大数跨境

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟ NepKan
2022-01-08
0
导读:بۇ دېلودا ئوغۇل بالىنىڭ يېشى سەككىز ياش بولۇپ، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرگە تەۋە...
سەككىز ياشلىق بالا ئېقىم چولپىنىنى 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تارتۇقلىغان، ئانىسى قايتۇرۇپ كېلەلەمدۇ؟
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش:
سەككىز ياشلىق ئوغۇل بالا مەلۇم بىۋاستە كۆرسىتىش يۇمشاق دېتالىدىكى ئايال ئېقىم چولپىنىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تارتۇقلايدۇ. ھەر قېتىم تارتۇقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئوغۇل بالا پۇل تۆلەش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرىۋېتىدۇ، بۇ ھالەت ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدۇ.
كېيىن ئانىسى ئېلخەتنى ئېچىپ ھېسابات تالونىنى كۆرۈۋاتقاندا قورقۇپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ كارتىسى ئوغۇرلانغان ئوخشايدۇ، دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولىدۇ، بالا ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئاڭلاپلا قورققىنىدىن يىغلاپ كېتىدۇ. ئانىسى بۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، بىرقانچە قېتىم سوئال سورىغاندىن كېيىن، ئوغلى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
بالىنىڭ زور سوممىلىق تارتۇقلاش ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟
ئاپىسى 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇپ كېلەلەمدۇ؟

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
سەككىز ياشتىن يۇقىرى، 18 ياشقا توشمىغان تەبىئىي شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولۇپ، ئۇنىڭ تېنى ۋە ئەقلىي يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تولۇق پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكتىن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئادەم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ياش قۇرامىدىكى كىشىلەر ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكى ياكى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
بىر ئادەم تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپلا باراۋەر ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش پەقەت ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش بىلەن چەكلىنىدۇ، بۇ سالاھىيەتنى قوللىنىش-قوللانماسلىققا كەلسەك، ئۇ يەنە تەبىئىي شەخسنىڭ ئەقلىي ئەھۋالى، بىلىش ئىقتىدارى، روھىي ھالىتى قاتارلىق سۇبيېكتىپ شەرتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ياش بىر ئادەمنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىسىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى، تەبىئىي ئادەم مەلۇم ياشقا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆز ئىشىنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدۇ ھەمدە ئۆز ھەرىكىتىدە پەيدا بولغان ئاقىۋەتنى ھېس قىلالايدۇ.
1987-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» دېيىلىدۇ)دە بەلگىلەنگەن 10 ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەردۇر، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» دېيىلىدۇ.) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ ياش چېكى 10 ياشتىن 8 ياشقا چۈشۈرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ياشنىڭ تۆۋەن چېكىنى تۆۋەنلىتىشتىكى سەۋەب شۇكى، 40 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى خېلى زور دەرىجىدە ئۆستى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىكا، فىزىئولوگىيەلىك يېتىلىش جەريانى تېزلەشتى. بولۇپمۇ مائارىپىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك تەرەققىيات نەتىجىسىدە، بالىلارنىڭ دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش، شەيئىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىش يېشى ئومۇميۈزلۈك ئالدىغا سۈرۈلدى، تونۇش ئىقتىدارىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇنداق ئەھۋالدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ياش چېكى چوڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغان، شۇڭا «ھەق تەلەپ قانۇنى»دا «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىلەر داۋاملىق قوللىنىلغان.
ھەق تەلەپ ھەرىكىتىنىڭ ياش تۆۋەن چېكى چەكلىمىسىنى تەڭشەش ماھىيەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە بولغان ھۆرمەت بولۇپ، ھازىرقى زامان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىك، فىزىيولوگىيەلىك تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ياش، ئەقلىي ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پايدىلىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئېڭىغا تېخىمۇ ياخشى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

بۇ يەرنى بېسىپ «قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!

بۇ دېلودا ئوغۇل بالىنىڭ يېشى سەككىز ياش بولۇپ، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرگە تەۋە، پەقەت نوقۇل پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنىي ھەرىكىتى ياكى يېشى، ئەقلىگە ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇنىي ھەرىكىتىنى مۇستەقىل يولغا قويالايدۇ، «بىر قېتىمدىلا تۈمەنلەپ» ئېقىم چولپانلىرىنى تارتۇقلاش قىلمىشى ئېنىقكى، ئۇنىڭ يېشى، ئەقلىي ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدۇ، بۇ تارتۇقلاش ھەرىكىتى ھەق تەلەپ قانۇنىي ھەرىكىتىگە تەۋە بولۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان-بولمىغانلىقى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشتىن كېيىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېھتىياجلىق، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئېتىراپ قىلمىسا، تارتۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ، تور سۇپىسى ۋە ئېقىم چولپىنىنىڭ پۇل قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئۆزگىرىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قايسى ئىشلارنى ھازىر قىلسا بولىدىغانلىقى، قايسى ئىشلارنى چوڭ بولغاندىن كېيىن قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 19-ماددىسىدا: «قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سەككىز ياشتىن ئاشقانلار ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن قىلىدۇ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى، ئېتىراپىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىش كېرەك؛ لېكىن ئۇلار نوقۇل پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ياكى يېشى ۋە ئەقلىگە مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى مۇستەقىل قىلسا بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 145-ماددىسىدا: «ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى قىلغان نوقۇل پايدا ئالىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ياكى شۇ كىشىنىڭ يېشى، ئەقلىي، روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە؛ شۇ كىشى قىلغان باشقا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ياكى ئېتىراپىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئاداچى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشكە سۈيلىسە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى دەپ قارىلىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئېتىراپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىلار كۈچتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. كۈچتىن قالدۇرۇشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن. 
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 157-ماددىسىدا: «ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز بولغان، كۈچتىن قالدۇرۇلغان ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەرىكەت ئىگىسى شۇ ھەرىكەت بىلەن ئىگە بولغان مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ قايتۇرغىلى بولمىسا ياكى قايتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەپ بېرىشى كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ شۇ سەۋەبتىن تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە خاتالىق بولسا، ھەرقايسىسى ئۆزىگە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. 
«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يېڭىچە تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىغا چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ياخشى قاراپ چىقىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى (2)»نىڭ 9-ماددىسىدا: «ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، توردا ھەق تۆلەيدىغان ئويۇن ياكى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا "تارتۇقلاش" قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ يېشى، ئەقلىي ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدىغان پۇللارنى چىقىم قىلغاندىن كېيىن، ۋەسىيلەر تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىدىن بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى چىقىم قىلىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ يەرنى بېسىپ «قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟

2022-01-06

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

2022-01-02

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296