大数跨境

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟ NepKan
2022-01-09
2
导读:بىرى بىللە ياشىغان ئايال، يەنە بىرى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئوغۇل، ئىككەيلەندىن كىم ۋەسىي بولسا ئە
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
2012-يىلى سۈي xx تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. سۈي xx بىلەن لى xx ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، تويدىن كېيىن يالغۇز ئوغلى شياۋ جياڭنى بېقىپ تەربىيەلىگەن. سۈي xx ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندىن كېيىن، لى xx بىلەن شياۋ جياڭ سۈي xx نىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالىدۇ.
ھازىر سۈي xx نىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوغداشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما سۈي xx تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ئۇنىڭغا ۋەسىي بەلگىلەپ بەرمىگەن. لى xx بىلەن شياۋ جياڭمۇ سۈي xx نىڭ ھامىيسى بولۇشنى خالايدۇ، لى xx ئۇ سۈي ئەپەندىنىڭ ئايالى بولغاچقا، ئۆزىنى سۈي ئەپەندىنىڭ ھامىيسى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ، شياۋ جياڭ بولسا لى خانىمنى يېشى بىر قەدەر چوڭ، ئۆزى بولسا ياش ھەم كۈچلۈك، شۇڭا ئۆزىنى دادىسى سۈي ئەپەندىنىڭ ھامىيسى بولۇشقا تېخىمۇ ماس كېلىمەن، دەپ قارايدۇ.
لى XX بىلەن شياۋ جياڭ ئانا-بالا ئىككىيلەن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن سۈي XX كە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
بىرى، ئۇزاق يىل بىللە ياشىغان ئايال، يەنە بىرى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئوغۇل، ئىككەيلەندىن كىم ۋەسىي بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
«ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى»دا ۋەسىيلىك تەرتىپى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ: «ئاتا-ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيسىدۇر.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىك قىلىدۇ:
(1) بوۋا-مومىلىرى؛
(2) ئاكىسى، ئاچىسى؛
(3) ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخس ياكى تەشكىلاتلار، لېكىن شۇ قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.

بۇ يەرنى بېسىپ «قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!

ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
1987-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دە «ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن روھىي كېسەللەرنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى تۆۋەندىكى كىشىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. (1) جورىسى؛ (2) ئاتا-ئانىسى؛ (3) قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلىرى؛ (4) باشقا يېقىن تۇغقانلىرى؛ (5) مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىسا، روھىي كېسەل تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى روھىي كېسەل ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قوشۇلغان بولسا، ۋەسىيلىك قىلىدىغانلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش تۇغۇلسا، روھىي كېسەل ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى روھىي كېسەل ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىچىدىن ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ. بەلگىلەنگەن ھۆكۈمگە قايىل بولماي دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ. 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرى يوقلارغا روھىي كېسەل ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى روھىي كېسەل ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىيلىك قىلىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ۋەسىيلىك تۈزۈمىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنىڭ 31-ماددىسىدا: «ۋەسىيلەرنى بېكىتىشتە تالاش-تارتىش بولسا، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار تەرەپلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىيلىك قىلغۇچىنى بېكىتىپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پەقەت ئىلتىماس قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋەسىي بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق، خەلق سوت مەھكىمىسى پەقەت مۇناسىۋەتلىك دەۋالاشقۇچىلار بەلگىلەپ بېرىشكە قايىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا كېسىم چىقىرالايتتى.
«ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەر ئالاقىدار تەشكىلاتلار كۆرسىتىپ بەرگەن ئالدىنقى تەرتىپتىن ھالقىپ، بىۋاسىتە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولدى.
«ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى» «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل ماجىرالارنى ھەل قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ ئۇزۇن ۋەسىي تاللاش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى زور دەرىجىدە قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دېلو مىسالىدا، چاڭپىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى خۇيلۇڭگۇەن سوت مەھكىمىسى دېلوغا تېز سۈرئەتتە قاراپ چىققان، ئەڭ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى لى xx سۈي xx نىڭ جورىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۈي xx ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سۈي xx نىڭ ھامىيسى بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى xx نىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى، سۈي xx بىلەن بولغان ئەر خوتۇنلۇق ھېسسىياتى چوڭقۇر بولۇپ، لى xx سۈي xx نىڭ ھامىيسى بولسا ئەڭ زور دەرىجىدە سۈي xx نىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!

مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇنى» نىڭ 26-ماددىسىدا: «ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۈتۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 27-ماددىسىدا: «ئاتا-ئانىلار قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيسىدۇر.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىك قىلىدۇ:
(1) بوۋا-مومىلىرى؛
(2) ئاكىسى، ئاچىسى؛
(3) ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخس ياكى تەشكىلاتلار، لېكىن شۇ قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 29-ماددىسىدا: «ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئاتا-ئانىسى ۋەسىيلىك قىلىۋاتقان بولسا، ۋەسىيەت ئارقىلىق ۋەسىي بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 30-ماددىسىدا: «قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر كېلىشىم ئارقىلىق ۋەسىي بەلگىلىسە بولىدۇ. ۋەسىينى كېلىشىم ئارقىلىق بەلگىلەشتە، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن. 
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 31-ماددىسىدا: «ۋەسىي بەلگىلەشتە تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئالاقىدار دەۋالاشقۇچىلار بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋەسىيگە قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر ئىچىدىن ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشى لازىم.
مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىشتىن ئىلگىرى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان كىشى بولمىسا، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەشكىلاتلار ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋاقىتلىق ۋەسىي بولىدۇ.
ۋەسىي بەلگىلەنگەندىن كېيىن، خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ۋەسىي خالىغانچە ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن بولسا، بەلگىلەنگەن ۋەسىينىڭ جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ يەرنى بېسىپ «قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0