搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
كانادا غېزى ماركىلىق مامۇق چاپاننىڭ قەد كۆتۈرۈش مەخپىيىتى
>
كانادا غېزى ماركىلىق مامۇق چاپاننىڭ قەد كۆتۈرۈش مەخپىيىتى
NepKan
2021-12-04
0
导读:چەت ئەل ماركىسىنى قارىغۇلارچە قوغلىشىشنىڭ، ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى يوق. جۇڭگولۇقلار يەنىلا ئۆزىگە ئىشىن
2021-يىلى، كانادا جۇڭگودا ناھايىتى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
ئالدىنقى قېتىم جۇڭگودا ناھايىتى قىزىق نۇقتا بولغان كانادالىقنىڭ ئىسمى «بېتيون» بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزگە خەلقئارا كوممۇنىزم دوستلۇقىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بېتيون جۇڭگولۇقلارغا كانادانىڭ گۈزەل، تىنچ دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ قويغان ئىدى.
بىراق، 2021-يىلى بېتيوننىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە قالدۇرغان ھېلىقى «كانادا» ئۆلدى، ئۈزۈل-كېسىل ئۆلدى.
بۈگۈنكى كۈندە كانادا تىلغا ئېلىنسىلا، نېمىنى ئويلىيالايمىز؟ نەشە، مېڭ ۋەنجۇ، ۋۇ فامىلىلىك، كاڭ مىڭكەي، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ قىزى ۋەن تىڭ، جاۋ چاڭپېڭ، يەنە كانادانىڭ قوش ئۆلچەملىك غېزى (غاز پېيى چاپىنى).
تۈنۈگۈن، مەن
«قىمارخانا ۋە شىفىرلاشتۇرۇلغان پۇل سودىسى بازىرىنىڭ پەرقى»
دېگەن يازمىنى يازغان ئىدىم
(بۇ يەرنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.)
ئۇ يازمىدا بىر كانادالىق پۇل ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاۋ چاڭپېڭ دەيدىغان بىرىنى يازغان ئىدىم. بۈگۈن مەن يەنە كانادانىڭ قوش ئۆلچەملىك غېزىنى يازدىم. مەن ئۇدا ئىككى پارچە يازىدىغان دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس، بۇنىڭدىن كانادانىڭ جۇڭگودىكى تەسىر كۈچىنىڭ ھەقىقەتەن كىچىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن كانادانىڭ غېزى قوش ئۆلچەملىك غازغا ئايلىنىپ قالدى؟
ئوخشاشلا غاز، چەت ئەلدە سېتىلسا مال قايتۇرۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگودا سېتىلسا مال قايتۇرۇشنى قوللىمايدۇ. مال قايتۇرمىسىمۇ مەيلى، يەنە ئالاھىدە قىلىپ: «جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا مال قايتۇرۇشقا بولمايدۇ!» دەپ ئەسكەرتىلگەن.
2021-يىلى، كانادا غېزى بىر خىل ھاكاۋۇر قىياپەتتە جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا نەزەر سالدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ تامىقىنى يېسە، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگولۇقلارنى كۆزگە ئىلمايتتى. ئوخشاشلا غاز، پەقەت «جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق رايونلىرىدىلا مال قايتۇرۇشقا بولمايدۇ»، ئوخشاشلا غاز، ياپونىيە، كورېيە، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق رايونلاردا مال قايتۇرۇشقا بولىدۇ.
ئەجىبا جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇلىنى ئالداش شۇنچە ئاسانمۇ؟ قاراپ تۇرۇپ جۇڭگولۇقلارنى شۇنداق ئەخمەق قىلسا بولامدۇ؟
شۇنداق، توغرا، 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگودىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەقىقەتەن ئالدىن بېيىدى. ئون يىگىرمە مىڭ يۈەنلىك كانادا غېزىنىمۇ سېتىۋالالايدىغان بولدى. تەكسە باھالىق، دەسلەپكى نۇسخىسىدىكى بەش، ئالتە مىڭ يۈەنلىك بىر قۇر كانادا غېزى بېيجىڭدىكى مېترودىكى كىشىلەرنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن دېگۈدەك بار. باھاسى قىممەت كانادا غېزى ئەكسىچە جۇڭگودا بىر خىل بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنىڭ ھەممىسىنى قاپلاش ھادىسىسى پەيدا بولدى.
نېمە ئۈچۈن كانادانىڭ قوش ئۆلچەملىك غېزىنى بۇنچە قىممەت ساتقىلى بولىدۇ؟
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تەخمىنەن 1957-يىلى، ئۇ چاغدىكى كانادا غېزى كانادا غېزى دەپ ئاتالماي، بەلكى قار غېزى دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كانادانىڭ ئارمىيەگە مەخسۇس تەمىنلەيدىغان داڭلىق ماركىسى، باھاسى ناھايىتى ئەرزان، ھەتتا بىرەر دۇكىنىمۇ يوق، ساپ زاۋۇت ئەندىزىسى قوللانغان بولۇپ، توپ سېتىش سودىگىرىنىڭ مال ئېلىشىغا تايىنىپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇراتتى، ھازىرقى دۇڭگۈەننىڭ كىيىم-كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى.
لېكىن، قار غېزى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىسمىنى كانادا غېزىغا ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مامۇق چاپانلىرى قاتارىغا رەسمىي كىردى. كانادا غېزى بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرالىغان؟
ئەمەلىيەتتە بەك ئاددىي. دەسلەپتە، كانادا غېزى بىر كىچىك زاۋۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن، زور سوممىلىق ئېلان ھەققى تۆلەشكە پۇلى بولمىغاچقا، ھوللىۋودنىڭ ھەرقايسى چوڭ تىياتىر گۇرۇپپىلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان. بۇ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ مامۇق چاپاننى ھەقسىز سوۋغا قىلىدۇ. مەيلى چوڭ چولپان بولسۇن، مەيلى كىچىك چولپان بولسۇن، سوۋغا قىلالايدىغانلار بولسا سوۋغا قىلىدۇ.
ھەقسىز سوۋغا قىلىدىغان مامۇق چاپاننى ھامان باشقىلار ئالىدۇ. ئاستا-ئاستا، سوۋغا كۆپىيىپ ھەممە يەرنى قاپلاشقا باشلايدۇ، ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن كانادا غېزى توغرا كېلىدۇ. تاماشىبىنلار بىر قاراپلا، ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كانادا غېزىنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟ شۇنداق قىلىپ، كانادا غېزىنىڭ بىراقلا نامى چىقىدۇ!
دۆلەت ئىچىدىكى چولپانلار قارىسا ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى كانادا غېزىنى كىيىۋالغان، ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قولاقنى كەس دېگەندەك، بىزنىڭ چولپانلىرىمىزمۇ سەپتىن قالماستىن كانادا غېزى مامۇق چاپانلىرىنى كىيىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى چولپانلارنىڭ ئۈستىدە بىردىن كانادا غېزى بولغاندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟ دۆلەت ئىچىدىكى تاماشىبىنلارغا قاراپ باقايلى، نېمىشقا جۇڭگولۇق چولپانلارنىڭ ھەممىسى كانادا غېزىنى كىيىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن كانادا غېزىنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىسى تىكلىنىدۇ.
مانا بۇ مەدەنىيەتنىڭ كۈچى، شۇنداقلا يۇمشاق كۈچنىڭ كۈچلۈك پىسخىك ئىستېلاسى. كانادا غېزى گەرچە كانادانىڭ داڭلىق ماركىسى بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي تۈردە كانادا غېزىنى ئېكسپورت قىلىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ ھوللېۋود شەھىرىدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، پۇتىن، ما يۈن، بېكخام قاتارلىقلار ئىلگىرى كانادا غېزىنى كىيىپ باققان. بۇ ئېنىقكى كانادا غېزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەسىرىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىدۇ.
كانادا غېزى يەنە شىمالىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىگە ياردەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدى. ھەممىمىز بىلىمىز، كانادا بىر يۇقىرى كەڭلىكتىكى دۆلەت، شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن. كانادا غېزى مامۇق چاپىنىنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى.
ھالبۇكى، كانادالىق غازلارنىڭ ھەممىسىلا سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەمىنلىنىدىغان مامۇق چاپان ئالاھىدە تىكىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا بۇنداق ياخشى چاپانلار يۈزلەنمەيدۇ. ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا سېتىلغىنى بولسا ئادەتتىكى نۇسخىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا تاغتۇرا نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ.
كانادا غېزىنىڭ داڭلىق ماركىسىدا «غاز» دېگەن خەت بولسىمۇ، لېكىن %80 تىن كۆپرەك كانادا غېزى مامۇق چاپىنىغا ئۆردەك مامۇقى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، «غاز مامۇقى» بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇ كىشىگە بىر خىل خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ، كانادا غېزىنىڭ مامۇق كىيىملىرىگە ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان مامۇق ئىشلىتىلگەن.
كانادا غېزى مانا مۇشۇنداق ماركىتىڭنىڭ نەتىجىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلەرنىڭ قىشتىكى مۇھىم تاللىشى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ شىمالىدا ھاۋا كىلىماتى سوغۇق بولۇپ، كانادا غېزىنى كىيىۋالسا سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىۋالغىلى بولاتتى. لېكىن كانادا غېزىنىڭ ھەقىقىي قىممەتلىكى يەنىلا «ماركا باھاسى»دا ئىپادىلىنىدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بوسىدېن مامۇق چاپىنىنىڭ باھاسى ئاساسەن بىر-ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، باھاسى كانادا غېزىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. بوسىدېن سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتە ھىمالايا تېغىدا بىۋاسىتە تارقىتىپ مامۇق چاپان ساتتى.
كانادا غېزى نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىممەت تۇرۇپمۇ، ئەكسىچە بىر خىل ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنى قاپلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ؟
بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگودىكى ئەڭ كۈچلۈك تەقلىدىي زاۋۇتلارنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ھەقىقىي نۇسخىدىكى كانادا غېزىنى 10 مىڭ 20 مىڭ يۈەنگە ئاران ئالغىلى بولىدۇ، ئوخشىتىپ ياسالغان نۇسخىسىنى بولسا 350 يۈەنگە بىرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، ئىسسىقلىق ساقلاشچانلىقى ئاساسەن ئوخشاش، پەقەت بىر ماركىسى كەم، خالاس.
كانادا غېزى نېمە ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياساشقا زەربە بەرمەيدۇ؟ داڭلىق ماركا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياساش پۈتۈنلەي زىيانلىق ئەمەس، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىمۇ بار. يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان مامۇق چاپاننى سېتىۋالالايدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ھەقىقىي نۇسخىدىكى چاپاننى سېتىۋالالمايدۇ. ئەمما يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوخشىتىپ ياساش ۋە تۆۋەن باھا زور مىقداردا تارقىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، ماركىنىڭ داڭقىنى تېز سۈرئەتتە بازارغا چۈشۈرىدۇ، بۇ زور تەشۋىقات خىراجىتىنى تېجەپ قالالايدۇ.
بازاردىكى خېرىدارلار ھەقىقىي پۇلى بار چاغدا، ئۇ ھەقىقىي غاز پېيى چاپىنىنى سېتىۋالىدۇ.
بۇ خۇددى دەسلەپكى مەزگىلدىكى نايك، ئادىداس قاتارلىق چوڭ ماركىلارنىڭ ئوخشىتىپ ياسىلىپ بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە تارقالغىنىغا ئوخشايدۇ، لېكىن نايك، ئادىداسلارمۇ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان ئاشۇ مەھسۇلاتلار دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىنىڭ بازىرىنى ئىگىلىۋالدى. بۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان مەھسۇلاتلار ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماركىلارغا زەربە بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز ماركىلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ.
بۇ يەردە، كەمىنە كۆپچىلىككە يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. پۇلىڭىز بولسا يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ چەتئەل ماركىلىرىغا ياردەم قىلىپ ھەقسىز ئېلان قىلىپ بەرگۈچە، نېمىشقا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماركىلارنى سېتىۋالمايسىز؟
كاناداغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كانادا غېزى كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ. كانادا غېزىدىن ئىبارەت بۇ بىر ماركا كانادا كىيىم-كېچەك ياسىمىچىلىقىنىڭ بەشتىن بىر قىسم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئاندىن يۇقىرى ئېقىندىكى ئۆردەك، غاز باقمىچىلىقى، خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى قاتارلىقلارنى ئويلاشقاندا، كانادا غېزىنىڭ مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.
كانادانىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كانادا غېزى چەت ئەلدە زاۋۇت قۇرمايدۇ.
جۇڭگولۇقلارنىڭ كانادا غېزى ئۈچۈن تۆلىگەن قىممەت باھاسى كانادالىقلارنىڭ يۇقىرى مائاشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئوخشاشلا كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ كىيىم-كېچەك ئىشچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 5000 يۈەن، ئەمما كانادالىق كىيىم-كېچەك ئىشچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 15 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار كانادا غېزىنى بورداش بىلەن بىر ۋاقىتتا كانادا قوش ئۆلچەملىك غېزى تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ، «جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا مال قايتۇرۇشقا بولمايدۇ!» دېگەن كەمسىتىشكە ئىلاجسىز قالىدۇ.
چەت ئەل ماركىسىنى قارىغۇلارچە قوغلىشىشنىڭ، ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى يوق. جۇڭگولۇقلار يەنىلا ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك.
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296