搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
قانداشلىق مۇناسىۋەت بىلەن قانۇنلۇق مۇناسىۋەت ھەققىدە!
>
قانداشلىق مۇناسىۋەت بىلەن قانۇنلۇق مۇناسىۋەت ھەققىدە!
NepKan
2022-03-12
1
导读:مەن كىچىك ۋاقتىمدا سەنلۇ سۈت پاراشۇكىنى ئىچىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ئاپام ھەممىسىنى دادامغا
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر،
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بىر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى قىسقا فىلىمدە، بىر بۇرادەر: «مەن كىچىك ۋاقتىمدا سەنلۇ سۈت پاراشۇكى ئىچىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ئاپام ئانچە ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلىپ، ھەممىسىنى دادامغا ئىچكۈزگەن.» دېدى. بۇنىڭدا بىر ھالقىلىق مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك، جورا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانۇن ئىدراكلىقىدىكى تۇغقانچىلىق بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن پەرزەنتىنىڭ مۇناسىۋىتىچۇ؟ بۇ قانداشلىق ئاساسىدا شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتتۇر.
كۆپچىلىك قانۇن تەرتىپىدە، ئىدراكىي قېرىنداشلىق مېھرى قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئاشۇ خىل قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ تېخىمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
قانۇننىڭ رەت تەرتىپىدە، بىرىنچى خىلى (يەنى ئىدراكىي قېرىنداشلىق مېھرى) تېخىمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن، ياكى قانداشلىق ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەھۋال مۇقەررەر ھالدا قانۇن ئىدراكلىقىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن قەدىمكى زاماندىكى قانۇن ئاپتورى مېي يىڭنىڭ مۇنداق بىر گەپنى قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ: «بارلىق مەدەنىيەتنىڭ كۆزى سالاھىيەتتىن كېلىشىمگە ئۆتۈش جەريانىدۇر.» دەيدۇ.
شۇڭا ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك: ئۇ بولسىمۇ بىز جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ چوڭ قىلغان بالىلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئائىلىدىن ئايرىلىپ، يەنە بىر ئادەم بىلەن ئاتا-ئانىدىنمۇ مۇھىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشى.
كۆپچىلىك بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟
بۇ فىلىمدە يەنە بىر ساۋاقداش: «يەڭلار، نېمىشقا يېمەيسىلەر؟» دەيدۇ. ئاڭلىسام بۇ قورۇمىنى يېسە ئىچى سۈرۈپ كېتىدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېيىشكە پېتىنالمايدۇ.
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ، مەن بىر يېڭى سۆزنى ئۆگىنىۋالدىم، ئۇنىڭ ئىسمى «ئۆلۈمگە سۈيلىگۈچى (催逝员)»، ساۋاقداشلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن، يەنە بىر يېڭى كىرىشتۈرمە چاتما فىلىمنى كۆردۈم. بۇ كىرىشتۈرمە چاتما فىلىمدە، كىشىلەر نېمە ئۈچۈن توخۇ شورپىسى ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ؟ چۈنكى توخۇ شورپىسى زەھەرلىك.
توخۇ شورپىسى ئەسلىدە ناھايىتى تەملىك ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا قوشۇلغان زەھەر شورپىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكتىن، شورپا قۇۋۋەت دورىسىدىن زەھەرگە ئايلانغان.
ھازىر تورلاردا، بولۇپمۇ دوۋيىندا نۇرغۇن زەھەرلىك توخۇ شورپىسى بار، سىز بەك توغرا ھېس قىلىسىز. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سىزنى روھلۇق ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەمما سىزنى ھاياتلىقتىكى تۇيۇق يولغا يېتەكلەپ، ھالاكەت يولىغا پاتۇرۇپ قويۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.
شۇڭا، ئارىستوتېلنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر خىل زەھەرلىك توخۇ شورپىلىرىنى ساتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ ھېسابلايدىغان ئەقىللىق كىشىلەر بولۇپ، توغرىدەك تۇرسىمۇ ئەمەلىيەتتە خاتا قائىدە بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، پۇل-مال ئۈندۈرۈۋالىدۇ.
مەن پەقەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇنداق زەھەرلىك توخۇ شورپىسىنى ساتقۇچىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەقىقىي ھەقىقەت ھەمىشە قارىماققا پارادوكسقا ئوخشايدۇ. ئەقىل-ئىدراكنىڭ چەكلىك كىشىلىك ھاياتتىكى كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئەقىل-پاراسەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچالايمىز.
بىر ئانىنىڭ توي ئالدامچىلىقى فىلىمىدە، بىرەيلەن مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ: «فا خەي باشقىلارنىڭ تويىغا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، قانداق قىلىش كېرەك؟» دەيدۇ. مەن بۇ ھەقتە ئىنچىكە ئويلىنىپ باقتىم، فا خەي باشقىلارنىڭ تويىغا دەخلىي قىلسا، توي ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 257-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بۇ جىنايەتتە، باشقىلارنىڭ توي ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلاشقانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
لېكىن توي ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىش جىنايىتى ئادەتتە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلاردىلا شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، ئاتا قىزىنىڭ تويىغا ئارىلىشىدۇ، ياكى ئوغۇل تۇل ئانىنىڭ تويىغا ئارىلىشىدۇ. شۇڭا، بۇ نېمە ئۈچۈن توي ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىۋالغانلىق تۇققانلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش بولۇپ، ئائىلە ماجىراسى بىلەن كارى بولماسلىق ياكى ئالدى بىلەن ئائىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەل قىلىش دېگەنلىكنىڭ سەۋەبىدۇر، ھەرگىزمۇ بارلىق زىددىيەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. بۇنداق يات كىشىلەرنىڭ توي ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىش دېلوسى ئەمەلىيەتتە يەنىلا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
شۇڭا بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئەگەر مىرزات (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) دىلبەر (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم)نى تېپىۋالسا، دىلبەر ھەر كۈنى مىرزاتنى ئاجرىشىشقا قىستىسا، مىرزات ئۇنىمىسا، دىلبەر ھەر كۈنى يىغلاپ، ئاخىرىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدۇ.
بۇ توي ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرەمدۇ؟
شۇڭا چوقۇم ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى زوراۋانلىق ئۆزىمىزدە يۈز بەرمەيدۇ، بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەگەر دىلبەر كۈندە مىرزاتنى ئۇرسا، مىرزات ئاجراشمىسا، دىلبەر يىڭنىنى كۈندە 300 قېتىم مىرزاتقا سانجىپ، ئۇنى پالەچ قىلىپ قويسا، ئۇنداقتا، بۇ توي ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرەمدۇ-يوق؟ بۇنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
فا خەينىڭ تويغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارىتا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر لۇ شۈن ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن، بۇنى راستىنلا لۇ شۈن ئېيتقان: «ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقانلىق، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكتۇر.» لېكىن، يەنە بەزىلەر فا خەينى مەسئۇلىيىتى بار، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
كۆپچىلىك قانداق قارايسىلەر؟ مەن يەنىلا لۇ شۈن ئەپەندىنىڭ گېپىنى ئېتىراپ قىلىمەن.
بۇ فا خەي ئەتەي ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھەسەتخورلۇق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرەلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئەر-خوتۇننىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسە چوقۇم مەسىلە بار، دەپ قارايدۇ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قالايمىقان سۆزلىشىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەسەتخورلۇق ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، ئەمما ئىچكى ئەخلاقتا چەكلىنىشى كېرەك، ھەرگىز فا خەيدەك ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىۋەرمەسلىك كېرەك.
مەندىمۇ بەزىدە ھەسەتخورلۇق بولىدۇ. مېنىڭ بىر ئۇسۇلۇم، قەلبىمدە تىنماي باشقىلارغا بەخت تىلەشتىن ئىبارەت. مەن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغان جايلاردا، ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296