大数跨境

راك كېسىلىدىمۇ «كەسپىي قىزىقىش» بار: ئاسان راك بولىدىغان 20 خىل

راك كېسىلىدىمۇ «كەسپىي قىزىقىش» بار: ئاسان راك بولىدىغان 20 خىل NepKan
2022-01-25
1
导读:راك كېسىلىدىمۇ «كەسپىي قىزىقىش» بار، بۇ 20 ساھەدە راك


راك كېسىلىدىمۇ «كەسپىي قىزىقىش» بار، بۇ 20 ساھەدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدىكى بارلىق راك كېسىلىنىڭ %19 نى خىزمەت مۇھىتى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدىكەن.


مۇھىتتىن باشقا، خىزمەت ۋاقتى، ناچار قىياپەت ياكى ھەرىكەتمۇ راك كېسەللىكىنىڭ «ياردەمچى دورىسى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كەسپىي نۇقتىدىن مۇناسىۋەتلىك كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۆسمىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ سىزگە كەسىپتىكى راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا توغرا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىپ، خەۋپ-خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى مۇتەخەسسىس:
ليۇ شاۋخۇي: جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى؛
چېن شياۋبىڭ: خېنەن ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى؛
دېڭ تىڭ: تيەنجىن تېببىي داشۆسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛
تەرجىمىدە: خاسداۋا سالونى

ئۆسمە كېسىلى 20 خىل كەسىپتىكىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ
ئۇزۇن ۋاقىتلىق خەتەرلىك مۇھىت ئامىلى تۈپەيلىدىن، بەزى كەسىپ، ئىش تۈرلىرىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئامېرىكا «تەرمىلەر» تور بېكىتى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىغان 20 كەسىپ تۈرىنى ئېنىقلاپ چىقتى.


ئايروپىلان خادىمى
ئايرۇپىلان خادىملىرى يۇقىرى بوشلۇقتا تېخىمۇ كۆپ ئىيونلىشىش رادىئاتسىيەسىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ.

ئۇچقۇچى
ئايروپىلاندىكى ھەيدەش بۆلمىسىدىكى ئۇچقۇچىلار ئۇزۇن دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇر (UVA)نىڭ رادىياتسىيەسى تۈپەيلىدىن، قارا پىگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

كەپشەرچى
كەپشەرچىلەر دائىم ئىس-تۈتەك، رادىئاتسىيە ۋە تاشپاختا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، بۇ زەھەرلىك ماددىلار ئۆپكە راكى، بۆرەك راكى، كۆز قارا پىگمېنت ئۆسمىسى ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قەلەمدار
ئۇزۇن ئولتۇرۇش بوغماق ئۈچەي راكى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچە ئۇزۇن ئولتۇرغاندا خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى
تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىدىكى ئىس-تۈتەك ۋە بۇلغانغان چاڭ-توزانلار تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە نۇرغۇن نەپەسلىنىش ۋە كۆپىيىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

دېھقان
ھاشارات يوقىتىش دورىسىنى ئىشلىتىش دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا غايەت زور ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپى بولۇپ، موتوردىن چىققان كېرەكسىز گاز، ئېرىتكۈچى، چاڭ-توزان، ھايۋانات ۋىرۇسى، ئوغۇت، يېقىلغۇ ۋە ئالاھىدە مىكرو ئورگانىزملارمۇ راك پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردۇر.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى
سۇلياۋ، بەزى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا ماددىلار كۆيگەندە، ئۇلار قويۇپ بەرگەن توكسىنلارنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى سۈمۈرۈۋېلىشى مۇمكىن.

كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلىگۈچىلەر
تۈن بويى يورۇق چىراغ نۇرى ئاستىدا خىزمەت قىلغاندا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەبىئىي رىتىمى قالايمىقانلىشىپ، كېچىلىك ئىسمېنا ئىشچىلىرىنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


كان ئىشچىسى
كان ئېچىش بىر تۈرلۈك خەتەرلىك خىزمەت، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كان ئىشچىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.


ئاسفالت بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىشچى
قىزىق ئاسفالت ئىشلەتكەن ئىشچىلارنىڭ قېنىدا كۆپ مىقداردا كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك ھىدروكاربونلار بولۇپ، بۇ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا DNA نى زەخىملەندۈرۈپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


ساتىراش
بىر قىسىم چاچ بويىغۇچى دورىلاردىكى ئاروماتىك ئامىنلار دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئاندا-ساندا چاچ بويىغاندا زەخىملىنىش چەكلىك بولىدۇ، لېكىن ساتىراش بۇ خىل زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ساقلىنالمايدۇ.


تەجرىبە خادىمى
سۈت بېزى راكى جەمەت تارىخى بار ئاياللارنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىخانىدا خىزمەت قىلىشى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئەگەر بۇ ئاياللار تۇنجى بالىلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئورگانىك ئېرىتكۈچ (مەسىلەن، بېنزول) ئىشلەتسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ خەتىرى يەنە %40 ئاشىدۇ.


ئالەم ئۇچقۇچىسى
يەر شارىنىڭ قوغداش خاراكتېرلىك ئاتموسفېرا قەۋىتى ۋە ماگنىت مەيدانىدىن ئايرىلسىلا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەتەرلىك ئىيونلىشىش بوشلۇقىدىكى رادىئاتسىيەدە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ زىيىنى ئايروپىلان خادىملىرى ۋە ئۇچقۇچىلارنىڭكىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.

كاۋچۇك ياساش ئىشچىسى
بالون، رېزىنكە پەلەي ۋە رېزىنكە بوغقۇچ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتا ئىشلىگەندە، دوۋساق، ئاشقازان، قان، لىمفا نەيچىسى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


پلاستىك ماتېرىيال (سۇلياۋ) ياساش ئىشچىسى
پىلاستىك ماتېرىيال ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار ئۇزاق مۇددەت كادمىي، ۋىنىل خىلورىد، ترىخلوروئېتىلېن ۋە ئارسېن قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاچقا، جىگەر، بۆرەك، قان، ئۆپكە ۋە كېكىردەك راكى قاتارلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.


ئاليۇمىن بۇيۇملىرىنى ياساش ئىشچىسى
ئاليۇمىن بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار دائىم كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىدلار، خۇروم بىرىكمىلىرى، نىكېل بىرىكمىلىرى، ئېغىر مېتاللار، يۇقىرى تىنچ ھالەتتىكى ماگنىت مەيدانى ۋە تاشپاختا بىلەن ئۇچرىشىدۇ.


بىناكارلىق ئىشچىسى
تاشپاختا يوشۇرۇن ئاشكارىلانغاچقا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئۆپكە راكى ۋە ئارىلىق تېرە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ، قارا پېگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.


ئاپتوموبىل رېمونتچىسى
ئاپتوموبىل رېمونتچىلىرىمۇ ئوخشاشلا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار (ئارسېن، تاشپاختا ۋە بېنزول)نىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ماي ئېرىتكۈچى تېترا ۋىنىل خىلورىد، دىزېل كېرەكسىز گازىنىڭ راك پەيدا قىلىش رولى بار.


قۇرۇق يۇيۇش ئىشچىسى
تېترا ۋىنىل خلورىد قۇرۇق يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بۇ كەسىپتىكى ئىشچىلار ئاپتوموبىل رېمونتچىلىرىغا ئوخشاش راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.


دەپنە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى
فورمالدېگىد بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، دەپنە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

كەسپتە راك پەيدا قىلىدىغان بەش چوڭ ئامىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش
خىزمەت شەخسنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئاساسى، خىزمەت مۇھىتىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللاردىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر ئايرىم-ئايرىم تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دائىم تۈنىگۈچىلەر، بېسىمى ئارتىپ كەتكۈچىلەر: سۈت بېزى، مەزى بېزىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھورمۇنغا تايىنىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تېببىي خادىملار دائىم تۈنەپ ۋە بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا، ئىچكى ئاجراتمىغا كاشىلا قىلىپ، ھەر خىل جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.


تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئامال بار تۈنىمەسلىك ياكى تۈنەش قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك. تۈنىگەندىن كېيىن، ئامال بار ئۇيقۇنى تولۇقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرىكەت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەپ، كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش كېرەك.

سېمىزلەر، ئۇزاق ئولتۇرغۇچىلار: بالىياتقۇ ۋە تۈز ئۈچەينى ياخشى ئاسراش
پىروگراممېرلار، شوپۇرلار، قەلەمكەشلەر بىر ئولتۇرۇشتىلا كۈنلەپ-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، تۈز ئۈچەي راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى: ھەر بىر سائەت خىزمەت قىلغاندا، ئورنىدىن تۇرۇپ 10~15 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش، سوزۇلۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش، خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كۆپرەك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

دائىم خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقۇچىلار: بەش يىلدا بىر قېتىم ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك
خىمىيەلىك بۇلغىمىلار بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرغاندا، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆمۈر كان، نېفىت، خىمىيە سانائىتى ۋە پولات-تۆمۈر قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپكارلار ئۇزۇن مۇددەت زور مىقداردا چاڭ-توزان ۋە زىيانلىق ماددىلار كۆپ بولغان مۇھىتتا تۇرغاچقا، ئۆپكىگە ئاسانلا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۆپكە راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: كەسىپكارلار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇھىتنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ھەر بەش يىلدا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئىش ئورنىنى بىر قېتىم تەڭشەپ، كېسەللىك خەۋپىنى ئازايتىشى كېرەك.

زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقۇچىلار: شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
تاشپاختا ئىشلەپچىقىرىش، كۆن-خۇرۇم ئىشلەش، قەغەز ياساش، خىمىيەلىك تالا ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشچىلار دۇچ كېلىدىغان راك كېسەللىكى خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، راك پەيدا قىلغۇچىلار ئاساسلىقى نەپەسلىنىش ۋە تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ.
تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل راك كېسىلى بىلەن خىزمەت مۇھىتىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ.
دوۋساق راكى: تېرە ئاشلاش، ئاليۇمىن ياساش قاتارلىق كەسىپلەر.
بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكى: فورمالدېگىد، ئىزوپروپىل ئالكوگول، تاشپاختا پاراشوكى، قىچا گازى قاتارلىق كەسىپلەر ۋە كۆن-خۇرۇم كەسپى بىلەن ئۇچراشقۇچىلار.
لىمفا ئۆسمىسى ۋە ئاق قان كېسىلى: بېنزول (مەسىلەن باسمىچىلىق)، ۋىنىل خىلورىد، X نۇرى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن ئۇچراشقۇچىلار.
جىگەر راكى: ئارسېن، ۋىنىل خىلورىد بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىشچى.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: مۇناسىۋەتلىك راك كېسەللىكىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى كۆپ ھاللاردا ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، 10~20 يىلغا يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم كۈندىلىك قوغدىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇزاق مۇددەتلىك كۈچلۈك ئاپتاپتا تۇرغۇچىلار: تېرىنى ياخشى ئاسراش
خىزمەت جەريانىدا ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلانغاچقا، ئۇچقۇچى، شوپۇر قاتارلىقلارنىڭ تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى: ئۇچقۇچى ۋە شوپۇر قاتارلىقلار بەلگىلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك، مەسىلەن، كۈن نۇرىنى توسۇش پەردىسىنى كۆپەيتىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى سۈرتۈش، قەرەللىك ھالدا تېرىنى تەكشۈرۈش، ئەگەر تېرىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

راكنى ئىلغاش ئۆلچەم كۆرسەتمىسى يۇقىرى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆسمە ناھايىتى كىچىك بولۇپ، بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىقالىشى ناتايىن، سۈرەت ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىمۇ ئاسانلا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۆسمە بەلگە ماددىسى بولسا ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈش، ماددا ئالمىشىش، ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىق سىگناللارنى دەسلەپكى مەزگىلدە بايقاشقا پايدىلىق، لېكىن نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆسمە بەلگە ماددىسىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە خاسلىقى %100 كە يەتمەيدۇ.


راك كېسىلىنى تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى ئۆرلىگەندە راك كېسىلى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ 
جاۋابى ئېنىق ئەمەس.
سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش جەريانىدا، ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەر توپى ئۆسمە بەلگە ماددا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىغان، بۇ تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ.
ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق: كۆرسەتكۈچ پەقەت يېنىك دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قېتىم تەكشۈرگەندە ئۆزگىرىش چوڭ بولمايدۇ، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ.
يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىرى: تۆۋەندىكى تۆت ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ: 1. بىر قېتىم تەكشۈرگەندە، ئۆسمە بەلگىلىرىنىڭ يۇقىرىلىشى ناھايىتى روشەن بولىدۇ، ھەتتا پايدىلىنىش دائىرىسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولسا؛ 2. ئۇدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قايتا تەكشۈرگەندە، ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاش ئەھۋالى كۆرۈلسە؛ 3. كۆپ خىل بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرىلىغان بولسا؛ 4. مۇناسىۋەتلىك بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا.
ئۆسمە بەلگىلىرىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆسمە كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى، ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ گۇمان قىلىنغان بىمارلار، ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار قاتارلىق ئۈچ خىل كىشىلەرنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك.

«ئۇچۇقنى سىقىش» خەتەرلىك قىلمىشتۇر!

2022-01-20

ياللۇغنى كونترول قىلسىڭىز بەدىنىڭىز سىزدىن مىننەتدار بولىدۇ!

2022-01-19

سىز قاباھەتلىك چۈش كۆرەمسىز؟

2022-01-18

دىققەت: تېخىمۇ ئاسان گېموروي بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر

2022-01-17

تەۋسىيەلىك ئوزۇقلىنىش: سۇلۇ ئەڭ ئېسىل دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى

2022-01-16

ئۇ «يۈرەك سوقۇش»نى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان بىردىنبىر ئەيىبكار

2022-01-14

ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇش، بىر ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ قابىلىيىتى

2022-01-14

بىر ئازابلىق ئىش: سېمىزلىك چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ!

2022-01-12

نېمە ئۈچۈن يۈرەك قىشتىن ئەڭ قورقىدۇ؟

2022-01-10

قەھۋەنى كۆپ ئىچىش مەزى بېزى راكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ

2022-01-08

ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشتىكى بەش ياخشى ئادەت

2022-01-08

بەك تۇزلۇق تاماق يېسىڭىز، چوڭ مېڭىڭىزگە ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ

2022-01-07

باشقىلار بىلەن باردى-كەلدىدە بۇ ئۈچ جۈملە سۆزنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ!

2022-01-07

بۇ تۆت خىل كىشىلەر ئۆز ۋاقتىدا يىلتىزىدىن تىزگىنلىشى كېرەك

2022-01-06

يۇقىرى مايلىق يېمەك-ئىچمەك پۈتۈن بەدەنگە قانداق زىيان يەتكۈزىدۇ؟

2022-01-05

ئادەتتىكى كىشىلەر ۋىتامىن تولۇقلىسا زىينى بارمۇ؟

2022-01-04

سانسىز كىشىلەرنى يىغلاتقان نادىر مىكرو ھېكايە: مېھمان قىلىش

2022-01-03

يول راۋان بولمىغاندا، بۇرۇلۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

2022-01-03

2022-يىلىغا قەدەم: نۆلگە قايتىش، قايتا قوزغىتىش، يېڭىلاش

2022-01-02

خەير خوش 2021-يىلى، سالام 2022-يىل!

2021-12-31

خەيرلىك كەچ: كۈرەشچان ياشلىق

2021-12-30

ئالاھىدە دىققەت: بەدىنىڭىزدە بۇ خىل سىگناللار بارمۇ؟

2021-12-29

----

ئېلان:



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0