大数跨境

ئەمگەك توختامىنى كېڭىشىپ بىكار قىلىشتىكى ئىقتىسادى جاۋابكارلىق

ئەمگەك توختامىنى كېڭىشىپ بىكار قىلىشتىكى ئىقتىسادى جاۋابكارلىق NepKan
2022-02-15
1
导读:«ئەمگەك توختام قانۇنى»دا ئەمگەكچى ئەمگەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، تەربىيەلەش ياكى ئىش ئورنىنى تەڭشەش

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
لىن ئەپەندىم بىر خۇسۇسى شىركەتتە خىزمەت قىلغىلى 6 يىلدىن ئاشقان بولۇپ ئايلىق مائاشى 1500 يۈەن. شىركەت تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكتىن، بىر قانچە ئىش ئورنىنىڭ ھەممىسى لىن ئەپەندىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا ماس كەلمەيتتى. لىن ئەپەندىم شىركەتتە قىلىدىغان ئەمەلىي ئىش بولمىغانلىقتىن ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ، نەگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ياردەملىشەتتى.  شىركەت پۇل چىقىرىپ لىن ئەپەندىمگە كەسپى تەربىيەلەش ئېلىپ باردى، بىراق لىن ئەپەندىم يەنىلا خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىدى. جاۋ دىرېكتور لىن ئەپەندىمنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتى. شىركەت ئەستايىدىل مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، لىن ئەپەندىم بىلەن ئەمگەك توختامىنى كېڭىشىپ بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لىن ئەپەندىم شىركەتنىڭ تەكلىپىنىڭ داۋلىسى بار دەپ قاراپ، شىركەت بىلەن ئەمگەك توختامىنى كېڭىشىپ بىكار قىلىشقا قوشۇلدى. جاۋ دىرېكتور لىن ئەپەندىنى ياخشى ئادەم، شىركەتكە قارىتا تۆھپىلەرنى قوشقان دەپ قاراپ،  توختام بىكار قىلىنغاندىن كىيىن كۆڭلى ئۇنىماي، لىن ئەپەندىمگە 2000 يۈەن ھال سوراش پۇلى بېرىشنى قارار قىلدى. لىن ئەپەندىم شىركەتنىڭ قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئىنتايىن رازى بولغان ھالدا شىركەتتىن ئايرىلدى. كىيىن، لىن ئەپەندىم دوستىنىڭ ئېيتىپ بېرىشچە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 3 ئايلىق ئىش ھەققى ئۈچۈن 4500 يۈەن شىركەت ياردەم پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، لىن ئەپەندىم جاۋ دىرېكتورنى ئىزدەپ بېرىپ كېلىشەلمەي شىركەتنىڭ ئۈستىدىن ئەمگەك ئۈستىدىن كېسىم قىلىش ھەيئىتىگە ئەرز سۇندى. لىن ئەپەندىمنىڭ ئىلتىماسى قانۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەمدۇ-يوق؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەمگەكچى ئەمگەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، تەربىيەلەش ياكى ئىش ئورنىنى تەڭشەش ئارقىلىق يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر پىكىرگە كەلگەندىن كىيىن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن بۇ قانۇننىڭ 47-ماددىسىكى ئۆلچەم بۇيىچە ئەمگەكچىگە ئىقتىسادى تولۇقلىما پۇلى بېرىشى كېرەك. ھەر بىر يىلغا توشقان بولسا ئەمگەكچىگە بىر ئايلىق مائاش ئۆلچىمى بۇيىچە ئىقتىسادى تولۇقلىما بېرىلىدۇ.  6 ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان بولسا بىر يىل بۇيىچە ھېسابلىنىدۇ. 6 ئايغا توشمىغان بولسا ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادى تولۇقلىما ھېسابىغا يېرىم ئايلىق مائاش بېرىلىدۇ. لىن ئەپەندىم بۇ شىركەتتە خىزمەت قىلغىلى 6 يىلدىن ئاشقان. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن ھال سوراش پۇلى ئارقىلىق بۇنداق ئاددىي ئىش بىلەن تۈگىتەلمەيدۇ، بەلكى قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن لىن ئەپەندىمگە ئاز دېگەندە 6 ئايلىق مائاشىغا تەڭ بولغان ئىقتىسادى تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0