搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئالاھىدە دىققەت: بۇ سىياسەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!
>
ئالاھىدە دىققەت: بۇ سىياسەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!
NepKan
2022-02-12
1
导读:كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلى
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خەلق بانكىسى «2021-يىلى 4-پەسىللىك جۇڭگو پۇل سىياسىتى ئىجرا دوكلاتى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاشقا مۇۋاپىق بولغان پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.
مەركىزىي بانكا: ئالاقە تورى مەبلەغ باشقۇرۇش، چىقىم قىلىش ئاپپاراتى P2P تور قەرز سۇپىسىنىڭ ھەممىسى تىجارەتتىن چېكىندۈرۈلىدۇ
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇھىم، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نۇقتىلىق خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ئاپپاراتلار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى. باۋشاڭ بانكىسى، خۇاشيا ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، يېڭى دەۋر ئاكسىيەسى قاتارلىق ئون پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى كەسكىن، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈۋېلىپ، باۋشاڭ بانكىسىنىڭ ۋەيران بولۇش ھېساباتى مۇقىم تاماملاندى. خۇاشىن گۇرۇھىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئەنباڭ گۇرۇھىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ قالدى، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش پىلانى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى. خەلق بانكىسى بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ فاڭجېڭ گۇرۇھى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرى ۋە خېڭفېڭ بانكىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى مەركەزلىك تۈزەپ، پۇل مۇئامىلىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئالاقە تورى مەبلەغ باشقۇرۇش ئاپپاراتى، ئىجازەتنامىسى يوق چىقىم قىلىش ئاپپاراتى، پاي ھوقۇقى ئاۋام غەملەش سۇپىسى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئالاقە تورى ئۆزئارا ياردەم بېرىش سۇپىسىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇش كېرەك. P2P تور قەرز سۇپىسىنىڭ ھەممىسى تىجارەتتىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك. چېگرا ئىچىدىكى مەۋھۇم پۇل سودىسى ۋە ۋاكالىتەن پۇل تارقىتىش مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنى تاقاش كېرەك. چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئالاقە تورى تاشقى پېرېۋوت سودا سۇپىسىنى تاقاش ۋە توسۇش كېرەك. قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى قالايمىقان بېجىرىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.
مەركىزىي بانكا: پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېيىنكى قەدەمدە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەرنى كۆزىتىش، باھالاش ۋە سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق، مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىز يەر شارى سىستېمىسىدىكى مۇھىم بانكىلارنىڭ مۇكەممەل ئومۇمىي زىياننى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنى بازارلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىشى ۋە كاپىتالنى تولۇقلىشىنى قوللاش كېرەك. زامانىۋى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. داۋاملىق «ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا چۇۋۇش» فاڭجېنى بويىچە، نۇقتىلىق ئاپپاراتلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەسئۇل بولىدىغان مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئەخلاق خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
مەركىزىي بانكا: ئۆي-مۈلۈك پۇل مۇئامىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۇرالغۇ ئىجارە پۇل مۇئامىلىسىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېيىنكى قەدەمدە پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك قوللايدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم بەرپا قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تۇنجى قېتىملىق قەرز پۇل، داۋاملاشما قەرز، ئىناۋەتلىك قەرزنى داۋاملىق كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، قەرز بېرىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، قەرز بېرىشنى خالايدىغان، قەرز بېرەلەيدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار تەمىنلەش زەنجىرىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئېرىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ساھەلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.
ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈكنى قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈك پۇل مۇئامىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۇرالغۇ ئىجارە پۇل مۇئامىلىسىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆي ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەركىزىي بانكا: ھازىر كارخانىلارنىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى كېيىنكى قەدەمدە پۇل كىرېدىتىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاش كېرەك
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 4-پەسىلدە ئېلىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتى جانلىق، توغرا، مۇۋاپىق بولدى، دەۋر ھالقىغان تەڭشەش بىلەن يىل ھالقىغان سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، ئالدىن كۆرەرلىك، مۇقىملىق، قاراتمىلىق، ئۈنۈمدارلىق، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى، پۇل كىرېدىتى مۇقىم ئاشتى، كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقى مۇستەھكەملەندى.
كېيىنكى قەدەمدە پۇل كىرېدىتىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاپ قالىمىز. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىنىڭ مارگىنال ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مالىيە كىرىم-چىقىمى، ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش، نەق پۇل تارقىتىش-يىغىۋېلىش ۋە ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش قاتارلىق ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، بازار ئۆسۈم نىسبىتىنى سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى مەركەز قىلىشنى چۆرىدەپ يۇقىرى-تۆۋەن داۋالغۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
پۇل بىلەن تەمىنلەشنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بانكا كىرېدىت تەمىناتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى، كاپىتال ۋە ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ چەكلىمىنى سىجىل پەسەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كىرېدىت ئېھتىياجىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە قوزغىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرېدىت سېلىنمىسىنى كۈچلۈك كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، كىرېدىت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى نامىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كاپىتال تولۇقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق سودا بانكىسىنىڭ كاپىتالىنى تولۇقلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ مەڭگۈلۈك زايوم تارقىتىش قاتارلىق كاپىتال تولۇقلاش قوراللىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بانكىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0