大数跨境

ئىستېمالچىلارنى «غالجىر ئىت» دەپ ھاقارەتلەش

ئىستېمالچىلارنى «غالجىر ئىت» دەپ ھاقارەتلەش NepKan
2022-01-16
1
导读:ۋاتسونس خېجى-خۇاڭفۇ قارىمىقىدىكى شىركەت بولۇپ، لى جياچېڭنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك زەنجىرسىمان تاللا ب
ۋاتسونس بىر قېتىملىق سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 49 يۈەنلىك، 59 يۈەنلىك بىر پارچە يۈز چاپلىقىنى بىر پۇڭ تۆلەپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئىككى خىل يۈز چاپلىقىنىڭ ھەر بىرىنى بەش قېتىم سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، بىر ئادەتتىكى ئىستېمالچى بىر يۈەن خەجلىسىلا ئون پارچە يۈز چاپلىقى سېتىۋالالايدۇ. ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسەت.


ئەگەر ئادەتتىكى باھادا سېتىۋالسا، 540 يۈەن خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن پائالىيەت مەزگىلىدە سېتىۋالسا، پەقەت بىر يۈەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاتسونس يەنە بىر خىل 69 يۈەنلىك ھەسەل يۈز چاپلىقىنى بازارغا سالغان بولۇپ، ئېتىبار باھاسى توققۇز يۈەنگە چۈشكەن. ئىستېمالچىلار پەقەت 9 يۈەن تۆلەپ، بىر يۈەن يەتكۈزۈش ھەققى قوشسىلا، جەمئىي 10 يۈەنگە بىر پارچە سېتىۋالالايدۇ.
يۈز چاپلىقى ئاياللارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تېرە ئاسراش ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، ۋاتسونس بۇنداق كۆپ پايدا بەرسە، ئاياللار ئەلۋەتتە قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك. بەزى ئىستېمالچىلار بىر نەچچە ھېسابات نومۇرىنى ئالماشتۇرۇپ، بىر قېتىمدىلا نەچچە ئون خىل يۈز چاپلىقىنى سېتىۋالغان.
راستىنى ئېيتقاندا، بۇ يەردە يۈز چاپلىقىنى تالىشىپ سېتىۋالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئائىلىنى تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرىدىغان ياخشى ئاياللاردۇر. ئۇلار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، لېكىن ئەقلىي ئىستېمال قىلىدۇ. بۇنداق بىر قېتىملىق پۇرسەتتە، بىر يىللىق يۈز چاپلىقى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم كۈندىلىك تېرە ئاسراشتا ئىشلىتىلىدۇ، ھەم ئۆينىڭ خېلى كۆپ پۇل تېجەپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى بەك چوڭ بولغاچقا، سەھەر سائەت بەشتىن سەككىزگىچە بولغان قىسقىغىنە ئۈچ سائەت ئىچىدە زاكاز سانى نەچچە ئون مىڭغا يەتكەن، ئىش ھەققى، يۈز چاپلىقىنىڭ تەننەرخى، تەتكۈزۈش ھەققى قاتارلىقلار قوشۇلغاندا، بۇ ۋاتسونسنىڭ بىر قېتىمدىلا نەچچە مىليون يۈەن زىيان تارتقانلىقىغا باراۋەر.
سېتىشنى تېزلىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن زىيان ھەقىقەتەن بەك ئېغىر بولدى. ۋاتسونس ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئۆي باشقۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغاچقا، ئاخىرى بۇ زىيانغا بەرداشلىق بېرەلمىدى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ۋاتسونس خېجى-خۇاڭفۇ قارىمىقىدىكى شىركەت بولۇپ، لى جياچېڭنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك زەنجىرسىمان تاللا بازىرى.


لى جياچېڭ تىجارەتتە ناھايىتى زېرەك بولۇپ، پەقەت ئۇ باشقىلارنىڭ پۇلىنى تاپسىلا بولىدۇ، ئەمما باشقىلار ئۇنىڭ پۇلىنى تاپسا بولمايتتى. بۇ قېتىم ۋاتسونس ئاياللارنىڭ تىجەشچان-ئىقتىسادچانلىقىغا يېڭىلىپ قالدى.
ۋاتسونس بۇنداق زىياننى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاتسونس: «سىلەر داۋاملىق سېتىۋالساڭلار بولىدۇ، لېكىن مەن مال ئەۋەتمەيمەن، پەقەت مەن مال ئەۋەتمىسەملا، مەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ماركىتىڭ ئېلىپ بارالايمەن، ۋاتسونس ماركىسى تونۇلغاندىن كېيىن، سىلەردەك يالاڭتۆشلەر بىزنىڭ بۇ ماركىنى سېتىۋېلىشقا قىلچە ماس كېلىشمەيسىلەر.» دەپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى. 


ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ قېتىم زاكاز چۈشۈرگەن ئىستېمالچىلار دۇكانغا بېرىپ مال ئالسا بولىدۇ. ئەمما ئىستىمالچىلار دۇكانغا كەلگەندىن كېيىن، ۋاتسونسنىڭ خىزمەتچىلىرى ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى يوشۇرۇپ قويۇپ، مال يوق دېگەن.
بۇ سېتىش ئالدامچىلىقى ئەمەسمۇ؟ سودىگەرلەرنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى داڭق چىقىرىپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالدى بىلەن داڭقىنى چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ، ماركىنىڭ تونۇلۇشىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتنى قوغلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. لېكىن، ۋاتسونس بۇنداق ئويلىمايتتى. ۋاتسونس پەقەت كىشىلەرنى جەلپ قىلىشنىلا ئويلايدۇ، ئاتالمىش «بىر پۇڭلۇق تالىشىپ سېتىۋېلىش» پەقەت بىر ئالدامچىلىق تاكتىكىسى. 


بۇ نېمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ «سودا ئالدامچىلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ «ئىشەنچسىز تىجارەت» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمما، ۋاتسونسنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق، ۋاتسونس پەقەت پۇلنىلا كۆزلەپ، يۈزسىزلىكتىن باش تارتمايدۇ. مالنى ئالالمىغان ئاياللار قاتتىق ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ۋاتسونسنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ: «نېمىشقا مالنى ئەۋەتمەيسىلەر؟» دەپ سۈيلىگەندە، ۋاتسونسنىڭ دىكتورى ئىستېمالچىلارنىڭ قايتا-قايتا سۈيلىشىگە چىداپ تۇرالماي، كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىپ: «بىر پۇڭلۇق نەرسىنى دەپ، خۇددى غالجىر ئىتتەك ئادەم چىشلەتمەكچىمۇ؟» دېدى.


ۋاتسونس ئىستىمالچىلارنى تىللاش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، يەنە ئۇلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىدىن تېپىپ چىقىرىۋەتكەن. مانا بۇ ۋاتسونسنىڭ ھەقىقىي پوزىتسىيەسى. بەزىلەر: «بۇ پەقەت خىزمەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسى، ۋاتسونس ئورگان تەرەپكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ھەر بىر شىركەتتە شۇنداق بىر نەچچە ناچار خىزمەتچىلەر بولىدۇ.» دەيدۇ.


بىراق، ئەگەر پەقەت ئاز ساندىكى بىر نەچچە خىزمەتچىنىڭ مەسىلىسى بولسا، نېمە ئۈچۈن ۋاتسونس ئورگان تەرەپ مال سالمايدۇ؟  ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى ھاقارەتلىسە، يەنە زاكازدىن تېنىۋېلىپ، سېلىشقا تېگىشلىك مالنى ۋاقتىدا سالمىسا، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
راستىنى ئېيتقاندا، بەزى ئوقۇرمەنلەر ۋاتسونسنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ۋاتسونس شياڭگاڭدا ئاساسەن بىر قىئات شىركەت بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ تور سىرتىدىكى پارچە سېتىش بازىرىنى مونوپول قىلىۋالغان، چەت ئەل تاللا بازارلىرى شياڭگاڭدا پۇت تىرەپ تۇرماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ۋاتسونسدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تاغدىن ئۆتەلىشى كېرەك.
ۋاتسونس لى جياچېڭنىڭ قارمىقىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زەنجىرسىمان پارچە سېتىش ماركىسى بولۇپ، 14 مىڭ دۇكان بار، 24 دۆلەتكە تارقالغان، يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىلياردلىق دەرىجە بويىچە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار شەخسىي پەرۋىش، ھۆسن تۈزەش، تېرە ئاسراش جەھەتتىكى سودا ماگناتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ۋاتسونس تەخمىنەن 4000 دۇكان ئاچقان بولۇپ، 30 مىليون ئەزاسى بار.


ھەر يىلى ۋاتسونس چوڭ قۇرۇقلۇقتا 20 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپىدۇ. ئەمما، ۋاتسونس ئىستېمالچىلارغا مۇشۇنداق ھاكاۋۇرلارچە مۇئامىلە قىلىشىدىكى جۈرئىتى نەدىن كەلگەن؟
2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يۇقۇم ئەھۋالى بىزگە ھەمراھ بولۇپ ئۈچىنچى يىلغا قەدەم قويدى. بىراق، يۇقۇم ئەھۋالى تېخىچە ئۇزاپ كەتكىنى يوق، يەنە بىر قېتىم قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇشىغا غايەت زور زەربە بولدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىرىمى ئازلاپ كەتتى، ئەسلىدە، ۋاتسونسنىڭ بۇ قېتىمقى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمىتى ھەميانى قۇرۇقدىلىپ قويغان ئىستېمالچىلارغا ياردەم بېرەلەيتتى، جاپالىق تۇرمۇشتا، يەنىلا ئابرۇينى ساقلاپ قالالايتتى.


سودىگەرلەر نام چىقارسا، ئىستېمالچىلارمۇ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن، بۇ پەقەت قېتىم ئابرۇي ۋاتسونس تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاقارەتلىنىپ پارە-پارە قىلىۋېتىلگەن.
بىر ئادەم ئىشەنچسىز بولسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، بىر كارخانا ئىشەنچسىز بولسا، ئىستېمالچىلار ئۇنى ئەتىۋارلاپ نېمە قىلىدۇ؟ كۆپچىلىك ئەجىبا ۋاتسونس بولمىسا، بىزنىڭ ئاياللىرىمىز يۈز چاپلىقى سېتىۋالالمامدۇ؟ بۇ مەسىلە بىزنىڭ ياخشى ئويلىنىشىمىزغا يېتىپ ئاشىدۇ.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0