大数跨境

قىزىل رەقەم %2.8: زايوم ۋە قەرز كىرىزىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

قىزىل رەقەم %2.8: زايوم ۋە قەرز كىرىزىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ NepKan
2022-03-12
1
导读:زايوم چوقۇم دائىملىق چىقىم ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ، ئۇنى قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك چىقىم ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئىككى يىغىننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا، بۇ يىللىق قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى. 
قىزىل رەقەم دېگەن نېمە؟ قىزىل رەقەمنىڭ خەلقئارا ئېھتىيات سىزىقى قانچە؟ قىزىل رەقەمنىڭ ئىقتىسادقا قانداق تەسىرى بار؟ قىزىل رەقەم مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟... بۇنىڭ ئۈچۈن زايوم تارقىتىشقا توغرا كېلىدۇ، زايوم تارقاتقاندا قەرز كرىزىسى پەيدا بولامدۇ؟ تۆۋەندە قىزىل رەقەم ۋە زايوم توغرىسىدا توختىلىمەن. 

بىرىنچى: مالىيە قىزىل رەقىمى 
1. مالىيە قىزىل رەقىمى دېگەن نېمە؟ 
مالىيە چىقىمى كىرىمدىن كۆپ دېگەنلىكتۇر. قىزىل رەقەم قىزىل رەقەم بىلەن خاتىرىلەنسە، مالىيە قىزىل رەقىمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەكسىچە، مالىيە كىرىمى كۆپ، چىقىمى ئاز بولۇپ، پەرق سوممىسى مالىيە پايدىسى دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە، مالىيە ئېشىندىسى ناھايىتى ئاز، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مالىيە قىزىل رەقىمى مەۋجۇت. 
مالىيە قىزىل رەقىمىنى ھېسابلاش: مالىيە چىقىمىدىن مالىيە كىرىمىنى چىقىرىۋەتكەندە مەنپىي سان بولىدۇ، بۇ مالىيە قىزىل رەقىمى دېيىلىدۇ. 
2. قىزىل رەقەم ئېھتىيات سىزىقى: خەلقئارادا مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئۆلچەيدىغان ئىككى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: 
بىرىنچى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %3 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر %3 تىن ئېشىپ كەتسە، مالىيە خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ. 
ئىككىنچى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: مالىيە قىزىل رەقىمى ئومۇمىي مالىيە چىقىمىنىڭ %15 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى يېتىشمىسە قەرز ئېلىشقا بولىدۇ، لېكىن بەك كۆپ قەرز ئېلىشقا بولمايدۇ، مالىيە چىقىمىنىڭ %15 دىن ئېشىپ كەتسە، خەۋپ-خەتەر تۇغۇلىدۇ. 


3. قىزىل رەقەمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا مەسىلە كۆرۈلسە، مەسىلەن يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىقتىسادتا مۇقىمسىزلىق كۆرۈلسە، ھۆكۈمەت پۇل ئارقىلىق بازارنى قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مالىيەدە پۇل يىغىلماي، ئەكسىچە نۇرغۇن پۇل تۆلەشكە توغرا كەلگەندە، قىزىل رەقەم كۆرۈلىدۇ، قىزىل رەقەم ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوزغىتىدۇ، ئىقتىساد بەك بوش بولغاندا ماي كلاپانىنى دەسسەش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. 

قىزىل رەقەمنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟ 
قىزىل رەقەمنى تولدۇرۇشتا مۇنداق ئىككى خىل چارە بار: بىرى، ئونكول قىلىش (透支)، يەنە بىرى، زايوم تارقىتىش. 
ئونكول قىلىش دېگەن نېمە؟ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەركىزىي بانكىدا بىر ئىسچوتى بولۇپ، ھۆكۈمەت مەركىزىي بانكىنى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسچوتىغا پۇل ئۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، بۇ مالىيەدىكى ئونكول قىلىش ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئونكول قىلىپ پۇل بېسىش ماشىنىسىنى ئېچىش پۇل پاخاللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

ئىككىنچى: ھۆكۈمەت تارقاتقان قەرز 
ئىككىنچى چارە قەرز تارقىتىش. زايوم تارقىتىش ئارقىلىق مالىيە قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ، ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، بۇ بىر خىل ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغان چارە. 

1. زايوم تارقىتىشنىڭ پايدىسى
كىشىلەر زايوم سېتىۋالغاندا، ئۆز پۇلى بىلەن سېتىۋالىدۇ، ھۆكۈمەت سىزدىن قەرز ئالغان پۇلنى ئاۋۋال خەجلەيدۇ، زايوم ئۆسۈمى بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ھۆكۈمەت خەلقتىن قەرز ئالغان پۇلنى خەجلەيدۇ، بۇ پۇلنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرمايدۇ. پۇل يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆپ. سىز خەجلىمەيدىغان پۇلنى ھۆكۈمەت قەرز ئېلىپ خەجلەيدۇ. 
ھۆكۈمەت تارقاتقان زايوم ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلىپ، ھۆكۈمەت چىقىمى ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ باجغا ئېرىشىپ، زايومنى قايتۇرۇۋېلىپ ئالغان قەرز پۇلنى قايتۇرىدۇ. ھۆكۈمەت كۆپ پۇل باسمىسا، پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلمايدۇ.

2. زايوم يۈكىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ 
دۆلەت زايومىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشتا، ئەڭ ئاخىرىدا باج تاپشۇرغۇچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بېجى قايتۇرۇشقا يەتمىسە، كېيىنكى ئەۋلاد داۋاملىق قايتۇرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز تارقىتىشى كەلگۈسىدىكى پۇلنى بۈگۈن خەجلەش ئۈچۈن. 
دۆلەت زايومى ئىچكى زايوم ۋە تاشقى زايوم دەپ ئايرىلىدۇ، يەنە قىسقا مۇددەتلىك، ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت زايومى دەپ ئايرىلىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز ئىلگىرى 20 يىللىق ياكى 30 يىللىق ئۇزاق مۇددەتلىك زايوم تارقاتقان، ھازىر قەرز قايتۇرۇش مەزگىلىگە كىردى. ھازىر زايوم تارقاتقاندا شۇ يىللىق مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە قەرەلى توشقان زايومنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرىدىغان قىسمىنى قوشقاندا، زايوم قار توپى دومىلىغانسېرى چوڭىيىدۇ. 


قەرز تارقىتىپ نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟ 
بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. زايوم چوقۇم دائىملىق چىقىم ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ، ئۇنى قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك چىقىم ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك. بەزى دۆلەتلەر دۆلەت مەمۇرلىرىغا زايوم تارقىتىپ مائاش بېرىدۇ، بۇنداق قەرز ئالسا مەڭگۈ قايتۇرۇلمايدۇ. مەمۇرلارغا مائاش بەرگەندە پايدا چىقمايدۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ، ئىزچىل داۋاملاشسا قەرز كىرزىسى يۈز بېرىدۇ. 
كۆپچىلىك قاراڭلار، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 بولۇپ،  %3 لىك خەلقئارا ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمىدى. نېمە ئۈچۈن %3 ئېھتىيات سىزىقى بولىدۇ؟ مەسىلەن، بىر دۆلەت %3 ئاشۇرسا، مالىيە كىرىمىمۇ %3 ئاشقاندا، ئاندىن شۇ يىلى قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرغىلى بولىدۇ، ئەگەر %3 ئاشمىسا، بارىدا پوروڭ-پوروڭ، يوقىدا قاراپ تۇرۇڭ دېگەن گەپ بولىدۇ. قىزىل رەقەمنى زايوم بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، زايوم كۆپ تارقىتىلسا، قايتۇرۇلمىسا، قەرز كىرىزىسى يۈز بېرىدۇ. رۇسىيە 1998-يىلىدىكى قەرز كىرىزىسى، 2010-يىلى ياۋروپا قەرز كىرىزىسى، ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ كۆلىمى 280 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنداق كېتىۋەرسە مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، دۆلىتىمىز قىزىل رەقەم كۆلىمىنى تىزگىنلەپ، بۇلتۇرقى %3.2 تىن بۇ يىلقى %2.8 كە چېكىندۈرمەكچى، يەنى قەرز كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى. 
خۇلاسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مالىيە قىزىل رەقىمى چىقىم كىرىمدىن كۆپ بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى بولسا، مالىيە قىزىل رەقىمى GDP نىڭ %3 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قىزىل رەقەمنى تولدۇرۇش ئۇسۇلى قەرز تارقىتىش، چۈنكى قەرز تارقىتىش پۇلنىڭ ساقلىنىش مىقدارىنى ئۆزگەرتىپ، پۇلنىڭ ئېشىش مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەت مالىيە قىزىل رەقىمى مەسىلىسىنى قەرز تارقىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. 
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0