大数跨境

ماگناتلارنىڭ خادىم قىسقارتىشى 2022-يىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشامدۇ؟

ماگناتلارنىڭ خادىم قىسقارتىشى 2022-يىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشامدۇ؟ NepKan
2022-01-08
1
导读:شىركەتنىڭ ھامان قاتمۇقات ئۆتكەللىرى بولىدۇ-دە، ئىشلەمچىلەرنى خىزمەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئىشسىز قالغانلار بارمۇ؟ سىزدە ئىشسىزلىقنىڭ ئەندىشىسى بارمۇ؟
2021-يىلى، پات ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ (مەزكۇر يازمىنىڭ ئەسلىسى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدە يوللانغان). يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2022-يىلى، بىزنىڭ خىزمەت مۇھىتىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنامدۇ ياكى تېخىمۇ ناچارلامدۇ؟
يىللىق ئۆتكەل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يوشۇرۇن ئېقىم مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان خادىم قىسقارتىش دولقۇنى ئاستا-ئاستا يۈز بەرمەكتە.


ئىلگىرىكى يازمىلىرىمدا، كەمىنە ناھايىتى ئەندىشە قىلغان ھالدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم: 2022-يىلى جۇڭگودا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان 10 مىليون 200 مىڭ ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى مىسلىسىز كەسكىنلىشىدۇ. بىراق، پىل چىشى مۇنارى (象牙塔)دىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن، بۇ نۇقتىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلار قانچىلىك؟
2021-يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇ قىلغان مائاش تەكشۈرۈش جەدۋىلىدە، ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشسا ئاساسەن ئۆلچەملىك سەپلىمە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىشقا ئورۇنلاشقان شەھەرلەرنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلارغا ئورۇنلاشتۇرسا مائاشى 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. چاڭشا، جېڭجۇلارغا ئوخشاش ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈتكەن مائاشىمۇ 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يەتتى.


بىراق، چاڭشانىڭ 2020-يىللىق ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 7131 يۈەن، جېڭجۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 6063 يۈەن. ئادەتتە، تۇنجى قېتىم خىزمەتكە چىقىدىغان شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشىدىن تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە مائاش قىسمىغا تەۋە بولىدۇ.
ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن تۇنجى يىللىق ئايلىق مائاشى قانچە؟ راستىنى ئېيتقاندا، يۈكسەك دەرىجىدە بازارلاشقان جۇڭگودا ئىش ھەققى ئىنتايىن ئاشكارا بولىدۇ. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بازاردىكى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسا، ناھايىتى ئاددىي.
ئادەم قوبۇل قىلىش يۇمشاق دېتالىنى ئېچىپ، ئوقۇش تارىخى، كەسىپ، شەھەر، ئىش ئورنى، خىزمەت مۇددىتىنى تاللاپلا، ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى مائاش دائىرىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى ساننى ئالسىڭىز، ئاساسەن خاتالاشمايسىز.
بازار رەھىمسىز، ئىش ھەققىنى كۈتۈشتە سۇبيېكتىپ پەرەزگە تايىنىشقا بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈش جەدۋىلىدىكى كۈتكەن ئىش ھەققى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئىچىدە بىر يۇقىرىنى قوغلىشىدىغان پىسخىكا بار، باشقىلار 15 مىڭ يۈەن مائاش ئالىمەن دېسە، سىز قانداقسىگە 5 مىڭ يۈەن دېيىشنى خالايسىز؟ سىزگە مەلۇم بولغان تەقدىردىمۇ، بىر ئادەتتىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئايلىق مائاشى 3000+2000 يۈەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسال مائاشى 5000 يۈەن بولىدۇ. بىراق، سىز يەنىلا: «مېنىڭ كۈتكەن ئىش ھەققىم 15 مىڭ يۈەن.» دەيسىز.


بۇ ئۆزىگە بولغان يۇقىرى باھا بولۇپلا قالماي، يەنە خىزمەتتىكى پىشقەدەملەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، خۇاۋېينىڭ يىللىق مائاشى ئۈچۈن مىليون يۈەنلىك offer غا شەرتى توشىدىغان تالانتلىق ئۆسمۈرلەر ئىنتايىن ئاز ساندا. ئەگەر ئىلگىرىكى يىللار بولغان بولسا، شۇ يىلى يەنە ئالاقە تورى ماگناتلىرىغا كىرىشنى نىشان قىلغان بولسا بولاتتى. لېكىن، بۇ يىلدىن باشلاپ ئالاقە تورى ماگناتلىرىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس.
بۇ يىل يازدا، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بايتلىق سەكرەش شىركىتىنىڭ offer نى ئالدى. ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بايتلىق سەكرەشنىڭ ئىش كارتىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ، تازا ماختىنىۋالدى. بىراق، رەسمىيلىشىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، بۇ ماگناتلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدىغان بايتلىق سەكرەشتىن ئايرىلىش پەيتىگە دۇچ كەلدى.


ماگناتلار خادىم قىسقارتىش دولقۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. خادىملارنى قىسقارتىش دولقۇنىدا، ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. بايتلىق سەكرەش بايرىقى ئاستىدىكى Ohayoo ئىستىراھەت ئويۇن سۇپىسى تۈرىدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قىسقارتىۋېتىلدى.
نېمىشقا ئاۋۋال بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار قىسقارتىلىدۇ؟
بۇ يىل يازدا بايتلىق سەكرەشكە خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئالتە ئايلىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە نۇرغۇن كىشى يىل ئاخىرىغىچە رەسمىيلەشمىدى. سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىش تەننەرخى بىر رەسمىي ئىشچى-خىزمەتچىنى قىسقارتىشتىن خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، Ohayoo بولسا بايتلىق سەكرەشتە يېڭى ئىشلەنگەن ئويۇن تۈرى. بايتلىق سەكرەشتدە، ئويۇن كەسپى تېخى پۇل تاپمىدى، ئىزچىل زىيان تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىر تۈركۈملەپ شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان زىيان تارتىۋاتقان تۈر، كەسىپ قىسقارتىلغاندا، شۇ يىلى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قىسقارتىپ، يادرولۇق قوشۇن ساقلاپ قېلىنىدۇ، كېلەر يىلى يەنە يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بىر كارخانىنىڭ بازارنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلگەن مەزگىلدىكى ئادەتتىكى ئۇسۇلى.


ئەمما بايتلىق سەكرەشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئويۇندىن باشقا يەنە ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى، توردا تەربىيەلەش، مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن زىيان تارتىۋاتىدۇ. بايتلىق سەكرەشتە ھەقىقىي مۇقىم نەق پۇل ئېقىمى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغىنى پەقەت باش خەۋەر ۋە دوۋيىندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەھسۇلات لىنىيەسىدۇر.
بايتلىق سەكرەشنىڭ كۈنلىرى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ رەقىبى كۈەيشوۋنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەس. دوۋيىن ۋە TikTok نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ھۇجۇمىدا، كۈەيشوۋنىڭ پارلىنىپ كەتكەن بازار قىممىتى 1 تىرىليون يۈەنگە يەتتى. ئەسلىدىكى كەسىپ تەھدىتكە ئۇچراپلا قالماي، يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسىپ بۆلىكى ۋە چەتئەل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.
كۈەيشوۋدا خادىم قىسقارتىش بايتلىق سەكرەشتىن كېيىنرەك بولىدۇ، لېكىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان زەربە تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. چۈنكى تېز سۈرئەتتە خادىم قىسقارتىش دەل يىل ئاخىرىدا بولۇپ، %30 ئىشچى-خىزمەتچىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. ئەگەر ئىلگىرىكى يىللىرى بولغان بولسا، يىل ئاخىرىدا كۆپچىلىك يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۆيگە قايتىپ چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، كىم قىسقارتىلىدۇ؟ بۇ خىزمەتكە كېلەر يىلىغىچە كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟ مانا بۇ ماگناتلاردىكى خىزمەتچىلەر تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان ئىش.
دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ھەق تۆلەيدىغان ئۇزۇن سىن سۇپىسى ئەيچىيى تۆت يىلدا 30 مىليارد يۈەن زىيان تارتقاندىن كېيىن، ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي، يىل ئاخىرىدا %20 تىن %40 كىچە خادىم قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئەيچىيى قارمىقىدىكى ھەجىۋى رەسىم، ھېكايە، VR، ئويۇن قاتارلىق بۆلۈملەر كەڭ كۆلەمدە خادىم قىسقارتتى. بەزى بۆلۈملەر بىۋاستە ھەممىنى قىسقارتىۋەتتى. بۇ ئەيچىيى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خادىم قىسقارتىش ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دى دى، بەيدۇ، تېڭشۈن، شىنلاڭ، ۋېيپىنخۇي، سۇنىڭ قاتارلىق ئالاقە تورى ماگناتلارلىرىنىڭ ھەممىسى يىل ئاخىرىدا «خادىملارنى ئەلالاشتۇرۇش»نى كۈتۈۋالىدۇ.
ما يۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «ئەلى بابا ھەر يىلى جەمئىيەتكە 1000 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىم چىقىرىدۇ.» جۇڭگو ئالاقە تورى ماگناتلىرى ئۆزى كېرەك قىلمايدىغان ئىختىساسلىقلارنى جەمئىيەتكە كۆلەملەشتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىدى.


بۇنىڭ ئىچىدە، تېڭشۈننىڭ ئۇسۇلى ئەڭ مۇھىم.
تېڭشۈن يۇقىرى مائاش بىلەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا 400 مىڭ يۈەن يىللىق مائاش تارقاتتى. لېكىن، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇلى بىكاردىن بىكار چۈشۈپ قالغان ئەمەس، ئوتتۇرا قاتلامدىن سىقىپ چىقىرىلغان. مەسىلەن، تېڭشۈن PCG تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يىلدا بىر قېتىم توختاملىشىپ، لاياقەتسىز بولسا توختامنى داۋاملىق تۈزمىگەن.
بۇ ئىچكى يۆگىمىلىشىش بېسىمى ئوتتۇرا ياشلىقلارغا يۈكلەندى. تېڭشۈن گەرچە پېنسىيە پاراۋانلىق پىلانىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن تېڭشۈندە پېنسىيە پۇلىنى ھەقىقىي ئالالايدىغانلاردىن قانچىسى بار؟


بارلىق ئالاقە تورى ماگناتلارلىرىنىڭ ھەممىسىدە 35 ياشلىق رەھىمسىز قائىدە بار. 35 ياشقا كىرگەندە، يۇقىرىغا ئۆرلەش بوشلۇقى كىچىك، تۆۋەنگە چۈشۈش بولسا يەنە ياشلارنىڭ ئۆسۈش يولىنى توسۇپ قويىدۇ. شىركەتتە، يۇقىرىدىكىلەر بىلەن تۆۋەندىكىلەرگە ياخشىچاق بولالماي، ئاخىرى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
ئەسلىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈش، يەنى ئىشسىز قېلىش ئىدى. لېكىن ھازىر يەنە ئەنسىرەيدىغىنىمىز، خىزمەتكە كىرگەن ھامان خادىم قىسقارتىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىشتۇر. شىركەت ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيە پاراۋانلىق پىلانىنى يولغا قويدى، لېكىن مەن پېنسىيەگە چىققۇچە بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەكمەن.
بىز ئىشقا ئورۇنلاشقاندەكمۇ قىلىمىز، بىز يەنە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشمىغاندەكمۇ قىلىمىز. شىركەتنىڭ پېنسىيە پاراۋانلىقى باردەك قىلىدۇ، لېكىن ئىشچى خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىقماقچى بولسا، ئاساسەن غوجايىننىڭ دەرىجىسىگە يەتكەندە ئاندىن بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، شىركەتنىڭ ھامان قاتمۇقات ئۆتكەللىرى بولىدۇ-دە، ئىشلەمچىلەرنى خىزمەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
رېئاللىق شۇنداق رەھىمسىز!


ماگناتلار مۇشۇنداق تۇرسا، ئۇششاق شىركەتلەرنىڭ كۈنى سىزنىڭچە تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ؟
2021-يىلى شۇنداق بولدى، 2022-يىلى تېخىمۇ ياخشىراق بولامدۇ؟
جۇڭگولۇقلار نېمە ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ چۈنكى 5000 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودىكى ئادەتتىكى پۇقرالار ئەزەلدىن ھەقىقىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ باقمىغان. پەقەت پۇل ئامانەت قويغاندىلا، ئاندىن غورىگىل بازاردا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى

2021-09-13

دەۋر ھالقىغان تۇرالغۇ

2021-09-04

مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش: ئۈچ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى

2021-09-03

خەير-خوش خېڭدا، جۇڭگو يەر مۈلكىنىڭ يېڭى دەۋرى

2021-09-02

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 1-بۆلەك

2020-12-23

نادىر نۇتۇق: ئەڭ مۇھىم بولمىغىنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدۇر 2-بۆلەك

2020-12-23

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئارىلاشما تىجارەتكە قارشى تۇرۇش

2020-12-21

ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ كۈلپەتلىك دەقىقىلىرى

2020-12-20

ئىستېمال تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قويۇپ بەرگەن پۇرسەت

2020-12-19

روكفېللېر ۋە ما يۈننىڭ تەقدىرداشلىقى ۋە پاراسەت پەرقى

2020-12-26

يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى

2021-08-13

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى

2021-08-13

مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

2021-08-28

سوۋىتنىڭ خاتالىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دانالىقى

2021-09-08

كەلگۈسىدىكى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن قانداق لوگىكا كېرەك؟

2021-09-11

خېڭدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ؟

2021-09-17

خېڭدا تەرىپىدىن «قاپقان»لانغان 3 خىل ئادەتتىكى كىشىلەر

2021-09-18

ما يۈننىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

2021-09-19

2021-يىلىدىكى يېڭى تىركىشىش، كىم ئاخىرىغىچە كۈلەلەيدۇ؟

2021-09-20

بايلارنىڭ ھالاكىتى

2021-09-21

يېشىل «قالپاق» كەيگۈزۈلگەن فىرانسىيە

2021-09-23

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قالتىسلىققا يېتىشتىكى يەتتە قەدىمى

2021-09-24

ماۋتەي، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات

2021-09-25

مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي...

2021-09-26

خۇاۋېي ئەگەر ئامېرىكىلىقلارغا تىز پۈكسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟

2021-09-28

بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قامالنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز؟

2021-09-29

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: ئارىچاڭ پايدا قىسمى

2021-10-03

ئالاھىدە يازما--چوڭ يۈزلىنىش ئانالىزى: يەر-مۈلۈك قىسمى

2021-10-03

قەرز كىرىزىسىدا قالغان خېڭدا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى

2021-10-04

لۇ بەگلىكى ئاق شايىسى ۋە جېڭ گو ئۆستىڭى

2021-10-06

تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش

2021-10-09

«سىياھ بېلىق ئويۇنى» كەينىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق

2021-10-09

ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە تارىخنىڭ كونا ئايلىنىشى

2021-10-10

خېڭدا نېمە ئۈچۈن....

2021-10-11

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ خېڭدانى قۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

2021-10-13

يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى

2021-10-13

كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن

2021-10-14

كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟

2021-10-15

خېڭدا كىرىزىسنىڭ ھالقىلىق پەيتى

2021-10-16

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە پۇلغا كۆمۈلۈك نەپەسلىنەلمەيۋاتقان لى جياچېڭ

2021-10-16

بايلارنىڭ باج سېلىقىنى يۆتكىشى: «يۇچۇق» ۋە «ياماق سېلىش»

2021-10-17

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بار؟

2021-10-20

قوش كېمەيتىش ۋە كەسپىي مائارىپ

2021-10-21

كىرىزىستىكى خېڭدا نېمىشقا بۇ 20 مىلياردلىق سودىنى بۇزۇۋېتىدۇ؟

2021-10-21

ئۆي مۈلۈك بېجىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش كېرەك؟

2021-10-23

تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش: ئۆي-زېمىن بېجىدىن كېيىنكى يۈزلىنىش

2021-10-24

شياڭگاڭ لى جەمەتىنىڭ خاس شەھىرىمۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجى يەر مالىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

2021-10-26

ئۆي-مۈلۈك بېجىنى «نۇقتىدا سىناق قىلىش» پۇرسىتى

2021-10-27

كىرىزىستىكى خېڭدا ۋە قىزىل بايراق ئاپتوموبىلدىكى ۋاڭ جيەنلىن

2021-10-30

ئۆي-مۈلۈك بېجى: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟

2021-10-31

بىر ئۆي-مۈلۈك تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان دۆلەت!

2021-11-01

يەر مالىيەسىدىن ئۆي-مۈلۈك بېجىغا ئۆتۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

2021-11-03

خېڭدادىن كېيىنكى قەرز كىرىزىسىدا قالغان ئۆي-مۈلۈك ئاتامانلىرى

2021-11-06

ئۆي قەرزىنىڭ قەرەلى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

2021-11-07

ھىڭگاڭ چىشلىق «يېشىل» كاپىتال

2021-11-10

«ئورتاق تونۇش»نىڭ كەلگۈسى

2021-11-11

شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟

2021-11-18

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-11-22

خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!

2021-12-04

شۈجيايىننىڭ تەقدىرى بېكىتىلىپ بولدى

2021-12-06

شۈ جيايىن خېڭدانى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلدى

2021-12-06

نېمىشقا كورىيەدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئۆسكەنسېرى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسىدۇ؟

2021-12-26

بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

2021-12-25

شۈ جيايىننىڭ «مەجبۇرىي چېقىلىدىغان» ئۆي-مۈلۈك ئىمپېرىيەسى

2022-01-04

------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0