大数跨境

شۈ جيايىننىڭ ئىستېپا بېرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

شۈ جيايىننىڭ ئىستېپا بېرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ NepKan
2022-02-22
2
导读:كارخانىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشى تىجارەت مەسىلىسى بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
2022-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق، 2021-يىلىدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىر ئىش كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ: ئىلگىرى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان شۈ خوجايىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى. 
شۈ خوجايىن باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدى، ئىشلار بىر قەدەر تۇيۇقسىز يۈز بەردى.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدىن بوشاش ئىشى يەنە شۇنداق تەلتۆكۈس بولدى، شۈ خوجايىن بىرىنچى سەپتىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك چېكىنىپ چىقىپ، پۈتكۈل كارخانىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك باش مۇدىرغا تاشلاپ بەردى. بۇنداق بولۇش «ياخشى»مۇ ياكى «ناچار»مۇ؟ چۈشىنىدىغان ئادەمنىڭ كۆڭلىدە تارازا بار.
2021-يىلى 8-ئايدا، كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خېڭدا يەر-مۈلۈك گۇرۇھى باش مۇدىر، باش دىرېكتور ۋە قانۇنىي ۋەكىلىنى ئالماشتۇرۇپ، شۈ باش دېرىكتور ھەر قانداق بىرىنچى سەپتىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق ۋەزىپىنى ئۆتىمەيدىغان بولغان، باش مۇدىر ۋەزىپىسىدىن قالغان، باش دىرېكتور ۋەزىپىسىدىن قالغان، قانۇنىي ۋەكىلىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالغان. يېڭى كادىر جاۋ چاڭلى باش مۇدىر، قوشۇمچە باش دىرېكتور ۋە قانۇنىي ۋەكىل بولغان ئىدى. 
جاۋ چاڭلى دېگەن كىم؟ نېمىشقا بىر ئادەم ئۈچ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
توردىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇنىڭ زىممىسىدە كۆپلىگەن لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانا بولۇپ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلغۇچى دەپ بېكىتىلگەن ئۇششۇق مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا چېتىشلىق دېلو 18 دىن ئاشىدۇ. 
بۇ بىزگە مۇنداق بىر ساۋاق بېرىدۇ: ئەگەر پۇلىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى خۇسۇسىي كارخانىلارغا قەرز بەرمەڭ، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ پايدىسى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن، تىجارەت كۆلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن، شوئارنىڭ قانچىلىك ياڭراق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەبلەغ زەنجىرى خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلگەن ھامان، مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن، ۋاتېرلو ئېففېكتى پەيدا بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
2017-يىلىدىن بۇرۇن، جۇڭگودا ئۆي-مۈلۈكچىلىقىدىن پەقەت ئىككىسىلا بار ئىدى، سودا ئۆي-مۈلۈكچىلىقىدا ۋاڭ جيەنلىننىڭ ۋەندا، تۇرالغۇ ئۆي-مۈلۈكچىلىقىدا شۈ خوجايىننىڭ خېڭدا ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئارقىلىق، ۋاڭ جيەنلىن بىلەن شۈ خوجايىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگودىكى بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 
شۈ خوجايىن ئىستېپا بەردى، ئۆي-مۈلۈك كەسپى راستىنلا «بۇرۇلۇش»قا باشلىدىمۇ؟ ئۆي بازىرىغا قانداق ئۇچۇرلار تارقالغان؟ ئىككى سىگنالنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىش!
ئالدى بىلەن، نېمە ئۈچۈن شۈ باش دىرېكتورنىڭ سودا ئىمپېرىيەسىدە ھازىرقىدەك «قىيىنچىلىق» كۆرۈلىدۇ؟ كەمىنىنىڭ قارىشىچە، مەنبەسى شۈ خوجايىننىڭ «قاراملىقى ۋە جاسارىتى»دىن كەلگەن، نەتىجە قازانغاندىمۇ «قاراملىق قىلالايدىغان»، مەغلۇپ بولغاندىمۇ «قاراملىقتىن يانمايدىغان»لىقىدىن ئىبارەت. 
2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئۆي بازىرىدا قالدۇق زاپىسى ئېغىر بولۇپ، بازاردا تەمىنلەش جەھەتتە ئوشۇقچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى، شۇڭا ئۆي بازىرىدىكى قالدۇقىنى تۈگىتىش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ئۆي قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىدى، تۇنجى قېتىم تۆلەيدىغان پۇلنىڭ نىسبىتىمۇ تۆۋەنلىدى، بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئۆي-مۈلۈك ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتقىنى ئۆي سېتىۋالغۇچى ۋە ئۆي سېتىۋالغۇچىلارلا ئەمەس، ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات سودىگەرلىرى تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپتى. 
شۈ خوجايىننىڭ بېيىش خاراكتېرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ «دادىللىق بىلەن قول سالغان» ئادەم، 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە، شۈ خوجايىن كارخانىنى باشلاپ يىللىق پايدا ئېشىش سۈرئىتى 5 مىليارد يۈەنلىك سۈرئەت بىلەن، ئىككىنچى سەپتىكى پەلەمپەيسىمان ئەترەتتىن بىرىنچى سەپكە چىقتى، بۇمۇ ئۇنىڭ «بىرىنچى باي» بولۇشتەك شانلىق پەيتىنى بارلىققا كەلتۈردى. 
ئەمما 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۆي-مۈلۈك ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى چەكلەش تەلەپ قىلىندى، ئەمما شۈ خوجايىن بۇ نۇقتىنى ھېس قىلمىدى، ئۇ «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق»نى يەنىلا بىر يۇمۇر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ئىككى چوڭ سىگنال ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ، شۈ باش دىرېكتورنىڭ ھاياتلىق ئۇچقۇنى ئۈزۈپ تاشلاندى. 
1. ئۈچ تال قىزىل سىزىق
ئۈچ قىزىل سىزىقنىڭ ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىغا بولغان تەسىرىنىڭ چوڭ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۇ ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ چەكلىمىسىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى چەكلەيدىغان تەدبىردۇر. 2020-يىلى يەر شارى تۇيۇقسىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ GDP سىدا چېكىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېشىللىققا پۈركەندى. ئۇلار قانداق ۋاستە ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؟ ئارقىدىنلا، يۇقىرى قاتلام شۇنى ئالدىن پەرەز قىلدىكى: ئېنىقلا پۇل سىياسىتىدە چوڭ سۇ قويۇپ بېرىش ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2021-يىلىنىڭ بېشىغىچە، دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر راستىنلا بەس-بەستە پۇل بېسىش ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ، زور مىقداردىكى پۇلنى قويۇپ بەردى.
يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۈچ قىزىل سىزىق ئۆي-مۈلۈك قەرزىنىڭ توسالغۇسىغا ئايلاندى، بۇنى ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە قارىتىلغان دېگەندىن كۆرە، پۇل-مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دېگەن تۈزۈك. چۈنكى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ئىچىدە، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كەسپى يۇقىرى قەرزگە بوغۇلغان كەسىپ ئىدى.

2. قەرز بېرىشكە چەك قويۇش بۇيرۇقى
قەرزنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، شۈ باش دىرېكتور تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قەرزنى %100 كە چۈشۈرۈشكە ۋەدە بەردى، ئۇ ئاخىر بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى، لېكىن ئارقىسىدىكى بېسىم ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭ بولۇپ، باشلامچى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ بىرىنچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەرز كۆلىمىمۇ ئوخشاشلا مۇقىم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، نەق پۇل ئوبوروتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مۇقەررەر ھالدا سېتىشنى زورايتىش كېرەك، شۇڭا 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، كۆپ قېتىم «%70 ئېتىبار بېرىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» كېرەك. 
ھالبۇكى، 2021-يىلىدىكى «قەرز بېرىشكە چەك قويۇش بۇيرۇقى» بىۋاسىتە ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ يېتىشمەسلىكىگە سەۋەبچى بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىن باشلاپ، نۇرغۇن شەھەرلەر ئۆي قەرزىنى تەستىقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئۆي قەرزى سوممىسىنى تۆۋەنلىتىش، 2-يۈرۈش ئۆيگە بىۋاسىتە قەرز بېرىشنى توختىتىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. 
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ قەرزى كۆپ بولۇپ، 870 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بۇ قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، قەرز ئارقىلىق قەرز ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۇنداقتا پەقەت سېتىشتىن ئىبارەت مۇشۇ يوللا مېڭىش ئىمكانىيىتى بار يول بولىدۇ، لېكىن ھازىر ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭمۇ پۇلى قالمىدى (چۈنكى بانكا قەرزنى قىسقارتتى). 
ئىشتىن كېيىن جۇگې لياڭ دەيدىغان گەپ بار، ئەگەر كارخانىنىڭ كېڭىيىش يولى يۇقىرى قاتلامنىڭ ئاساسىي رىتىمىغا ئەگىشىپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، ھەممە يەرنى قاپلىغان بولسا، بەلكىم بۈگۈنكى بۇ «ۋەزىيەت»كە چۈشۈپ قالمىغان بولار ئىدى. دەۋرنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «چوڭ قەدەم تاشلاش» تاكتىكىسىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بەك قارام بولۇپ كەتكەندە، تىك يارغا چۈشۈپ كېتىدۇ، لېكىن يەنە كىم قايتىپ كېلىدۇ؟ 
ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئىش ئۆينىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ كەمىنىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش ئىكەن، كارخانىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشى تىجارەت مەسىلىسى بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياكى چۈشۈشىدە تەڭشەش-تىزگىنلەش ۋە كەسىپ يۆنىلىشىگە قاراش كېرەك.
مەنبە: ئۆي-مۈلۈك كۆرسەتمە خەۋەرلىرىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0