大数跨境

كارخانىچىلار خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ

كارخانىچىلار خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ NepKan
2022-03-18
2
导读:كارخانا تىجارىتىدە خەۋپ-خەتەر بار، بازار ئالاقىسى كۆپ، ماجىرا يۈز بېرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---

ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي ماجىراسىغا جىنايى ئىشلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق قول تىقىشقا بولمايدۇ

مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى ئىككى مەھكىمىنىڭ دوكلاتىدا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى جىنايى جاۋابكارلىققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، دېلو بولسىمۇ دېلو ئاچماسلىق، جىنايىتى بولسىمۇ سۈرۈشتۈرمەسلىك، جىنايى ئىشلار دېلوسى نامى بىلەن ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي ماجىرالىرىغا قول تىقىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كارخانا تىجارىتىدە خەۋپ-خەتەر بار، بازار ئالاقىسى كۆپ، ماجىرا يۈز بېرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. نورمال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، توختام ماجىراسى ۋە توختام ئالدامچىلىقى قاتارلىق خاراكتېرى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان قىلمىشلار ئوتتۇرىسىدا، دائىم پەقەت بىرلا قەدەم ئارىلىق بولۇپ، «مۈجمەل ئارىلىق»تا ئاسانلا مۈجمەل ھۆكۈم شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جىنايى ئىشلار قاتلىمىغا كۆتۈرۈلگەن ھامان، بازار سۇبيېكتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ئىناۋەت، مەبلەغ ئوبوروتى، تىجارەت پائالىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ گەۋدىلىك تەسىرگە ۋە تېخىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. دېلوغا چېتىشلىق كارخانا مەسئۇل خادىمىنىڭ تۇتۇلۇشى، جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى سەۋەبلىك نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان، ھەتتا شۇ سەۋەبتىن تاقىلىپ قالغان، ئىشچىلار ئىش ئورنىدىن قالغان مىساللار ئاز ئەمەس.
ئىككى مەھكىمە دوكلاتىدا ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي ماجىرالىرىنى جىنايى ئىشلار دېلوسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قايتا تەكىتلىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تەتبىقلىنىدىغان دېلولارغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە «قالپاق كىيگۈزۈش»كە بولمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈلدى. خەلق سوت مەھكىمىلىرى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، كارخانىغا چېتىشلىق 30 ناھەق، خاتا جىنايى ئىشلار دېلوسىنى قايتا سوت قىلىپ تۈزەتتى؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇلتۇر جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە پىكىر چىقىرىپ، بىرلىكتە تەھقىقلەش نازارەتچىلىكى ۋە ھەمكارلىشىش-ماسلىشىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ماجىرا ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتنىڭ چەك-چېگراسىنى قەتئىي ئېنىق ئايرىش جەھەتتىكى روشەن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

ئېلىمىزدە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مۇھىتتا، ئىقتىسادىي ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا جىنايى جازا تەدبىرلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتبىقلاپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەھقىقلەش، نازارەت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ماجىرالارغا ئارىلىشىۋېلىشتىن ساقلىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئەندىشىسىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، كارخانىچىلارنى خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئاسان ئەمەس، كەڭ بازار سۇبيېكتلىرىمۇ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇنلۇق تىجارەت ئارقىلىق پۇختا قەدەم بىلەن يىراقنى كۆزلەش ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0