大数跨境

بۇلارنى پاش قىلغانلارغا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ!

بۇلارنى پاش قىلغانلارغا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ! NepKan
2022-04-20
1
导读:سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئەھۋاللىرىنى بايقىسىڭىز پاش قىلىڭ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن

سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئەھۋاللىرىنى بايقىسىڭىز پاش قىلىڭ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ راستلىقى ئېنىقلانسا، دېلوغا چېتىشلىق سوممىغا ئاساسەن پاش قىلغۇچىغا بەلگىلىك نىسبەتتە مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ! 




4-ئاي مەملىكەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش ئېيى، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە «فوندنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تورىنى زىچ توقۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، نۇقتىلىق تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.


◆قايسى قىلمىشلار سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا تەۋە؟ 


ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا چېتىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئاساسلىقى سەككىز تۈرلۈك بولىدىكەن، بۇلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ساختا داۋالاش ۋە دورىگەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، داۋالاش ھۆججىتى ۋە ۋېكسېلىنى ياساش ئارقىلىق داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى ساختا تالون بىلەن تەمىنلەش قىلمىشى؛ شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك داۋالىنىش ھەققىنى داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش قىلمىشى؛ داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتى بېجىرىپ بېرىش قىلمىشى؛ نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى كارتا سۈركەپ ھېسابات قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قىلمىشى؛ نامدا دوختۇرخانىدا يېتىش قىلمىشى؛ دورا، خورالما ماتېرىيال، بۇيۇم، داۋالاش تۈرى قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندى چىقىمىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى؛ نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ باشقا ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى. 


◆نۇقتىلىق پارچە سېتىش دورىخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا چېتىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى


ئاساسلىقى بەش تۈرلۈك بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا: داۋالىنىش كاپالىتى سالاھىيەت دوكۇمېنتىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا نەق پۇل ئېلىپ بېرىش ياكى ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق غەيرىي داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش قىلمىشى؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا دورا، خورالما ماتېرىيال، بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندى چىقىمىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى؛ غەيرىي نۇقتىلىق تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنى كارتا سۈركەپ ھېساب قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قىلمىشى؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا تالوننى كۆز بوياپ كېسىش، ئۇلارنى ساختا تالون بىلەن تەمىنلەش قىلمىشى؛ نۇقتىلىق پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا دائىر باشقا قىلمىشلىرى.


◆سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا چېتىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى


ئاساسلىقى مۇنۇلار: ساختا داۋالاش مۇلازىمىتى تالونى ياساپ، داۋالاش كاپالەت فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى؛ ئۆزىنىڭ داۋالىنىش كاپالەت دوكۇمېنتىنى باشقىلارنىڭ داۋالىنىشىغا ئارىيەت بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالەت دوكۇمېنتىنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ نامىدا داۋالىنىش قىلمىشى؛ داۋالىنىش كاپالىتى سالاھىيەت دوكۇمېنتىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ، دورا، خورالما ماتېرىياللارنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ھايىنىغا سېتىپ قانۇنسىز پايدا ئېلىش قىلمىشى؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا دائىر باشقا قىلمىشلىرى.


◆داۋالاش كاپالىتىنى بېجىرگۈچى ئاپپارات خادىملىرىغا چېتىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى


ئاساسلىقى مۇنۇلار: داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان كىشىلەرگە داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتى رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىش قىلمىشى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داۋالىنىش كاپالىتى ھەققى بېرىش قىلمىشى؛ بېجىرگۈچى ئاپپارات خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا دائىر باشقا قىلمىشلىرى.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى خەلق ئاممىسىنىڭ «ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا چېتىلىدىغان پۇل» ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كەڭ ئاممىنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشىنى، يۇقىرىقىدەك سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا يولۇققاندا، ئاڭلىق قارشى تۇرۇشىنى ھەم پائال پاش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 









ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىنىڭ پاش قىلىش - ئەرز قىلىش تېلېفونى: 

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇن 0991-8830766,0991-3689908

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 0999-8023138

تارباغاتاي ۋىلايىتى 0901-6111799

ئالتاي ۋىلايىتى 0906-2102006

تۇرپان شەھىرى 0995-7600021

قۇمۇل شەھىرى 0902-2300175

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 0994-2288160

ئۈرۈمچى شەھىرى 0991-4802271

قاراماي شەھىرى 0990-6234547 

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 0909-2319832

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 0996-2276790

ئاقسۇ ۋىلايىتى 0997-2530098 

قەشقەر ۋىلايىتى  0998-2666208

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 0908-4232029,0908-4220711

خوتەن ۋىلايىتى 0903-2021990  

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى!

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0