يېقىندا، بەزى ئاھالىلەر مەزمۇنى [12333] دىن باشلانغان قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان، قىسقا ئۇچۇردا ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى قوزغىتىشى ئۈچۈن توردا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولۇقلىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇر زادى راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئورگان تورىدا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە بۇ خىل ئۇقتۇرۇش يوللىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدامچىلىق تور بېكەتلىرى يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىپ، سالاھىيەت ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان
«[12333] سىزنىڭ داۋالىنىش كارتىڭىز توختىتىۋېتىلدى، 14-ئاپرېلدىن بۇرۇن [j.y32K.club] غا چىقىپ توردا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولۇقلاپ كارتىڭىزنى قوزغىتىڭ!»
يېقىندا، ۋۇخەن شەھىرى ئاھالىسى جېڭ ئەپەندى مۇشۇنداق بىر قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى. ئارقىدىن ئۇ ئەسكەرتمە بويىچە قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇلانمىنى چەككەندە بىر ئۇقتۇرۇش پەيدا بولدى. «ئۇقتۇرۇش»نىڭ مەزمۇنى مۇنداق: «مەملىكەتلىك ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەچكە، كەڭ ئابۇنىتلار ۋاقتىدا يېڭى نۇسخىدىكى ئېلېكتىرونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىشى كېرەك، ۋاقتىدا بېجىرمىگەن ئابۇنىتلارنىڭ كونا نۇسخىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز! دەرھال بېجىرىڭ.»
«دەرھال بېجىرىش» دېگەن خەتنى چەككەندىن كېيىن، «دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى» دېگەن خەت بار تور بېكەتكە ئۇلانغان، ئارقىدىن بۇ تور بەت ئابۇنتلاردىن ئىسىم-فامىلىسى ۋە كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى تەلەپ قىلغان.
جېڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىسقا ئۇچۇر «+8210-7936-6400» دېگەن نومۇردىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ «تېلېگراف ئالدامچىلىقى»غا ئۇچرىغانلىقىدىن گۇمانلانغان.
دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى:
قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە بۇ خىل ئۇقتۇرۇش يوللانمىدى
مۇخبىر دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىغا چىقىپ، مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئورگان تورى باش بېتىدە كەسكىن بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردى: «يېقىندا، بىر قىسىم ئامما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار ئىسچوتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنغان قىسقا ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەسكىن بايانات ئېلان قىلىمىزكى: ئىدارىمىز قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە بۇ خىل ئۇقتۇرۇش ئەۋەتمىدى، ئىدارىمىز ئورگان تور بېتىنىڭ تور ئادرېسى بىردەك nhsa.gov.cn بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، باشقا تور ئادرېسلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان.»

دوستلار ئەگەر بۇ تۈردىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالساڭلار، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇرنى توسساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ناتونۇش ئادەم تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق سىلەردىن سالاھىيەت ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈش، ھېسابات يۆتكەپ پۇل پېرېۋوت قىلىشنى تەلەپ قىلسا، چوقۇم مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىساڭلار بولىدۇ، بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەڭلار ھەمدە ۋاقتىدا ج خ ئورگىنىغا پاش قىلىڭلار!
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.


