大数跨境

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خادىملارغا سۇغۇرتا تاپشۇرمىسا...

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خادىملارغا سۇغۇرتا تاپشۇرمىسا... NepKan
2022-03-20
1
导读:بۇ خىل تەلەپ ئاستىدا، ئەمگەكچى ئالدى بىلەن ئەمگەك كېسىم كومىتېتىغا كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خادىملارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ 
جۇڭگو نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئەمگەكچىلەر كۆپ، نۇرغۇن خۇسۇسىي كارخانىلاردا ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمايدىغان ئەھۋاللار يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئەمگەكچىلەر ئادەتتە ئاجىز تەرەپ بولۇپ، ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشىغا ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇق تاپشۇرماسلىقىغا قارىتا، ھەمىشە ئامالسىز قالىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى، شۇنداقلا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقىپ پايدىلىنىش كېرەك. 

1. قانۇن تەتقىقاتى 
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرماي تۇرۇپ، قانداق قىلىپ ئەڭ چوڭ مەنپەئەت ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھوقۇقنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا قارىتا، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن تەسىر ئامىلى مەۋجۇت، ھوقۇقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا تالاش-تارتىشنىڭ خاراكتېرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، بارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ماجىرالىرىنىڭ ھەممىسى ئەمگەك تالاش-تارتىشى بولامدۇ-يوق؟ ھەممىسى ئەمگەك كېسىم كومىتېتىغا بېرىپ كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ دېلو تۇرغۇزسا بولامدۇ-يوق؟ بۇنىڭ جاۋابى ئېنىق ئەمەس. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرماسلىقى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ دەۋا تەلىپىگە ئاساسەن تالاش-تارتىشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىپ، شۇ ئارقىلىق ھوقۇقنى قانداق قوغداشنى بېكىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئەمگەكچى ئەمگەك كېسىم كومىتېتىغا كېلىپ كېسىم چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، قوبۇل قىلماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. تۆۋەندە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەپسىلىي تەھلىل قىلىندى. 

(1) 2001-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى «ئەمگەك ماجىرالىرىغا دائىر ئەدلىيەلىك ئىزاھات (1)»نىڭ 1-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەكچىلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشمىغان ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى، داۋالىنىش پۇلى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تەلەپ قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالار ئەمگەك ماجىراسىغا تەۋە بولىدۇ، لېكىن بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇ ماددا قايتا تەتبىقلانمايدۇ. 

(2) «ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە-كېسىم قانۇنى»نىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىش ۋاقتى، دەم ئېلىش-ۋاقتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پاراۋانلىق، تەربىيەلەش ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتىدە كۆرۈلگەن تالاش-تارتىشلار ئەمگەك تالاش-تارتىشى ھېسابلىنىدۇ؛ 
ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالاش-تارتىشىنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشىغا تەۋە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە قايسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالاش-تارتىشىنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بېكىتىلمىگەن. 

(3) 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى يولغا قويۇلغان «ئەمگەك ماجىرالىرىغا دائىر ئەدلىيەلىك ئىزاھات (3)»نىڭ 1-ماددىسىدا ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمىگەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات تولۇقلاپ بېجىرەلمەي، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەننى باھانە قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 
لېكىن بۇ يەردە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ماجىراسىنى ئەمگەك تالاش-تارتىشىغا كىرگۈزمەسلىك بەلگىلەنگەن. 
(4) «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىشچىلىرىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى تەشكىلگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش تەشكىللىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. 
(5) «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 38-، 46-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەمگەكچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان دېگەن سەۋەب بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئورۇندىن ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، تولۇقلىما پۇلى بىر يىلدا بىر ئايلىق مائاش بېرىش بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئالتە ئايغا توشمىغان بولسا، يېرىم ئايلىق مائاش بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 

2. ئەمگەكچىلەر قوللىنىشقا بولىدىغان تەدبىرلەر
(1) خىزمەتچىلەر ئورۇندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھوقۇقىنى قوغدىماسلىقى كېرەك، ئەگەر بۇنداق قىلىنسا، ئادەتتە قانۇنىي ئاساسى يوق دېيىلىپ رەت قىلىنىدۇ. 
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاتمىغان ياكى تاپشۇرمىغان، كەم تاپشۇرغان بولسا، توغرا ئۇسۇل شۇكى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقىغا پاش قىلىپ، ئەرز قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ۋاقتىدا تىزىملاشنى ھەم تاپشۇرمىغان، كەم تاپشۇرغان قىسمىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۈزىتىشنى رەت قىلسا، مەمۇرىي تارماق ئورۇننىڭ ھەتتا بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى جاۋابكارلىرىغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 
(2) «ئەمگەك تالاش-تارتىشى توغرىسىدىكى ئەدلىيەلىك ئىزاھات (3)»نىڭ 1-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدا، ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلىپ، ئورۇندىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 
گەرچە ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ئەمگەكچىلەر سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمىسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت قانداق بىر تەرەپ قىلىش، تۆلەم سوممىسىنى قانداق بېكىتىش توغرىسىدا ئېنىق ئۆلچەم يوق. ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زىيان راسچوتى مۇنداق: ئۆزى نورمال پېنسىيەگە چىققاندا، ھەر ئايدا بەھرىمەن بولىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلاپ، ئاندىن بەلگىلىك ياش چەكلىمىسى بويىچە جەملەپ ھېسابلاپ، ئۆزىنىڭ تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىدۇ، لېكىن بۇنداق ھېسابلىغاندا سوممىسى كۆپ ھاللاردا بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر قەدەر تەسىتە قوبۇل قىلىدۇ. 
ھازىرقى باسقۇچتا ئادەتتە ئىككى خىل پىكىر مەۋجۇت بىر خىل پىكىر بولسا، ئورۇن ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا رەسمىيىتى بېجىرمەسلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، كېيىنكى يېرىم ئۆمرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئەمگەكچىلەرنىڭ نورمال پېنسىيە ئۆلچىمىدىكى تەمىنات بويىچە ھېسابات قىلىنىشى، ئاندىن شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى بويىچە جەمئىي سوممىسى ھېسابلاپ چىقىلىپ ياكى بۆلەك بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلىپ تۆلەم تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆلەم بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر خىل پىكىردىكىلەر ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن تارىخىي سەۋەبلەر، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش كېرەك، بىر قېتىمدىلا ئەھۋالغا قاراپ تۆلەم بېرىلسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، سوت مەھكىمىسى ئىككىنچى خىل پىكىرگە مايىل بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كونكرېت سوممىسىنى قانداق بېكىتىش، قايسى دائىرىدە بېكىتىش پۈتۈنلەي سودىيەلەرنىڭ ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىغا ئاساسەن بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئەمگەكچىلەردە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن. 
(3) ئەمگەكچى «ئەمگەك توختامى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئورۇندىن ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بۇ خىل تەلەپ ئاستىدا، ئەمگەكچى ئالدى بىلەن ئەمگەك كېسىم كومىتېتىغا كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. 
مەنبە: توۋتياۋ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0