大数跨境

ھامىلىدار ئاياللارنى ئىشتىن بوشىتىش توغرىمۇ؟

ھامىلىدار ئاياللارنى ئىشتىن بوشىتىش توغرىمۇ؟ NepKan
2022-02-16
0
导读:قانۇن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
شى شىياۋ جىيې بىر ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىپ، مەمۇرى خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغان. 2017-يىلى ئاخىرىدا، شى شىياۋ جىيې ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، دەسلەپتە ئىش ئورنىدىكىلەرگە بۇ ئەھۋالنى دېمىگەن. كىيىن قورسىقىنىڭ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ۋاقىتتا، سوۋ باشلىققا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. باشلىق بىلگەندىن كىيىن سەل ئاچچىقى كېلىپ، ئىككىنچى كۈنى مەمۇرى مەسئۇل تارماققا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شى شىياۋ جىيېنى ئىشتىن بوشىتىشنى ئېيتقان. شى شىياۋ جىيې ھەر قانداق قىلىپمۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يىتەلمىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلسا ياخشى بولىدۇ؟
شى شىياۋ جىيې ھامىلىدار مەزگىلدە تۇرغاچقا، ئەسلى ئالاھىدە بولغان ئاسراشقا ئېرىشىشى كېرەك. <ئەمگەك توختام قانۇنى>نىڭ 42-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدا ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولسا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 40-، 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.<ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى>نىڭ 27-ماددىسىدا ھەر قانداق ئورۇن توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىش، بالا ئېمىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىش ھەققىنى ئازلىتىشقا، ئىشتىن بوشىتىشقا ھەمدە يەككە تەرەپنىڭ ئەمگەك توختامىنى ياكى خىزمەت قىلىش كېلىشىمنامىسىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭلاشقا بۇ ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى ئايال خىزمەتچىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى سەۋەب قىلىپ، ئىشتىن بوشاتقانلىقى بولسا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىش. شۇڭا <ئەمگەك توختام قانۇنى>نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شى شىياۋ جىيې ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئەمگەك توختامنامىسىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
قانۇن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇسىز ئىشتىن بوشاتسا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆلەم ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296