالىم (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)نىڭ ئايالىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن پەرھات تىڭشىغۇچنى تاقاپ، موزارتنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. بىر ئادەم ئالدىڭىزدا ئازاپ چەككەندە، ھەرقانچە گۈزەل مۇزىكا بولسىمۇ بۇ سەتچىلىكنى يوشۇرالمايدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، سىز توسۇشقا ئامالسىز قالغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ، ھۆكۈمەت ھوقۇقى ئورگىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىنى قوغدايدۇ. ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدىمۇ «ئورۇن ۋە شەخسلەر ئائىلە زۇلۇمى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ توسۇشقا ھوقۇقلۇق.» دەپ بەلگىلەنگەن. ج خ ئورگىنى ئائىلە زۇلۇمى دېلوسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ساقچى ئەۋەتىپ ئائىلە زۇلۇمىنى توسۇشى كېرەك. ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ داۋالىنىشنى باھالاش ئىلتىماسىغا ھەمكارلىشىدۇ.
بىز بايا دېگەن ئەسقەرنىڭ ئەسئەتكە ئائىلە
زۇلۇمى
قىلىش دېلوسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ كىچىك دوست ئەسئەت دوختۇرخانىغا بارغاندا، ئەگەر دوختۇرخانا بىنورماللىقنى بايقىسا، قانۇندا مەجبۇرىي دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەكتەپ، يەسلى، داۋالاش ئاپپاراتى، ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلار بۇنداق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىق ئىقتىدارى يوق، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەرنى بايقىغاندا، بۇ كىچىك دوستلارنى ئائىلە
زۇلۇمى
غا ئۇچرىغان دەپ گۇمان قىلسا، ۋاقتىدا ج خ ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلىشى كېرەك. ج خ ئورگىنىمۇ دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك. ئۇ قانۇندا «زۆرۈر» دەپ بەلگىلەنگەننىڭ ھەممىسى «چوقۇم شۇنداق قىلىش» كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، دوختۇر كىچىك دوستلارنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايقىسا، ئائىلە
زۇلۇمى
بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىسا، چوقۇم ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىشى كېرەك، بۇ بىر مەجبۇرىي مەجبۇرىيەت. ئەلۋەتتە، ئائىلە
زۇلۇمى
نى بېكىتىشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئىسپات توپلاشتۇر. بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت ئورگىنى ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىسپات توپلاش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى، كۆپچىلىك كۆرۈپ باقسا بولىدۇ، ئۆزىنى قوغدىغانلىق باشقىلارنى قوغدىغانلىق، باشقىلارنى قوغدىغانلىق ئۆزىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ.
ئائىلە
زۇلۇمى
غا ئۇچرىغان نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار مۇھەببەت نامى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزگىرىشىنى خىيال قىلىدۇ.
كىشىلەر دائىم پۇشايمان قىلىدۇ، پەقەت ناھايىتى ئاز توۋا قىلىدۇ. پۇشايمان قىلىش بىلەن توۋا قىلىشنىڭ پەرقى ناھايىتى زور. بەلكىم قانۇن
زۇلۇم قىلغۇچىلارنى
پۇشايمان قىلدۇرۇپلا قالماي، ھەقىقىي تۈردە توۋا قىلدۇرۇش قەدىمىنى باسالىشى مۇمكىن.
كۆپچىلىككە رەھمەت.
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296