搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئائىلىنى بارغانسېرى ئىللىقلاشتۇرىدىغان 8 ئادەت
>
ئائىلىنى بارغانسېرى ئىللىقلاشتۇرىدىغان 8 ئادەت
NepKan
2022-03-13
2
导读:بەزى ئائىلىلەردە ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىللە تۇرۇش ۋاقتى قا
بەزى ئائىلىلەردە ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىللە تۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇنچە ئىللىق بولىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەردە ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ياخشى ئادەتلەر بولىدۇ. بۇ ئادەتلەرنى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئىناق، مۇھەببەتلىك ئائىلە كەيپىياتىغا ئىگە بولۇش تەس ئىش ئەمەس.
«رەھمەت» دېگەن سۆزنى ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيمىز
ئۇلار كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ، يەنە ئۆزئارا رەھمەت ئېيتىشىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بۇ يادلىشىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ئاچقۇچى.
سىز ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن بىر ئىستاكان قايناق سۇ تەييارلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىڭ؛ كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا، ئايالىڭىزنىڭ يېنىڭىزدا پەس ئاۋازدا تەسەللى بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىڭ؛ سىز تاماق ئەتكەندە، بالىڭىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىڭ؛ سىزنىڭ «رەھمەت» دېگىنىڭىزنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەجرىنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلالايدۇ. بىر ئېغىز رەھمەت ئېيتىش پۈتۈن ئائىلىنى ئىللىتىدۇ.
ھەر كۈنى بەش مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ
ئۆي ئىچىدە بولغان تەقدىردىمۇ، ھەر كۈنى بەش مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ. مەينەت كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، قالايمىقان چاچلارنى رەتلىك تارىسا، ئادەمنىڭ روھى-ھالىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
سىز يۈزلىنىۋاتقىنىڭىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن سەل قارايدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئۆيدىكىلەر سىزنىڭ پاكىزلىقىڭىزنى كۆرۈپ، كۆڭلى تېخىمۇ ئازادە بولۇپ، ئائىلە كەيپىياتى خۇشال بولىدۇ.
گۈزەل دەقىقىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش
كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىللىقلىق بىرەر ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە كىچىك خۇشاللىقنى ئۇلارغا يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. سەھەردە ئىشقا بېرىش يولىدا، چىرايلىق بۇلۇتلارنى كۆرگەندە دەرھال رەسىمگە تارتىپ ئائىلە ئەزالىرى توپىغا يوللاپ بېرىش؛ چۈشتە بىر ئىستاكان ئىسسىق ئەتكەن چاي بۇيرۇتۇپ، ئايالى بىلەن ئىچىشلىكمۇ ئەمەسمۇ دېگەن ھەققىدە ئايالى بىلەن ئورتاقلىشىش؛ توردىن مال سېتىۋالغاندا يېڭى نەرسىلەرنى ئۇچراتسا، ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىپ قويۇش قاتارلىقلار. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئائىلىڭىز ئاستا-ئاستا ئىللىقلىققا تولۇپ، سىزمۇ تېخىمۇ ياخشى كەيپىياتقا ئېرىشىسىز.
ئۆيدىكىلەرنى ئاچچىقىنى چىقىرىش ئوبيېكتى قىلىۋالماسلىق
قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ۋە ئىچى سىقىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئائىلىدىكىلىرىڭىز سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىدىغان تىل خالتىسى ئەمەس. سىز شىركەتتە خوجايىنىڭىزنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىسىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن خاپا بولۇشۇپ قالسىڭىز، قايتىپ كېلىپ ئۆيدىكىلەرگە ئاچچىقلىسىڭىز، يامان كەيپىياتنى ئۆيدىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويىسىز. ئەگەر راستتىنلا قىيىن ئىشقا يولۇقسىڭىز، ئاۋۋال كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تەڭشەپ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەرگە ئاستا-ئاستا ئىزھار قىلىڭ.
ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش
ھازىرقى جەمئىيەتتە يانفون كەم بولسا بولمايدىغان ئۈسكۈنىگە ئايلاندى، بۇ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا يانفون كۆرۈپ، ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋاقتىمىزنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يانفونغا قارىغاچ، بالىغا ھەمراھ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنى يانفونغا بېرىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەندە، ئۆيگە قايتىپ، ئىزچىل ئۈندىدار، دوۋيىن كۆرۈش بىلەنلا مەشغۇل بولسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، تېلېفوننى قويۇپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرگەنگە يەتمەيدۇ.
ئائىلە ئىشلىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
بىر ئائىلە مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشى، بالىلىرىنى ياخشى كۆرۈشى بىلەنلا مۇكەممەل ۋە ئىللىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ كىر يۇيغاندىن كېيىن، سىز كېلىپ تاماق ئېتىڭ، ئۇ بالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولغاندا، سىز ئۆينى كۆپرەك تازىلاڭ. ئۆي ئىشىدا ھەممىگە چات كېرىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، قول سىلكىپ كارى بولماسلىققىمۇ بولمايدۇ. ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە مەسئۇل بولسا، تۇرمۇشتىكى شېرىنلىكمۇ كۆپ بولىدۇ.
تۇرمۇش ئازراق مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج
بەزىدە تۇرمۇش ئاددىي بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئازراق مۇراسىم تۇيغۇسى تۇرمۇشنى خېلىلا جانلاندۇرىدۇ. كىتابتا مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «مۇراسىم تۇيغۇسى مەلۇم بىر كۈننىڭ باشقا كۈنلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، مەلۇم بىر پەيتنىڭ باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، توي خاتىرە كۈنىدە ئۆزئارا سوۋغا بېرىشىش، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بىرەر قاچا لەغمەن ئېتىپ، يەنە ئازراق شادلىق ئېلېمېنتلىرىنى كۆپەيتكەندە، تۇرمۇش تېخىمۇ رومانتىك بولىدۇ.
كۈندىلىك تەسىرلىك پەيتلەرنى خاتىرىلەش
بىر تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: «دائىم خوتۇنۇم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان رەسىمنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەنىلا بەختلىك ھېس قىلىمەن.» بالىنىڭ سىزگە سىزىپ بەرگەن رەسىمىنى رەسىم رامكىسىغا سېلىپ قويۇڭ؛ سۆيگىنىڭىزنىڭ سىزگە ئېتىپ بەرگەن شورپىسىنى رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ قويۇڭ؛ ھەر يىلى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈڭ... ھەر بىر مۇھەببىتىڭىزنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، كەلگۈسىدىكى مەلۇم ۋاقىتتا ئەسلىگىنىڭىزدە، تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىچە ھوزۇرىغا چۆمۈلىسىز.
ھەممە ئادەم ئۆينى پورت، ئادەم چارچىغان چاغدىكى ماكانى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر ئىللىق ئائىلە يەنىلا ئىللىق ئادەمگە باغلىق. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئوتۇن، گۈرۈچ، ماي، تۇز دەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، لېكىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلسەك، ئائىلىمىز تېخىمۇ مېھىر-مۇھەببەتكە تولىدۇ، تېخىمۇ ئىللىق بولىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاددىي كۈنلەرنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىڭىزنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
مەنبە: خەلق گېزىتى ئۈندىدار سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0