大数跨境

بۇ تۆت خىل كىشىلەر ئۆز ۋاقتىدا يىلتىزىدىن تىزگىنلىشى كېرەك

بۇ تۆت خىل كىشىلەر ئۆز ۋاقتىدا يىلتىزىدىن تىزگىنلىشى كېرەك NepKan
2022-01-07
0
导读:ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى باكتېرىيەلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقازاننىڭ مۇھىتى خۇددى
40% كىشى يۇقۇملانغان بۇ خىل باكتېرىيە ئامېرىكا تەرىپىدىن «ئېنىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى باكتېرىيەلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشقازاننىڭ مۇھىتى خۇددى جەھەننەمگە ئوخشايدۇ.
ئەمما، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ئورېيانى پارچىلاپ ئاممىياك ھاسىل قىلىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئازادە ياشاش مۇھىتى يارىتىدۇ. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى راھەتلەنسە، ئىنسانلارنى نەس باسىدۇ.

يېقىندا، ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمى 15-نەشردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن سەككىز خىل بىرىكمىنى كۆپەيتتى. بۇ ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشى ئىنسانلاردا راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

تېخى يېقىندىلا، نوپۇزلۇق تېببىي ژۇرنال «سۆگەت يوپۇرمىقىسىمان پىچاق (柳叶刀)» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى %70 يېڭى ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشى مۇسبەت بولغان.
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» تەتقىقات ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، سىزگە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن ئاشقازان راكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ساقلايدۇ.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى مۇتەخەسسىس:
چېڭ خۇڭ: بېيجىڭ داشۆسى 1-دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى.
ياڭ ئەيمىڭ: بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى.
ۋاڭ جۈفېڭ: خېنەن ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى.
تەرجىمىدە: خاسداۋا سالونى

دۆلىتىمىزدە يەتتە ئۈلۈش يېڭى ئاشقازان راكى مۇسبەت چىققان
ئاشقازان راكى دۇنيادىكى 5-چوڭ راك كېسىلى، شۇنداقلا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىتىكى 2-چوڭ سەۋەب.
2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «سۆگەت يوپۇرمىقىسىمان پىچاق» ژۇرنىلى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 2020-يىلى پۈتۈن يەر شارىدا ئاشقازان راكىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئادەم سانى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ، جۇڭگودا 478 مىڭ بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئادەم سانى تەخمىنەن پۈتۈن يەر شارىنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش ئاشقازان راكىدىكى ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 340 مىڭ نەپەر يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاشقازان راكى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


يۇقىرىقى تەتقىقاتقا ئوكسفورد داشۆسى ئالىملىرى رىياسەتچىلىك قىلغان. تەتقىقاتچىلار جۇڭگودىكى بەش شەھەر ۋە بەش يېزىدىن 2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە قۇرامىغا يەتكەن 512 مىڭ كىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توپلىغان بولۇپ، يېشى 30-79 ياشقىچە ئىكەن، 2017-يىلى جەمئىي 3464 كىشىگە ئاشقازان راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
ھېسابلاشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كاردىيە (ئاشقازان كىرىش ئېغىزى)سىز ئاشقازان راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن ھەر 100 مىڭ ئادەمدىن 57.6 ئادەم، ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان راكى تەخمىنەن ھەر 100 مىڭ ئادەمدىن 10.5 ئادەم بولۇپ، ئەرلەردىكى قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن ئاياللارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان راكى بولمىغانلاردا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان قان زەردابىنىڭ مۇسبەت نىسبىتى %94.4، ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان راكى ئىچىدە %92.2 بولغان.
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ يۇقۇملىنىشى غەيرىي ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئالتە ھەسسە، ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۈچ ھەسسە يۇقىرىلىتىۋەتكەن. بۇ خەۋپ-خەتەر ئىلگىرىكى جۇڭگو دوكلات قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى %80 تىن ئارتۇق ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان راكى، %60 تىن ئارتۇق ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئاشقازان راكى كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىگە تەۋە ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: كىشىلەر توپىنى ئاساس قىلغان ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ۋە يىلتىزىدىن يوقىتىشنى ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تاكتىكا قىلىش كېرەك.

تۆت خىل كىشىلەر ئۆز ۋاقتىدا يىلتىزىدىن تىزگىنلىشى كېرەك
خەلقئارا نوپۇزلۇق ژۇرنال «ئاشقازان-ئۈچەي» يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئاھالىلىرى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئورتاق تونۇشى دوكلاتى (2021-يىل نەشرى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئورتاق تونۇش» دېيىلىدۇ)غا ئاساسەن، دۆلىتىمىزدە %40 ئاھالە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغان، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئائىلە ئېقىمىنى تەڭشەش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، تەخمىنەن %64 ئائىلە ئەزاسى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغان.

ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ئاشقازان شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىدا پارازىتلىق ياشاپ، %80~%67 ئاشقازان يارىسى ۋە %95 ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە تەكرار ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇپ، كېيىنكى كېسەللىكلەرنى، مەسىلەن، يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولسا، راكنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە تەۋە بولۇپ، ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭكىدىن 3~10 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىر تۈرلۈك بىئولوگىيەلىك راك پەيدا قىلغۇچى فاكتور دەپ بېكىتىلدى.

گەرچە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئاشقازان راكىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاشقازان ئاستى بېزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ياكى ئۇنىڭ ئاشقازان ئىچىدە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئېلىپ يۈرگەنلىكى بىلەن چوقۇم ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىر تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ئاشقازان راكىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىدىكى بىرىنچى باسقۇچ مەزگىلىدۇر.
ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشى گېن، مۇھىت، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، مۇناسىۋەتلىك راك ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك.
تۆۋەندىكى تۆت خىل كىشىلەر توپى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ۋاقتىدا داۋالىشى كېرەك:
ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا ئالامىتى بار بىمارلار، مەسىلەن، ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلار، خىزمەت قىلىۋاتقانلاردا كۆپىنچە قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

سوزۇلما يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئاشقازان شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش قاتارلىق راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان بىمارلار.

جەمەتىدە ئاشقازان راكى بىمارلىرى بار، مەسىلەن، ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇلۇغ بوۋىسى، ئۇلۇغ مومىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە، ئەگەر بىرەرسى ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن دەرھال داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە مۇناسىۋەتلىك لىمفا ئۆسمىسى بىمارلىرى. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئۆسمىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاسانلا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىمۇ ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.

تۆۋەندىكى بىر قانچە كېسەللىك ئالامىتى سىزنى تەكشۈرۈشكە ئەسكەرتىدۇ؟
بىر ئادەمدە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
بىمارنىڭ شۆلگىيى، چوڭ تەرىتى، قۇسۇقلىرىدىن ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. بىمار ئىشلەتكەن قاچا-قۇچا، چىش سايمانلىرى، تەرەت قاچىسى قاتارلىقلار ۋە بۇلغانغان يېمەكلىك، سۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇش مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن.
ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەردە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، بەزىلىرى ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن كېسەل كۆرسىتىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، كىسلاتا قايتۇرۇش، كېكىرىش (كېكىرىش) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى ھەزىم قىلىش يولى يارىسى، سوزۇلما يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەيلىشىش، ئېپىتېلىيە ئۆسمىسى، شۇنىڭدەك ئاشقازان راكى جەمەت تارىخى بارلار ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم نەپەس تەجرىبىسى قىلىپ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

C13 بىلەن C14 نەپەس چىقىرىش تەجرىبىسى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ «ئالتۇن ئۆلچىمى»، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا دىئاگنوز قويۇشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %95 تىن ئاشىدۇ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەتىرى يوق، پەقەت ئىككى قېتىم پۈۋلىسىلا بولىدۇ.

تۆت ئىنچىكە ھالقىدا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئەمما ياخشى بولغان تازىلىق ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلمىغاندا، يەنە قايتا يۇقۇملىنىدۇ.
ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئائىلە ئەزالىرى ئايرىم تاماقلىنىش تۈزۈمىنى قوللىنىش
ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە بەزىلەر ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانسا، چوقۇم تاماقنى ئايرىپ يېيىشى ھەم ئايرىم چوكا، قوشۇق ئىشلىتىپ، ئۆزئارا ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى، قاچا-قۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا 20 مىنۇت قاينىتىپ دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك.

ئېغىزنى ئېغىزغا يېقىپ تاماق يېگۈزمەسلىك كېرەك
بالىلارغا ئېغىز بىلەن تاماق بېرىشنى توسۇش كېرەك، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.
بوۋاقنىڭ ئېمىزگۈسىگە ۋە ھەر خىل يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگكۈزمەسلىك كېرەك. بەزىلەر ئىختىيارسىز ھالدا كالپۇك ياكى تىل ئارقىلىق يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى سېزىدۇ ياكى ئېمىتىشتىن بۇرۇن ئېمىزگىدىن تېتىپ باقىدۇ، بۇ ئادەتلەرنى تاشلىۋېتىش كېرەك.

ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى پاكىز يۇيۇش ياكى پوستىنى سويۇش، چالا پىشقان گۆشلەرنى يېمەسلىك، سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.

بەك قىزىق نەرسىلەرنى، بولۇپمۇ يەل قازان شورپىسى، كاۋاپ، ھاراق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش
ئائىلىدە بەزىلەر يۇقۇملانسا، باشقا ئەزالارنىڭ مۇسبەتلىك نىسبىتىمۇ ئاشىدۇ، شۇڭا قەرەللىك تەكشۈرۈپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
مەنبە: «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

چىش ئاغرىقىنى تېز سۈرئەتتە توختىشىش ئۇسۇلى

2020-02-08

يۈرەكنى ئاسراشتىكى بۇ پىرىنسىپلارنى چۈشىنەمسىز؟

2020-02-10

مەن مەزى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالدىممۇ؟

2020-02-11

مۇھىم ئەزا، ئاشقازاننى ئاسراش ساۋاتلىرى

2020-02-11

چىش ئاغرىقى نېمىشقا دائىم كېچىدە قوزغىلىدۇ

2020-09-20

چىش يىلىكى ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

2020-09-20

بالىلار كەمپۈتنى ئاز يېسە قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ

2020-09-20

ئەرلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددا

2020-11-09

ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر

2020-11-11

سۈت بىلەن تاتلىقياڭيۇنى بىللە يېسە بولامدۇ

2020-11-15

ئەرلەرنىڭ ئەمچەك توپچىسىنىڭ بۇ تۆت چوڭ رولى

2020-11-16

قول توڭلاپ (ئۈششۈپ) قالسا قانداق قىلىمىز

2020-11-16

ھەسەلنىڭ مەستلىكتىن يېشىش رولى بارمۇ

2020-11-18

سىز ئىچ كىيىمىڭىزنىڭ قانچىلىك مەينەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز

2020-11-18

ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك 10 ساۋات، ئەڭ ئاخىرىدىكىسى بەك مۇھىم!

2020-11-30

ئادەم بەك سېمىز بولۇشنىڭ قانداق زىيىنى بار

2020-12-01

قولىغا سوغۇق سۇ بوتۇلكىسى ئېلىۋالسا تېخىمۇ ياخشى ئورۇقلامدۇ

2020-12-09

ھەر كۈنى بىر تال ئاسپىرىن يەپ بەرسە راكنىڭ ئالدىنى ئالامدۇ

2020-12-10

قەھۋە ئادەمنى ھورۇنلاشتۇرىۋېتەمدۇ

2020-12-11

قىزىل پىيازنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى

2020-12-12

دىققىتىنى يىغالمايدىغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىقمۇ

2020-12-13

ھەيز مەزگىلىدىكى كېرەكسىز قانلارنى قانداق تازىلاش كېرەك

2020-12-14

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇن مۇددەت يېتىۋېلىشنىڭ زىيىنى چوڭ

2020-12-15

ئاق مور بىلەن ئاق قېرىنقۇلاقنىڭ قانداق پەرقى بار

2020-12-17

قۇلاق ئاغرىقىنىڭ ئاددىي ئاغرىق توختىتىش ئۇسۇلى قايسىلار

2020-12-19

ئانا سۈتى يېتىشمەيۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى

2020-12-20

----

ئېلان:



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296