يېقىندا بىر تورداش مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان: ئۇ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە «باشقىلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا ئالالىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىمەن.» دېگەن ئۇچۇرنى چىقارغان، بىر خىزمەتدىشى «مەنمۇ ھەۋەس قىلىمەن.» دەپ باھا يازغان، نەتىجىدە بۇ ئىككىيلەن بىرلىكتە ئىشتىن بوشىتىلغان. بۇ ئىش توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان.

سۈيشيەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن سۇيشيەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 22-ئاپرېل ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: 21-ئاپرېل توردا ئىنكاس قىلىنغان «سۈيشيەن ناھىيەلىك كاڭمېڭيۈەن داۋالاش، كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى (ئەسلىدىكى كاڭنىڭ داۋالاش، كۈتۈنۈش مەركىزى)نىڭ خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن ھەيدىشى»گە قارىتا سۈيشيەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىش بېجىرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ، دېدى.

بىر تورداش دوستلار چەمبىرىكىگە «باشقىلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا ئالالىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىمەن» دەپ ئۇچۇر چىقارغان، بىر خىزمەتدىشى «مەنمۇ ھەۋەس قىلىمەن» دەپ باھا يازغان، ئىككىلىسى ئىشتىن بوشىتىلغان
21-ئاپرېل، بىر تورداش يازما ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: 20-ئاپرېل ئەتىگەندە بىر دوستۇم ماڭا تېلېفون قىلىپ مائاشىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى، مەن دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ ھەقتە «باشقىلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا ئالالىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىمەن» دەپ ئۇچۇر چىقاردىم، نەتىجىدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا ئىشتىن بوشىتىلدىم، بىر خىزمەتدىشىممۇ «مەنمۇ ھەۋەس قىلىمەن» دەپ باھا يازغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلدى.

مەزكۇر تورداش ئېلان قىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، كاڭنىڭ داۋالاش، كۈتۈنۈش مەركىزىنىڭ ئىشتىن بوشىتىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: شىركىتىمىزنىڭ ئىككى تېببىي خادىمى دوستلار چەمبىرىكىدە قالايمىقان ئۇچۇر تارقاتقاچقا، شىركەتكە ئىنتايىن يامان تەسىر ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ مائاشى ھىسابلاپ بېرىلىپ، خىزمەتتىن ھەيدەلسۇن.

بۇنداق ئىشتىن بوشىتىش سەۋەبىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، 20-ئاپرېل ئەتىگەندە بىر دوستۇم ماڭا تېلېفون قىلىپ مائاشىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى، مەن دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر چىقاردىم. بۇ ئۇچۇرنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا چىقارغانىدىم، چۈشتىن كېيىنلا ئىشتىن بوشىتىلدىم، خىزمەتدىشىمگە تېخىمۇ ئۇۋال بولدى، بىر ئېغىز باھا يازغىنى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلدى، ھەيران قالدىم، بۇنداق ئورۇننى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم.
سىز بۇ ئىشقا قانداق قارايسىز؟



