
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
جوڭگۇ كاپىتال بازىرىنى تىترەتكەن شىنجاڭلىق كارخانىچى
تەييارلىغۇچى-ئانالىز ئەپەندىم

«ئەگەر مەن ھايات قايتىپ چىقالىىساملا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىمەن.» بۇ سۆزنى دېگۈچى بولسا 20 يىللار بۇرۇن جوڭگۇ ئاكسىيە بازىرىدا رىۋايەتلىك شەخىسكە ئايلانغان، جوڭگۇنىڭ ۋال كوچىسىدىكى بۆرە دەپ نام ئالغان، شىنجاڭ دېلوڭ گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى تاڭ ۋەنشىننىڭ 2004-يىلى 12-ئايدا قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش، ئاكسىيە بازىرىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان سۆزى.

دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدە تەسىرى بار كۈچلۈك كارخانىلىرى تىلغا ئېلىنسا تەبئىيلا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كاللىىسىغا گۇاڭخۇي گورۇھى، ئالاھىدە تىرانسىفۇرت ماتۇر پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر كېلىدۇ.
لېكىن بۇ شىركەتلەرنى ئەينى ۋاقىتتا دېلوڭ گورۇھىنىڭ ئەمەلىي كۈچى، تەسىر دائىرىسى بىلەن سېلىشتۇرساق خېلىلا ئاجىزلىق قىلىدۇ. دېلوڭ گورۇھى ئەينى ۋاقىتتا جوڭگۇ پاي بازىرىدىكى بىرىنجى نۇمۇرلۇق دوكا دەپ ئاتالغان. گورۇھ قارمىقىدا 119 بالا شىركەت بولغان، 19 كەسپى پۇل مۇئامىلە ئورگىنىغا ئىگە بولغان چوڭ بىر سودا ئىمپىرىيەسى بار ئىدى. ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتتا گورۇھنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 40 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى، يىللىق باج تاپشۇرۇش نىسبىتى 2 مىلياردتىن يۇقىرى بولغان، 100 مىڭدىن يۇقىرى بولغان ئىشچى خىزمەتچىسى، شىنجاڭدا بىر مىليوندىن يۇقىرى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىغا ياخشى تەسىر كۆرسەتكەن، تىجارەت دائىرىسى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنى ئاساس قىلغان ئۆي-مۈلۈك، ساياھەتچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، ياسمىچىلىق، كان ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلغان، كونترول قىلغان كەسىپ ۋە پۇل مۇئامىلە مۈلكىنىڭ قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، كونترۇل قىلغان پېيى بازارغا چىققان شىركەت 6 دىن ئاشقان چوڭ گورۇھ ئىدى.
ھېلىمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئادەملىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ بۇرۇن دېلوڭ گورۇھىدا ئىشلىگەنلىكىنى پەخىرلىنىپ ئېيتىدىغان كىشىلەر بار.
بىز دېلوڭ گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى تاڭ ۋەنشىن بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى
تاڭ ۋەنشىن 1964-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئاتا-ئانىسى شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار سۈپىتىدە چۇڭچىڭدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار ئىدى. بۇلار ئالتە بالا بولۇپ، تاڭ ۋەنشىن بالىنىڭ كىچىكى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن بەك زىرەك بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى كەمتەر، ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بولۇپ باللىرىنىڭ ئۇقۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. باللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى يېقىن ئىدى. ئۇ تولۇقسىزغا چىققاندا بويى پاكار بولغاچ ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي باشقىلار ئۇنىڭ قىزغىن، ئادەمگەرچىلىكى بار مىجەزى بىلەن تېزلا چىقىشىپ كېتىدۇ. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ساۋاقداشلىرىنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بىراقلا سىنىپ باشلىقىغا سايلىنىدۇ. سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن تاڭ ۋەنشىن ئاستا-ئاستا فىزىكىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ھەم فىزىكىنىڭ سېھرى كۈچى ئۇنى جەلپ قىلىۋېلىپ كۆڭلىدە بىر نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى ياكى كەشپىياتچى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ.
ئەمما ئەمەلىيەت ئارزۇسىدىكىدەك بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن خۇادۇڭ نېفىت ئىنىستىتۇتىنىڭ نېفىت كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. تاڭ ۋەنشىن ئويلىغانچە ئاچچىغى كېلىدۇ ھەم پەقەت قايىل بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇادۇڭ نېفىت ئىنىستىتۇتىدىن ئۆزلىكىدىن چېكىنىپ ئۆيگە قايتىپ قايتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ نومۇرى فۇدەن داشۆسىنىڭ نومۇر سىزىقىغا يېتىپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان فىزىكا فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىدىغان بولدى. لېكىن تەقدىر چاقچاق قىلغاندەك ئۇ يەنە ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى قايتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا ئەسلىدىكى ئۇقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئارزۇسى يەنە بىر قېتىم كۆپۈككە ئايلىنىپ ئاچچىقتا تازا يىغلايدۇ، يەنە كېلىپ خۇادۇڭ نېفىت ئىنىستىتۇتىغا ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ بولغانلىقتىن شىنجاڭ نېفىت ئىنىستىتۇتىغا تەڭلىشىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ چۆرگىلەپ يۈرۈپ كۆڭلى پەقەت تىنچىماي 1985-يىلى يەنە بىر قېتىم ئۇقۇشتىن چېكىنىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ ھەم كۆڭلىدىكى ئارزۇسىنى تاپماقچى بولىدۇ.
ماڭا ئىشەنمىسەڭلار مېنى تۈرمىگە سولىتىۋېتىڭلار!
تاڭ ۋەنشىن ئىگىلىك يارىتىش ئارقىلىق غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۇ ئىگىلىك تىكلەش يولىنىڭ بۇنچە قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ دىھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچ ياخشى باشقۇرالمايدۇ. بىر قۇلۇپ زاۋۇتى ئاچماقچى بولىدۇ، لېكىن رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغاچ مەجبۇرى تاقىۋېتىلىدۇ. تېلېۋىزىيە قانىلى قوبۇللىغۇچنى تەتقىق قىلماقچى بولىدۇ، ئەمما يېرىمىغا كەلگەندە قوبۇل قىلغان تېخنىك خادىمنى باشقىلار تارتىۋالىدۇ. يەم-خەشەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولۇپ پۈتۈنلەي زىيان تارتىدۇ. ۋاكالىتەن يۇڭ ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولۇپ مەبلەغ ئۈزۈلۈپ قالغاچ قىلالمايدۇ، يەنە مىھمانخانا كۆتۈرگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قىلىپ باقىدۇ...
قايتا قايتا مەغلۇپ بولۇپ تاڭ ۋەنشىن ئېغىر قەرزگە پېتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە نەچچە ئون مىڭ بەرگەنلەرمۇ، نەچچە يۈز مىڭ بەرگەنلەرمۇ ھەتتا نەچچە يۈز كويدىن نەچچە مىڭ كويغىچە بېرىپ تۇرغانلار بار ئىدى، لېكىن ئۇلار تاڭ ۋەنشىننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرۈپ ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماي قەرزنى سۈيلەيدۇ. ئاخىرى تاڭ ۋەنشىن چىداپ بولالماي : «ماڭا ئىشەنسەڭلار ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭلار، بولمىسا مېنى تۈرمىگە ئاپىرىپ بېرىڭلار!» دەيدۇ. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ، ھەم پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنى تۈرمىگە سولاتقاندىن كۆرە پۇلىنى قايتۇرۋالغاننى ئەۋزەل كۆرىدۇ. شۇنداق كېلىشكەندىن كېيىن تاڭ ۋەنشىن ئاخىرى ئۇف دەيدۇ ھەم پۈتۈن زېھنىنى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا قارىتىدۇ. تىرىشقان يەردە قالماپتۇ دېگەندەك، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ بىر كومپىيوتىر شىركىتى قۇرىدۇ، ھەم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭنىڭ نېفىتچىلىق ئىشلىرىنىمۇ قوشۇپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆپ پۇل تېپىپ پايدىسى مىليوندىن ئاشىدۇ. قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كۈنى ئۆزىنى تۇتالماي تازا كۈلىدۇ ھەم يىغلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاڭ ۋەنشىننىڭ سىرلىق سەپىرى باشلىنىدۇ.
كاپىتال بازىرىغا يۈرۈش قىلىش
1992-يىلى جوڭگۇ پاي بازىرىدا بىر چوڭ ئىش بولدى. يولداش دىڭ شىياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شۇنداق دەيدۇ: «پاي چېكى ئاكسىيە زادى قانداق نەرسە؟ بىزگە ماس كېلەمدۇ يوق؟ ماس كەلسە تەرەققىي قىلدۇرايلى، ماس كەلمىسە تاقىۋەتسەكلا بولمىدىمۇ؟»
گەرچە 1990-يىلىلا ئىككى چوڭ ئاكسىيە بىرژىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر «پايچېكى، ئاكسىيە كاپىتالىستىك دۆلەتلەرگە ماس نەرسە، بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ.» دەپ قارشىلىق پوزىتسىيەسىدە بولىۋاتاتتى. دىڭ شىياۋپىڭنىڭ بۇ سۆزى بولسا دۆلىتىمىز ئاكسىيە بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بازارنىڭ ئىقتىسادى راۋاجلىنىپ كاپىتال بازىرىدا چوڭ تەۋرەش بولىدۇ.
كاتتا زىياپەت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ چاغدا شىنجىن ئاكسىيە سودا بىرژىسى بەش يۈز مىليونلۇق پاي تارقىتىشنى قارار قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە 5 مىليون چەك تارتىش بېلىتى بولۇپ پايدا چىقىش نىسبىتى %10 ئىدى. ئەينى چاغدا يېڭى پاي چېكى سېتىۋالماقچى بولسا، ئۆچرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئېلىش كېرەك ئىدى، پەقەت نۇمۇر چەك سېتىۋالغۇچىنىڭلا سېتىۋېلىش سالاھىيىتى بار ئىدى، شۇڭا چەك تارتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تاڭ ۋەنشىن 5000 ئادەمنى ياللاپ شېنجېن ئاكسىيە بىرژىسىغا بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ دەسلەپكى پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى چېلەك پۇلنى تاپىدۇ، تاڭ ۋەنشىنمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ پاي چېكى بازىرىدا باي بولۇش رىۋايىتىگە مەپتۇن بولۇشقا باشلايدۇ، كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ مەخسۇس پاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى قۇرۇپ رەسمىي پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا كىرىدۇ.
تاڭ ۋەنشىننى ئەمىلى سودىغا پىششىق بولمىغىنى بىلەن كاپىتال بازىرىدا بىر تالانت ئىگىسى دېيىشكە بولاتتى. غەربى شىمال رايونىنىلا مىسالغا ئالغاندا ئۇ پۇرسەتنى توغرا تۇتۇپ كەڭ كۆلەمدە شۇ يەردىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ دەسلەپكى پېيىنى سېتىۋىلىپ ئاندىن بىر بولسا پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىغا سېتىپ بېرىپ ياكى بولمىسا شىركەت پېيى بازارغا چىققاندىن كېيىن نەقلەشتۈرۈپ نەچچە ئايدىلا 30 مىليون ساپ پايدا ئالىدۇ. شۇنداق مەشغۇلات قىلىپ مەبلەغنى دومىلاتقانچە چوڭىيىپ ئۆزىنىڭ يۈرىكىمۇ يوغىناشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك قىلغۇسى كەلمەي قالىدۇ. ئۇ دۆلەت زايۇمىنى سېتىۋېلىش كەسپى بىلەن ئالدى كەينى بولۇپ بېيجىڭ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردا 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ھېساپ سىرتىدا ئايلىنىش شەكلى بىلەن رەسمى ھالدا دېلوڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھىنىڭ جازىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
دېلوڭ گورۇھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى

1986-يىلى دېلۇڭ شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. 2000-يىلىنىڭ بېشىدا، دېلۇڭ شاڭخەيدە دېلۇڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكەئالدۇرۇپ، 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى رويخەتكە ئالدۇرغان. ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، دېلۇڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ رايون بازىرى، يەر شارى بازىرىنى نىشان قىلغان قايتا تەشكىللەشۋە بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن.دېلۇڭ ئون يىل جەريانىدا شۇغۇللانغان ساھە ياسىمىچىلىق،ئوبوروت، مۇلازىمەت كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئون نەچچە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىركەت قارمىقىدا شىنجاڭ تۇنخې گۇرۇھى پايچەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، خۇنەن مەشئەل مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىكشىركىتى، شېنياڭ بىرىكمە مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تولۇق مەبلەغلىك شىركەت بار ھەمدە 20 نەچچە شىركەتكە پاي قوشقان. 2002-يىلى، بۇ شىركەتلەر سېتىش كىرىمى 4 مىليارد يۈەنگە، يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدىسى 450 مىليون يۈەنگە يېتىشتەك شانلىق نەتىجىنى ئىشقا ئاشۇرغان، دېلۇڭ خەلقئارانىڭ ئومۇمىي مۈلكى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
پاي بازىرىدىكى دىلوڭ گورۇھى كونتىرۇل قىلغان شىركەتلەرنىڭ ئەھۋلىغا قاراپ باقايلى
دېلۇڭ پېيىنى كونترول قىلغان پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت جەمئىي ئالتە بولۇپ، ئۈچ غول پاي چېكىدىن باشقا، يەنە بېيجىڭ جۇڭيەن، چۇڭچىڭ ئوقەتچىلىك شىركىتى ۋە تيانشان پاي چەكلىك شىركىتى بار.
دېلوڭ گورۇھى 1996-يىلى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شىنجاڭ تۇنخى شىركىتىنىڭ %10 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ، كېيىن شىركەت پېيى بازارغا چىققاندا داۋاملىق پېيىنى سېتىۋېلىپ شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ پاي كونترول قىلغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. 1997-يىلى شىنياڭ بىرىكمە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ %30 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ. خۇنەن مەشئەل مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ %25 پېيىنى سېتىۋالدى.
دېلوڭ گورۇھى كونتىرۇل قىلغان ئاكسىيە بازىرىدىكى ئۈچ شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى
شىنجاڭ تۇنخې گۇرۇھىنىڭ كەسپى يەتتە يىل ئىچىدە ئەسلىدىكىدىن 20 ھەسسە، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ھەسسە ئاشقان؛ شېنياڭ بىرىكمىسىنىڭ كەسىپ كۆلىمى ئالتە يىل ئىچىدە ئەسلىدىكىدىن 22 ھەسسە كېڭىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت ھەسسە ئاشقان؛ ئىپادىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان خۇنەن مەشئىلىمۇ ئوخشاشلا ئالتە يىل ئىچىدە ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمى 140 ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 23 ھەسسە ئاشقان.بۇ خىل تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئارقىسىدا ساپ پايدا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى مەۋجۇت ئىدى،شىنجاڭ تۇنخې شىركىتىنىڭ ساپ پايدا نىسبىتى ئالتە يىلدا %27 تىن %5.5 كە، شېنياڭ بىرىكمىسىنىڭ%23 تىن %6 كە، خۇنەن مەشئىلىنىڭ %18 تىن %2.15 كە تۆۋەنلىگەن، بۇ خىل ئۈنۈمى بولمىغان رادىكال كېڭىيىش شۈبھىسىزكى قىممەتلىك بايلىقنى ئىگىلەپ، مەبلەغكە بولغان ئېھتىياجنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ باراتتى. دېلۇڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغان ئۈچ شىركەتكە ماكانلاشقان يىلنىڭ ئالدىنقى يىلى (شىنجاڭ تۈنخې سۇپىسىغا ماكانلاشقان. دېلۇڭ ئۆز قارىمىقىدىكى شىركەتلەر ئارقىلىق غايەت زور پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى قۇرۇپ، شىنجاڭ تۈنخې ھاۋالە شىركىتى، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئىجارە شىركىتى، دېخېڭ ئاكسىيەسى، جۇڭفۇ ئاكسىيەسى قاتارلىقلارنى كونترول قىلغان.
دېلۇڭ بۇ پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىدىن پايدىلىنىپ مالىيە باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىش، ھاۋالە مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، كاپىتال ئېلىش قاتارلىقلارنى زور مىقداردا قانات يايدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق 21 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغكە ئېرىشكەن. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، دېلۇڭنىڭ مەبلەغ تەشنالىقىنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى. دېلۇڭ كاپىتالنى كۆپەيتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۇنمىڭ، نەنچاڭ، جۇجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى سودا بانكىلىرىغا كىرىپ 5-6دەك شەھەرلىك سودا بانكىلىرىنى كونتىرۇل قىلغان.
دېلۇڭنىڭ شەھەر سودا بانكىسىغا كىرىشتىكى مەقسىتى چوڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سىرلىق ئوردا كەبى باغلىنىشلىق شىركەتلەرنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر سودا بانكىسىدىن مەبلەغ ئېلىۋېلىش ئىدى. بۇ مەبلەغلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىسقا مۇددەتلىك قەرز پۇل بولۇپ، دېلۇڭ تەرىپىدىن سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىككە ئىشلىتىلگەن. ھەممىگە ئايانكى، دېلۇڭنىڭ ئوقەتچىلىك كەسپى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پايدىسى ئاستا ئىدى. بۇنداق قىسقا مۇددەتلىك قەرزدىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش، ئوت ئويناشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېلۇڭ بۇ خىل مۇرەككەپ بولغان پاي ئىگىلەش شەكلى، تارقاق پاي ھوقۇقى، ھەر دەرىجىلىك شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى گىرەلەشمە پاي ئىگىلەش ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەبلەغ يۈرۈش تۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن، لېكىن دەل مۇشۇ مەسىلىلەر دېلۇڭنىڭ كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.
دېلوڭنىڭ باشقا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى

2002-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ دېلوڭ چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ بىپايان تەبىئىي ئوتلاق بايلىقىنى ئېچىشقا كۈچ چىقارماقچى بولغان.
ئالدىنقى مەزگىللىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە پىلانلاشتىن كېيىن، 2003-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دېلۇڭ خەلقئارا شىركىتى دېلۇڭ ساياھەت گۇرۇھىنىڭ تەييارلىق گۇرۇپپىسىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا شېنجېن مىنسكنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياۋجياڭنىڭ بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.
بىر تەرەپتىن دېلۇڭ ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى ساياھەت بايلىقىنى تەرتىپكە سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى دۆلەت ئىچىدە ساياھەت كارخانىلىرىنى سېتىۋېلىشنى باشلايدۇ، دېلۇڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جياڭشىنىڭ جىڭگاڭشەن، لۇڭخۇشەن، گۇيجۇنىڭ خۇاڭگوشۇ مەنزىرە نۇقتىلىرى بىلەن سېتىۋېلىش توغرىسىدا كېڭىشىدۇ. ساياھەت بايلىقىنى سېتىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇبايلىق سېتىش سۇپىلىرىنىمۇ تەرتىپكە سېلىشقا باشلايدۇ.
1998-يىلى دېلوڭ گورۇھى رۇسىيەنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشتىن چېكىندۈرۈلگەن مىنسىك ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى 10 مىليونغا سېتىۋېلىپ شېنجېن ئاۋىياماتكا ساياھەت باغچىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەر ئايدا 20-30 مىليون كىرىم قىلىدۇ.
2001-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە دۆلىتىمىز پاي بازىرى چۈشۈش دەۋرى ئۇزۇن بولغان چوڭ كاسات بازارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. كاسات بازارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى دېلوڭ سىستىمىسىكى شىركەت پايلىرى بازار ئېقىمىغا قارشى ھالەتتە ياخشى ئۆسىدۇ. بۇ چاغدا 2003-يىلى دېلوڭ سىستېمىسىدىكى يەنە بىر شىركەت شىنجاڭ پىۋۇ گۈلى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئەكرەمنىڭ قېچىش ۋەقەسى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دېلۇڭ گورۇھى بىلەن كىپىللىك مۇناسىۋىتى بار شىركەتلەر، جۈملىدىن دوستلۇق گۇرۇھى، تىيانشان پېيى، خۇيتۇڭ سۇ ئىشلىرى، تۇنخې مەبلەغچىلىكى، شىنجاڭ جۇڭخې، تيەنلى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، گۇاڭخۇي پېيى قاتارلىقلارمۇ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭ بۆلىكى پايلىرى ئومۇميۇزلۇك ئېچىنىشلىق ھالدا چۈشىدۇ. 18-نويابىردىن 19-نويابىرغىچە، دېلۇڭ مۇدىرىيىتى ۋە ئۈچ ئىجرائىيە كومىتېتى شاڭخەيدە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئەۋجلىنىش ئالدىدا تۇرغان كىرىزىس ھەققىدە جىددىي كېڭىشىش ئېلىپ بارىدۇ. دېلۇڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مەسئۇلى لى چياڭ باشلامچى بولۇپ، بارلىق دېلۇڭ ئاپپاراتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سېتىۋېلىش سېپىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچغول پاي (老三股)» پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ. بۆلۈم دىرېكتورى 10000 پاي، ئادەتتىكى خىزمەتچى 1000 پاي سېتىۋېلىپ، يىل ئاخىرىدىكى باھالاش ۋەزىپە كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلىدۇ. 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن، دېلۇڭ ھەقدارى توپ-توپ بولۇپ خەيدېلۇڭ سارىيىغا كېلىدۇ.
دېلوڭ گورۇھى پۈتۈن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ كونتىرۇللۇقىدىكى پايلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، پاي بازىرىنىڭ تېخىمۇ كاساتلىشىشى بىلەن دېلوڭ سىستېمىسىدىكى پايلارمۇ موللاق ئېتىشقا باشلايدۇ. دېلوڭ ئىلاجسىز كونتىرۇللىقىدىكى پايلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا باشلايدۇ، ساتقانسېرى پايلار شۇنچە چۈشىدۇ. پاي بازىرىدا 15 مىليارد مەبلەغ پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، كېيىن دۆلەتنىڭ ماكرۇلۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتى بىلەن 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، دېلۇڭ سىستېمىسىدىكى شىركەتلەر داۋاملىق بانكىنىڭ قەرز پۇل قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدە بانكىغا 1 مىليارد 730 مىليون يۈەن قەرز قايتۇرىدۇ.
دېلوڭنىڭ سودا ئەندىزىسى بولسا ئاۋال دەسلەپكى قەدەمدە شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش، ئاندىن شىركەت پېيى بازارغا چىققاندا پايلارنى داۋاملىق سېتىۋېلىپ شىركەتلەرنىڭ كونتىرۇل چوڭ پايچېكىغا ئايلىنىش، ئاندىن دىلوڭ سىستېمىسىدىكى شىركەت پايلىرىنى رەنىگە قويۇپ بانكىلاردىن كەڭ كۆلەمدە قەرز ئېلىش، ئاندىن بۇ مەبلەغلەرنى ئۆي-مۈلۈك، نىفىت، تەبىئىي گاز، ساياھەتچىلىك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىپ چوڭ بىر سودا ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىدى.
كاپىتال بازىرىدىكى بۆرە دەپ نام ئالغان تاڭ ۋەنشىن كاپىتال بازىرىدا دائىم ئىللىق قۇياشنىڭ چىقىپ تۇرمايدىغانلىقى، قەھرىتان سوغۇق، بوران چاپقۇننىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كىرەك.
دېلوڭنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقانسېرى گورۇھ قارمىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ غوللۇق خادىملىرى ئىستىپا بېرىشكە باشلايدۇ. ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى دېلوڭ بىلەن باغلىنىشلىق سودىغا ئىگە ھەقدارلار نازارەت ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىشقا باشلايدۇ. دېلوڭنىڭ ھەرقايسى پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز توپلىغان مەبلىغى 46 مىليادتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەھۋالنىڭ يامانلىقىنى پەملىگەن تاڭ ۋەنشىن بىرمىغا قىچىپ كېتىدۇ. كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. مەركەز مەخسۇس دېلو گورۇپپىسىنى قۇرىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكىلەرمۇ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ. 2006-يىلى دېلوڭ گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى تاڭ ۋەنشىن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، ئاكسىيە بازىرىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى بىلەن ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 8 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. كېيىنكى ئىككى يىلدا دېلوڭ گورۇھىدىن 84 ئادەم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. 2012-يىلى تاڭ ۋەنشىن تۈرمىدىن چىقىپ داۋاملىق كاپىتال بازىرىغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لېكىن نەتىجىسى بۇرۇنقىدەك شانلىق بولمايدۇ. ھازىرمۇ پاي بازىرىدا تاڭ ۋەنشىننىڭ بەزى خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.
تاڭ ۋەنشىن شىنجاڭدا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ كاپىتال بازىرى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىگە تونۇلغان، ئىلگىرى جوڭگۇدىكى بايلار رەت تەرتىپىدە 25-ئورۇندا تۇرۇپ، كاپىتال بازىرىدىكى بۆرە دەپ نام ئالغان شەخىس. جوڭگۇدا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى كونا مەبلەغ سالغۇچىلار ئارىسىدا دېلوڭ گورۇھىنى بىلمەيدىغان ئاز بولسا كىرەك. مېنىڭ يازغانلىرىم تاڭ ۋەنشىن ۋە دېلوڭ گورۇھى ھەققىدە كىچىككىنە چۈشەنچە خالاس. سىز بىرمەبلەغ سالغۇچى ياكى سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچى بولۇڭ دېلوڭ گورۇھى توغرىسىدىكى كىتاپلارنى ئىزدەپ ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.


تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

