大数跨境

ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنى پۇل يۇيۇش قىلمىشى!

ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنى پۇل يۇيۇش قىلمىشى! NepKan
2022-02-17
2
导读:ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرىدىكى زەھەر مەبلىغىنى يۆت

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرىدىكى زەھەر مەبلىغىنى يۆتكەش


شاڭخەي جىنشەن: بىر قېتىملىق زەھەر ئەتكەسچىلىكتىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىسچوتى ئارقىلىق «ئۆزى پۇل يۇيۇش» دېلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2021-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى بىر قېتىملىق زەھەر ئەتكەسچىلىكتىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۈندىدار ھېساباتى، چىقىمدان ئىسچوتى، بانكا كارتىسىدىكى «ئۆزى پۇل يۇيۇش» دېلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 10-ئايدا، مەزكۇر مەھكىمە «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى (11)»دىكى پۇل يۇيۇش جىنايىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى، پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن شۈ فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەرنى ئەيىبلىگەن. 
7-ئاينىڭ 15-كۈنى، زەھەر چەككۈچى جاڭ xx لياڭ xx بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېلېكتىرونلۇق تاماكا سېتىۋالغان، لياڭ xx شۈ xx تىن تەركىبىدە كەندىر ماددىسى، تاماكا مېيى بولغان بىر خىل ئېلېكتىرونلۇق تاماكا سېتىۋېلىپ، 800 يۈەننى شۈ xx نىڭ چىقىمدان ھېساباتىغا يۆتكەپ بەرگەن، كېيىن جاڭ xx دىن 1500 يۈەن ئالغان. جاڭ فامىلىلىك ئېلېكترونلۇق تاماكىنى ئالغاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. باھالاش ئارقىلىق، بۇ ئېلېكترونلۇق ئىس-تۈتەك مېيىنىڭ تەركىبىدە سىنتېتىك نەشە ماددىسى بار بولۇپ، دۆلەت باشقۇرۇش تىزىملىكىدىكى يېڭى روھىي ئاكتىپ ماددا ھېسابلىنىدۇ. 
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە شۈ XX نەشە تۈرىدىكى ماددىلارنى بىرىكتۈرۈشنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن زەھەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قانۇنسىز پايدا ئېلىش ئۈچۈن، باشقىلارغا كۆپ قېتىم نەشە تەركىبى بولغان تاماكا مېيى قوشۇلغان ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ساتقان. شۈ XX زەھەر جىنايىتىدىن تاپقان تاپاۋىتى ۋە پەيدا قىلغان پايدىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، مومىسىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ، بانكا كارتىسى، يانفون كارتىسى بېجىرىپ، مەزكۇر بانكا كارتىسىنى ئۈندىدارغا باغلاپ، مەخسۇس نەشە تەركىبى بولغان تاماكا قوشۇلغان ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئېلىپ ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يانفون نومۇرى باغلانغان چىقىمدان ھېساباتىدىن زەھەر پۇلىنى راسچوت قىلىشقا ئىشلەتكەن، ئۇ ئالغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى مومىسىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بېرىپ، بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ باشقا بىر يانفون نومۇرى بىلەن باغلانغان چىقىمدانىغا يۆتكىگەن. 
بۇ مەھكىمە شۈ XX نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، داۋاملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ج خ ئورگىنىنى «پۇل يۇيۇش» جىنايىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشقا يېتەكلەپ، شۈ XX نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش ۋە زەھەر مەنبەسىنى يوشۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى تېزلىكتە ئېنىقلاپ چىققان. 

دېلو بېجىرگەن تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرىكى ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، «ئۆزى پۇل يۇيۇش» قىلمىشى كۆپىنچە جىنايەتنى يوشۇرۇش ياكى باشقا جىنايەت بېكىتىپ جازالاش ۋەياكى «ئۆزى پۇل يۇيۇش» قىلمىشى يۇقىرى ئېقىمدىكى جىنايەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، قايتا جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك دەپ قارالغان. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «ئۆزى پۇل يۇيۇش» قىلمىشى پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور. 
بۇنىڭ ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11)»دە پۇل يۇيۇش جىنايىتى زور دەرىجىدە تەڭشىلىپ، «ئۆزى پۇل يۇيۇش» قىلمىشىنىڭ مۇستەقىل جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۇل يۇيۇش جىنايىتىدىكى پايدىسى ئەڭ چوڭ بولغان يۇقىرى ئېقىمدىكى جىنايەت ئۆتكۈزگەن مەزكۇر جىنايەتچىنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. شۈي xx نىڭ زەھەر ئېلىپ ساتقاندىن كېيىنكى ھەرىكىتى يۇقىرى ئېقىمدىكى جىنايەتنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، خاراكتېرىنى بېكىتىش جەھەتتە يۇقىرى ئېقىمدىكى جىنايەتنىڭ تەبىئىي ئۇزارتىلىشى ئەمەس، ئۇنى پۇل يۇيۇش قىلمىشى دەپ بېكىتىش كېرەك. 
جىنشەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل يۇيۇش جىنايىتى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك يۇقىرى ئېقىندىكى جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرگەندە، بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پۇل يۇيۇشقا چېتىشلىق جىنايەت بار-يوقلۇقىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ، جىنايەت يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تۈرلۈك يۇقىرى ئېقىندىكى جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك پۇل يۇيۇش جىنايىتىنى قوغلاپ تۇتۇش، سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ مەھكىمە جىنشەن رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىپ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى 12 ماددىلىق پىكىر»گە ئىمزا قويۇپ، زەھەر جىنايىتىنى بېكىتىش، ئىسپات ئېلىش مۇھىم نۇقتىسى، پارا ئېلىش گۇۋاھنامىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئارىلىشىش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈپ بېجىرىش، تولۇقلاپ تەھقىقلەش، جەرىمانە قويۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە زەھەر دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىش، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش دېلولىرىنى تەھقىقلەش ۋە تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. 2020-يىلىدىن ھازىرغىچە، بۇ مەھكىمە ئۈچ دېلودىكى تۆت كىشىنى پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دېلودىكى ئۈچ كىشىگە جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى. 

ئەسلىدە كۆز بوياپ قۇتۇلماقچى بولغان، لېكىن جىنايەت ئۈستىگە جىنايەت قوشۇش
شەندۇڭ فېيچېڭ: پۈتۈن ئۆلكىدە ئەيىبلەنگەن تۇنجى «ئۆزى پۇل يۇيۇش» دېلوسى 
11-ئاينىڭ 2-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى فېيچېڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش ئارقىلىق، سوت مەھكىمىسى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى، پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن، بىر نەچچە جىنايەت بىلەن لى فامىلىلىككە مۇددەتلىك تۆت يىل سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. بۇ «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى (11)» كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، شەندۇڭ تەپتىش ئورگىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ھۆكۈم ئېلان قىلغان تۇنجى «پۇل يۇيۇش» دېلوسى. 
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن لى xx ئەسلىدە گۈزەل، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىكنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن قەدەممۇ قەدەم تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان. 2019-يىلى 9-ئايدا، لى xx زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى جىننيۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ بىر قېتىملىق خاتالىقىنى تۈزىتىپ يېڭىدىن ئادەم بولۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما لى xx توۋا قىلىشنى ئويلىماي، جازا كېچىكتۈرۈلۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا كونا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، شې xx قاتارلىقلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن يەنە كىرىستال زەھەر ئېلىپ سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 
بۇ قېتىم لى XX «زېرەك» بولۇپ قالغان، ئۇ سىڭلىسىنىڭ كىملىكى ۋە بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئۈندىدار نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، زەھەر ئېلىپ سېتىش ۋە زەھەر پۇلى ئېلىشتا ئالاقىلىشىشقا ئىشلەتكەن. پۇل ئالغاندىن كېيىن، پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىغا ياكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن.
لى XX سىڭلىسىنىڭ سالاھىيىتىنى قالقان قىلىۋالسام، ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار بىر تۇغقان ئاچا-سىڭىل بولغاچقا، ھېساباتتا مەبلەغ بېرىش-كېلىش بولۇشى ناھايىتى نورمال ئىش ئىدى. لېكىن بۇ خىل قىلمىش قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، «ئۆزى پۇل يۇيۇش» جىنايىتىگە تەۋە.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، لى فامىلىلىك ئۈندىدار ئارقىلىق سېتىۋالغۇچى بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە زەھەر پۇلى ئېلىپ، گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىش نىقابى بىلەن، تېز يوللانما ئارقىلىق كىرىستال زەھەرنى زەھەر چەككۈچىلەرگە سېتىپ بەرگەن. بۇ يىل 2-ئايدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەندۇڭلۇق زەھەر چەككۈچى فېيچېڭدا قولغا چۈشكەن. ئارقىدىنلا فېيچېڭ ساقچىلىرى بۇ زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى لى فامىلىلىك قولغا چۈشتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، لى فامىلىلىك يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق 3780 يۈەن زەھەر پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن.
تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىغان: «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11)»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ج خ ئورگانلىرىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم سېتىش تاپاۋىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئۇنى يوشۇرۇش، باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈندىدار تىزىملىتىش، پۇل كىرىم قىلغاندىن كېيىن زەھەرلىك بۇيۇمنى يەنە يۆتكەش قىلمىشى «پۇل ئاغدۇرۇش ياكى باشقا چىقىم قىلىش راسچوت ئۇسۇلى ئارقىلىق مەبلەغنى يۆتكەش» ئەھۋالىغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى زەھەر جىنايىتى تاپاۋىتى ۋە پايدا مەنبەسىنى يوشۇرۇشتۇر. شۇڭا، لى xx نىڭ قىلمىشىدىن پۇل يۇيۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. 
9-ئاينىڭ 3-كۈنى فېيچېڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى لى xx نىڭ زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى، پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن فېيچېڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغان، لى xx سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر دېلودىكى شې فامىلىلىك قاتارلىق باشقا جىنايەت گۇماندارلىرى باشقا جىنايەت پاكىتلىرىغا چېتىلغانلىقتىن، داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە. 
مەنبە: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈندىدار سالونى

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296