大数跨境

تۆھپە ۋە نام-ئاتاق!

تۆھپە ۋە نام-ئاتاق! NepKan
2022-01-15
2
导读:كىسسىنگېر: «ئاشلىقنى كىم كونترول قىلسا، شۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى كونترول قىلغان بولىدۇ.» دېگەنىدى.


قاچاندىن باشلاندىكىن، توردا ھەر خىل شەرقىي شىمالنى مەسخىرە قىلىدىغان سۆزلەر پەيدا بولدى. بۇ مەسخىرىلىك سۆزلەر خۇددى غەربنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئويدۇرۇپ چاپلىغان چاقچاقلىرىغا ئوخشاش، كىشىلەرگە ئۇنىڭ شانلىق تارىخىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇدرەتلىك مەۋجۇتلۇقىغا قارا چاپلايتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي شىمال ئەسلىدىن بەرداشلىق بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا بەك كۆپ بەرداشلىق بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئانچە ياخشى بولمىغان شەرقىي شىمالدا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ئىش بولدى. نۇرغۇن جەنۇبلۇقلارنىڭ نەزەرىدە، شەرقىي شىمالدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى، مالىيە جەھەتتە زىيان تارتىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر چوڭ ئائىلىدە تۇغۇلغان، لېكىن قېرىنداشلار ئارىسىدا ياردەم بېرىش، يۆلەش يوق، ئەكسىچە مەسخىرىگە تولغان، كىمنىڭ توردا بۇ خىل قىلمىشنى باشلاپ بەرگىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن «جۇمھۇرىيەتنىڭ چوڭ ئوغلى» دەپ ئاتالغان شەرقىي شىمال جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدە قەدەممۇ قەدەم سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ؟ ئىلگىرىكى چوڭ ئاكىسى نېمىشقا ھەممە ئادەم مەسخىرە قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىپ قالىدۇ؟


بۈگۈنكى ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 1978-يىلىدىن ئىلگىرى شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ گۆھىرى ئىدى. گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ دېگەنلەر شەرقىي شىمالدىكى چوڭ ئاكىلىرىنىڭ ئالدىدا بىر توپ شۇملار ئىدى، خالاس.
1978-يىلى، مەملىكەت بويىچە GDP دا ئالدىنقى 10 كۈچلۈك شەھەر ئىچىدە، شەرقىي شىمالدىكى شەھەر 3 نى ئىگىلىگەن، خاربىن، شېنياڭ، داليەنلەر ئۇزاق مۇددەت ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئەگەر ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرسەك، شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادىي ئورنى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.


«جۇڭگو سانائەت ئىقتىسادى ئىستاتىستىكا ماتېرىيالى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 1952-يىلى شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %21.6 نى ئىگىلىگەن. شەرقىي شىمال جۇڭگو ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون بولۇپلا قالماي، پۈتۈن ئاسىيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايون بولۇپ، ياپونىيە توكيونىڭ ئىقتىساد قىممىتىدىنمۇ يۇقىرى ئىدى.
1949-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىر ئىچىدە، لياۋنىڭ ۋە خاربىننىڭ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ GDP قاتارىدا ئالدىنقى 10 نى ئىگىلىگەن. ئەمما، 2000-يىلىدىن كېيىن، جەنۇبتىكى دېڭىز بويىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر تېز سۈرئەتتە شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى. ھەتتا پۈتكۈل شىمالنىڭ ئىقتىسادى جەنۇب تەرەپنىڭ كەينىدە قالدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بەردى، GDP دا باشلامچتىن بىردىنلا توختاپ قالدى. جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى ھەر قايسى شەھەرلىرىنىڭ GDP رەت تەرتىپىدە، پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگو رايونىدا پەقەت بېيجىڭلا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ، قالغان توققۇزى جەنۇبتىكى شەھەرلەر.

رەسىم مەنبەسى: دەۋر سانلىق مەلۇماتى

نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ مەنبەسى شۇكى، 2001-يىلى، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىردى، جەنۇب-شىمال كەسىپلىرى ئىختىلاپقا يۈزلەندى. جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر دۇنيا بويىچە كەسىپ يۆتكىلىشنىڭ پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆردى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار بولسا زور مىقداردىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئازراق بولسىمۇ پايدىغا داخىل بولدى. پەقەت شەرقىي شىمالدىلا دۇنياغا يۈزلىنىش ئېغىزى يوق، شۇنداقلا چەت ئەلنىڭ زور كۆلەملىك كەسىپ يۆتكىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى، پەقەت ئەسلىدىكى كەسىپنى چىڭ ساقلاش ئاساسىدا، تەدرىجىي ھالدا باشقا ئۆلكىلەرنىڭ كەينىدە قالدى.
بىردىنبىر ئىقتىسادىي ئىپادىسى بىرقەدەر ياخشى بولغىنى داليەن، داليەنمۇ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ئىچىدە چەت ئەل مەبلىغى، چەت ئەل كارخانىلىرىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان شەھەر.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە يېتەرلىك پايدىغا ئېرىشەلمەيلا قالماي، يەنە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولمايدىغان، ھەم جاپالىق، ھەم مۇشكۈلنمنم، سېلىنمىسى زور، ھاسىلاتى تۆۋەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي شىماللىقلار قىلىۋاتىدۇ.


جۇڭگو بىر چوڭ جەمەت، بۇ جەمەتتىكى ھەر بىر ئۆلكىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە بۇرچى بار. بەزى ئۆلكىلەرنىڭ سودىسى تەرەققىي قىلغان، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى زور، باج مەنبەسى يېتەرلىك، لېكىن بەزى ئۆلكىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، سانائىتى قويۇق، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر قەدەر كىچىك، ئەمما ئاساسىي پۇختا.
بىر دۆلەت، بىر رايوننىڭ كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقى GDP ئارقىلىق ئۆلچىنىدىغان دەۋرى  ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. GDP پەقەت بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىلا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، لېكىن بىر رايوندا GDP دىن باشقا، ئېغىر سانائەت، جابدۇقچىلىق سانائىتى، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، ئۇل سانائەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق تېخىمۇ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچ بولۇشى كېرەك.
جۇڭگودا، يېزا ئىگىلىكى ئىنتايىن ئاز پايدا ئالىدىغان كەسىپ. چۈنكى جۇڭگو كاپىتالىستىك دۆلەت ئەمەس، ئاشلىق باھاسىنى بازار بەلگىلىمەيدۇ. جۇڭگودا ئاشلىققا باھا قويۇش ھوقۇقى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىققا بېرىدىغان باھاسى پايدىنى ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنى نىشان قىلىدۇ.


دېمەك، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ئۆلكىلەردە ئاشلىق كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، لېكىن ئاشلىق باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ. شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى. شەرقىي شىمالنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %20.3 نى ئىگىلەيدۇ، خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت بۇ بىر ئۆلكىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭغا يېتىدۇ، 400 مىليون جۇڭگولۇقنى باققىلى بولىدۇ.
ئالاھىدە شارائىتتا، شەرقىي شىمالنىڭ ئاشلىقى %75 جۇڭگولۇقنىڭ يەيدىغان تامىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. لېكىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى يەر تېرىغاندا پۇل تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئاشلىق تېرىغاندا پۇل تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
لېكىن، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى چەت ئەللىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە بولامدۇ؟ ئاشلىق پۈتۈن كىيىنىش، قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر.
كىسسىنگېر: «ئاشلىقنى كىم كونترول قىلسا، شۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى كونترول قىلغان بولىدۇ.» دېگەنىدى.


غەرب ئەللىرى ئىلگىرى ئاشلىق باھاسىنى كونترول قىلىپ، مىسىرنىڭ قوتۇرماچ باھاسىنى بەش مو ئۆستۈرگەندىن كېيىن، مىسىردا مەشھۇر قوتۇرماچ ئىنقىلابى ئەۋج ئالغان. جۇڭگو جەمئىيىتىدە مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالىشىدىكى سەۋەب، دۆلىتىمىزدە بەزى ئۆلكىلەر يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارايدۇ، يەنە بەزى ئۆلكىلەر پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ.
شەرقىي شىمال جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. لېكىن جۇڭگودا يەر تېرىسا، راستتىنلا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ.
قەيەردە يەر تېرىپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟ كۆپچىلىك بىل گايتىسنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پومېشچىك ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئىنتېرنېت تورىدا ئىگىلىك تىكلىگەن بىل گايتىس ئامېرىكىدىكى ئەڭ كۆپ يەرنى سېتىۋالغان.
شەرقىي شىمالدا تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىكى بار، ئەمما تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادى يوق. شەرقىي شىمال ئۆز مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، 500 مىليون جۇڭگولۇقنى ئۆز تۇپرىقىدا باقتى.
شېنجېنلىقلارنىڭ پەقەت پۇللا تاپقۇسى بار، ئەجىبا شەرقىي شىماللىقلارنىڭ پۇل تاپقۇسى يوقمىدۇ؟


شەرقىي شىماللىقلارنىڭ پۇل تاپقۇسى يوق ئەمەس، بەلكى بۇ پۇلنى پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
بۈگۈنكى مائارىپ ساھەسىدە، كۆپچىلىك ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، شەرقىي شىمالدا ئىلگىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر داشۆ بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ خاربىن سانائەت داشۆسى ئىدى.


نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، توردا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا چىڭخۇا داشۆسىنىڭ %70 ئوقۇغۇچىسى تۈزۈلمە ئىچىگە كىردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بېيجىڭ داشۆسى، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقاتتى. بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمىشە دەۋرنىڭ رىتىمىغا توغرا دەسسەپ، چەت ئەل ئىقتىسادى ياخشى چاغلاردا چەت ئەلگە قاچىدۇ. چەتئەلگە چىقالمىسا، چەت ئەل كارخانىسىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. چەت ئەل كارخانىلىرىغىمۇ بارالمىسا، چوڭ زاۋۇتقا بارىدۇ.


بىراق، چوڭ زاۋۇتلار خادىم قىسقارتقاچقا، چەت ئەللەردە يۇقۇم ئەھۋالى ئەۋج ئېلىپ كەتكەندە، ئۇلار يەنە توپلىشىپ تۈزۈلمە ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمىشە نەپىس مەنپەئەتپەرەسلىك تۈسىنى ئالغان.
بىراق، بۇ مەنپەئەتپەرەسلىك تۈسى خاربىن سانائەت داشۆسىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ بىر ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، جۇڭگونى كۈچلەندۈرگەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئالىي مەكتەپ. كەمىنە كۆپچىلىككە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ باقسام، نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىكى خاربىن سانائەت پەنلىرى داشۆسى چىڭخۇا داشۆ، بېيجىڭ داشۆسىدىنمۇ قالتىس بولۇپ كەتكەن؟
1951-يىلى خاربىن سانائەت داشۆسى ئاۋىئاتسىيە فاكۇلتېتىنى بۆلۈپ، چىڭخۇا داشۆسىگە قوشۇۋېتىلىپ، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش شۆيۈەنى قۇرۇلغان.
1952-يىلى چىڭخۇا داشۆسىگە قوشۇۋېتىلىپ تەشكىللەنگەن ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش شۆيۈەنى يەنە بىر قېتىم ئايرىۋېتىلىپ، ھازىرقى بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسى قۇرۇلغان.
1958-يىلى خاربىن سانائەت داشۆسى خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتىنى بۆلۈپ، چىچىخار داشۆسىنى قۇرغان.
1958-يىلى، خاربىن سانائەت داشۆسى ئاۋىئاتسىيە فاكۇلتېتى راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا كەسپىنى بۆلۈپ، غەربىي شىمال سانائەت داشۆسىگە ياردەم بېرىپ، راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا كەسپىنى غەربىي شىمال سانائەت داشۆسىگە ھەدىيە قىلغان.
1961-يىلى خاربىن سانائەت داشۆسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپىنى بۆلۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېيجىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شۆيۈەنىگە قوشۇۋېتىپ، شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى داشۆسىنى قۇرغان.
1964-يىلى خاربىن سانائەت داشۆسى يۇقىرى بېسىملىق توك تېخنىكىسى ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى خىمىيە كەسپىنى بۆلۈپ، ۋۇخەن سۇ ئىشلىرى شۆيۈەنىگە، يەنى ھازىرقى ۋۇخەن داشۆسىنى قۇرغان.
1970-يىلى خاربىن سانائەت داشۆسى سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شۆيۈەنى ۋە خاربىن بىناكارلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈپ، شىمالىي جۇڭگو سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر داشۆسىنى قۇرغان.
خاربىن سانائەت داشۆسى خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتىنى بۆلۈپ، داليەن سانائەت پەنلىرى داشۆسىگە، كان فاكۇلتېتىنى ئايرىپ، شەرقىي شىمال داشۆسىگە قوشۇۋەتتى، خاربىن سانائەت داشۆسى چىنخۇاڭداۋ شۆبە مەكتىپى بىۋاسىتە مۇستەقىل يەنشەن داشۆسىگە ئايلاندى.

نەتىجىدە، خاربىن سانائەت داشۆسى ئۆزىنى پارچىلاپ، باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇپ، بىلىم ئۇرۇقىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ھەممە يېرىگە چاچتى. خاربىن سانائەت داشۆسى جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق دەرىجىدىن تاشقىرى داشۆدىن تەدرىجىي چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسى، ۋۇخەن داشۆسى، جېجياڭ داشۆسى، فۇدەن داشۆسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەينىدە قالدى.

بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ئىلگىرىكى شانلىق نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ئىختىساسلىقلار. مۇشۇنداق ئايرىش جەريانىدا خاربىن سانائەت داشۆسى ئۆزىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىقتىساسلىقلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. خاربىن سانائەت داشۆسى ئۆزىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى سىرتقا تارقىتىپ، كۆكلىتىپ، جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى.
شۇنداق بولسىمۇ، خاربىن سانائەت داشۆسى يەنىلا جۇڭگو بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى. ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى، تانكا، برونېۋىك، ماشىنىلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەردە خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنى بار. پەقەت، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي شىمال مائارىپىنىڭ ئىلگىرىكى شانلىق نەتىجىلىرىنى قايتا نامايان قىلىشى تەس.
دەپ بېقىڭە، شەرقىي شىمالنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرغۇسى يوقمۇ؟ خاربىن سانائەت داشۆسى چىڭخۇا، بېيجىڭ داشۆسىدىن ھالقىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئالىي مەكتەپكە ئايلىنىشنى خالىمامدۇ؟ پەقەت ئاشۇ تەقدىم قىلىش ھەققىدە سۆزلىگەن يىللاردا، شەرقىي شىمال ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى داشۆسىنى تەقدىم قىلدى.


بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شەر قىي شىمال يەنىلا جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم ئېغىر سانائەت بازىسى بولۇپ قالدى. ئېغىر سانائەت سېلىنمىسى كۆپ، پايدىسى ئاز، دەۋرىيلىكى ئۇزۇن بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، يېنىك سانائىتىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتى، خۇرۇم ئاياغ زاۋۇتىغا مەبلەغ سېلىنسىلا، بازار قىممىتى نەچچە يۈز مىليارد يۈەنگە يېتىشكە ئوخشىمايدۇ.
بۈگۈنكى جۇڭگو شېن فېينىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى 110 مىليارد يۈەندىن ئاشمايدۇ، لېكىن ئەنتا بازىرىنىڭ بازار قىممىتى 300 مىليارد يۈەن، تېڭشۈننىڭ بازار قىممىتى 4 تىرىليون 550 مىليارد يۈەن، جۇڭگو شېنفېي ئەنتاغا يەتمەيدۇ، تېڭشۈنگە يەتمەيدۇ دېيەلەمسىز؟


بىرى ئاياغ ساتىدىغان، بىرى كارخانىچى دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋېتىلگەن، ئۇ ئويۇن ياساپ، ئۆزىنى پەقەت بىر ئادەتتىكى شىركەت دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بۇ ئادەتتىكى شىركەتنىڭ بازار قىممىتى بىر ئايروپىلان ياساش شىركىتىنىڭ بازار قىممىتىنىڭ 41 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ دۇنيادا تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى شۇكى، توردا شېنفېينى كۆزگە ئىلمايدىغان سۆزلەر تورنى بىر ئېلىپ، ئەكسىچە ئويۇن شىركەتلىرىنى مۇقەددەسلىككە كۆتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا يېتەكچىسىنى «دادا» دەپ توۋلىماقتا.
شېنفېي پەقەت تەقلىد قىلىشنىلا بىلىدۇ، شېنفېي پەقەت سوۋېت رۇسىيەسىنى كۆچۈرۈشنىلا بىلىدۇ، دېگەندەك بۇ خىل سۆزلەر شېنفېيغا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سانسىزلىغان جۇڭگو ئاۋىياتسىيە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا قىلىنغان تۆھمەت.


ئەگەر تەقلىد قىلىشنى بىلسىلا، كۆچۈرۈشنى بىلسىلا، ئايروپىلان ياساپ چىققىلى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم ئاللىقاچان ئايروپىلان ياساپ بولغان بولاتتى. يەنە بەزىلەر چېڭفېي ئارقىلىق شېنفېينى بېسىۋاتىدۇ، بۇنى بىلەمسىز؟ چېڭفېينى دەل شېنفېي ياردەم قىلىپ قۇرۇپ چىققان. چېڭفېينىڭ نۇرغۇن يادرولۇق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى شېنفېي ياردەم قىلغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە چېڭفېي بىلەن شېنفېي جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائىتى گۇرۇھى قارمىقىدىكى ئىككى قېرىنداش ئورۇن. چېڭفېي بىلەن شېنفېي قارىماققا ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما تېخىنىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدۇ. بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخنىكا لۇشيەنىدە مېڭىش، يەنە بىرى ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا لۇشيەنىدە مېڭىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى.
چېڭفېي قىرغۇچى 10 بەلگىلىك ئايرۇپىلاننى رەسمىي تەتقىق قىلىپ ياساشتىن بۇرۇن، شېنفېي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. مەيلى ئىلگىرى بولسۇن ياكى بۇنىڭدىن كېيىن بولسۇن، شۇنداقلا كەلگۈسىدە بولسۇن، شېنفېي جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت.


دۆلەت مۇداپىئەسى ھەربىي سانائىتى جەھەتتە، شەرقىي شىمال يەنە ئاۋىياماتكا، يادرو چۆكمە پاراخوتى، قوغلىغۇچى پاراخوت قاتارلىق زور ھەربىي قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ياساشنى ئۈستىگە ئالغان. شەرقىي شىمال ھازىرغا قەدەر، يەنىلا جۇڭگونىڭ ھەربىي سانائىتىدىكى بىرىنچى مۇھىم بازار بولۇپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق قورالغا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن، ئايروپىلان، ئاۋىياماتكا، يادرو چۆكمە پاراخوتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي شىمالدا ياسالغان.
لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇل تاپمايدۇ. ئاشلىق بازىسى، مائارىپ بازىسى، ھەربىي سانائەت بازىسىمۇ ئۇل خاراكتېرلىك كەسىپ، پۇل تېپىش ئۈنۈمى جەھەتتە، ئاياغچىلىق، كىيىمچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پىششىقلاپ ئىشلەش، تاشقى سودا قاتارلىق كەسىپلەرگە يەتمەيدۇ.
شەرقىي شىمالنىڭ GDP سى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن شەرقىي شىمالنىڭ GDP سىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك.
خۇددى رۇسىيەنىڭ GDP سى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە يەتمەيدۇ، لېكىن پۇتىن ياخشى سۆزلىدى: «نەچچە ئون مىليون قېتىم ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كۆرە، بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ قانىتىنى بىر قېتىم ھەرىكەتلەندۈرگەنگە يەتمەيدۇ.»


بىز شەرقىي شىمالغا قاراشتا، پەقەت GDP غىلا قارىساق بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ئۈستىگە ئالغان رولى ۋە بۇرچىغا قارىشىمىز كېرەك. جۇڭگولۇقلار ھەقىقىي كۈچەيگەن كۈن، چوقۇم شەرقىي شىمال ئېغىر سانائىتى گۈللەنگەن كۈن بولىدۇ.
بۇ شەرقىي شىمال ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئازگال، شۇنداقلا شەرقىي شىمال يېڭىشكە تېگىشلىك بالايىئاپەت.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0