大数跨境

مەركىزىي بانكىنىڭ قالدۇق پايدىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى!

مەركىزىي بانكىنىڭ قالدۇق پايدىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى! NepKan
2022-03-09
2
导读:مەركىزىي بانكا تاپشۇرغان قالدۇق پايدا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارەت پايدىسىدىن كېلىدۇ...

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، خەلق بانكىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىشلەتكىلى بولىدىغان مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل خەلق بانكىسى مەركەز مالىيەسىگە قانۇن بويىچە قالدۇق پايدىنى تاپشۇردى، ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، بۇ پۇل ئاساسلىقى تۇتۇپ قېلىپ باج قايتۇرۇش ۋە يەرلىككە يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يۆلەش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. 
مەركىزىي بانكىنىڭمۇ پايدىسى بارمۇ؟ مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدىسى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ نېمىشقا مالىيە ئونكولى ئەمەس؟ 


بىرىنچى مالىيە ئىقتىساد مۇخبىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىدار ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى. 
جۇڭگو بانكىسى ئاكسىيەسىنىڭ يەر شارى باش ئىقتىسادشۇناسى گۈەن تاۋ 1-مالىيە ئىقتىساد مۇخبىرىغا: «مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدىسى مەركەزنىڭ مالىيە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ئەسلىدىنلا مالىيەنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى بولغاچقا، مالىيە قىزىل رەقىمى پەيدا قىلمايدۇ.» دېدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «قىزىل رەقەم %2.8: زايوم ۋە قەرز كىرىزىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

بۇ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان ئۇسۇل 
ئەمەلىيەتتە، مەركىزىي بانكىنىڭ مەركەز مالىيەسىگە تاپشۇرغان قالدۇق پايدا ئىشى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. 2022-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل ئالاھىدە دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قالدۇق پايدىنى يۇقىرىغا تاپشۇرىدۇ. 
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئادەت ئۇسۇلى، شۇنداقلا مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يىل ھالقىپ مەبلەغنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، بۇ جۇڭگو تاماكا باش شىركىتى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خەلق بانكىسىمۇ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى.» 
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى»نىڭ 39-ماددىسىدىكى «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھەر بىر بوغالتىرلىق يىلىدىكى كىرىمىدىن شۇ يىللىق چىقىم چىقىرىۋېتىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بېكىتكەن نىسبەت بويىچە ئومۇمىي تەييارلىق فوندى ئاجرىتىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ساپ پايدا پۈتۈنلەي مەركەز مالىيەسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەلق بانكىسىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسى دۆلىتىمىز قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولىدۇ. 
گۇەن تاۋ مۇخبىرغا: «بۇ مەركىزىي بانكا تۇنجى قېتىم تاپشۇرغان قالدۇق پايدا ئەمەس، ئادەتتە يىل بويىچە تاپشۇرىدۇ.» دېدى. 
يۇقىرىقى مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەركىزىي بانكىنىڭ پايدىسىنى مالىيەگە تاپشۇرۇشىمۇ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان ئۇسۇلى، "ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قانۇن لايىھەسى"، "ياپونىيە بانكا قانۇنى"، "ئەنگلىيە بانكا قانۇنى"دىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەلگىلىمىلەر بار.» 
ئاشكارا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ساپ پايدىسى 88 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2019-يىلىدىكىدىن 33 مىليارد 300 مىليون دوللار ئاشقان؛ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا 88 مىليارد 500 مىليون دوللار پايدا تاپشۇرغان، 2019-يىلىدىكىدىن 33 مىليارد 600 مىليون دوللار ئاشقان. 

ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟوت زاﭘﯩﺴﻰ ﺗﯩﺠﺎرەت پايدىسىنىڭ قالدۇق پايدىسى
جۇڭگو خەلق بانكىسى مەركىزىي بانكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە بولسىمۇ، لېكىن كىرىمىمۇ بار، ئۇ ئومۇمەن ئۆسۈم كىرىمىنى، يەنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكرار قەرز پۇل ئۆسۈم كىرىمى، تەكرار دىسكونت ئۆسۈم كىرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كەسپىي كىرىم، يەنى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارەت پايدىسى، ئالتۇن-كۈمۈش كەسپىي كىرىمى، ئاكسىيە سودىسى كىرىمى قاتارلىقلار؛ 
مەركىزىي بانكا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خەلق بانكىسىنىڭ قالدۇق پايدىسى ئاساسلىقى ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارەت پايدىسىدىن كەلگەن، باج ياكى ئىقتىسادىي سۇبيېكتلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرمايدۇ، شۇنداقلا مالىيە قىزىل رەقىمىمۇ ئەمەس. خەلق بانكىسىنىڭ قانۇن بويىچە مەركەز مالىيەسىگە تاپشۇرغان قالدۇق پايدىسى مالىيەنىڭ مەركىزىي بانكىدىن ئونكول قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. قالدۇق پايدا ئاي بويىچە تەكشى يۇقىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ، خەلق بانكىسىنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنىڭ كۆلىمى مۇقىم بولۇپ، پۇل سىياسىتى بىلەن مالىيە سىياسىتىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشى نامايان قىلىنىپ، ماكرو ئىگىلىك چوڭ گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىلىدۇ.»
جۇڭگو خەلق تۇرمۇشى بانكىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ۋېن بىن: «بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مەركىزىي بانكىنىڭ پايدىسىنى مالىيەگە تاپشۇرۇش مەخسۇس تىلغا ئېلىندى، ئەمەلىيەتتە دۇنيا مەركىزىي بانكىسىمۇ مۇشۇنداق قىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى مەزگىلىدە نۇرغۇن مۈلۈك سېتىۋالغان، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت زايومى، ھەتتا SPV ئارقىلىق سىتى بانكىسىنى پاي چېكى سېتىۋالغان، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پەسەيگەندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كەڭرى پۇل سىياسىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، زايومنى ئىككىنچى دەرىجىلىك بازاردا ساتتى، سىتى بانكىسى پاي چېكىنى تۆكمە قىلىپ ساتقاندىن كېيىن خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پايدىسى بولۇپ، ئاخىرىدا ئامېرىكا مالىيەسىگە تاپشۇرۇلغان.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
شىندا ئاكسىيەسىنىڭ باش ماكرو ئانالىزچىسى جىيې يۈنلياڭ: «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ھەر قېتىم كرىزىس يۈز بەرگەندە، بازارنى قۇتقۇزۇشنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسىدە پايدا ئالىدۇ.» دېدى. 
ۋېن بىن: «مەركىزىي بانكىمۇ تىجارەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مۈلۈك ئۇچىدىن قارىغاندا، MLF (ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز قولايلىقلىقى) مەبلەغ سېلىش، تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مەبلەغ سېلىش تىجارىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىشچانلىقى، پايدىسى، بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلىدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ پايدىسى بىرقەدەر مۇقىم بولدى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قالدى.» دېدى. 
گۇەن تاۋ 1-مالىيە ئىقتىساد مۇخبىرىغا: «بۇ بىر قىسىم تاشقى پېرېۋوت پايدىسىغا نىسبەتەن، ئەگەر راسچوت قىلىنىپ بولغان بولسا، تاشقى پېرېۋوت ئىگىلىگەن پۇل ئاستىدا ئىپادىلىنىدۇ، راسچوت قىلىنمىغان بولسا، مەركىزىي بانكىنىڭ باشقا تاشقى پېرېۋوت مۈلكى تۈرىدە ئىپادىلىنىدۇ.» دېدى. 
«جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مالىيە تۈزۈمى»گە ئاساسەن، مالىيە مىنىستىرلىقى خەلق بانكىسىغا قارىتا مۇستەقىل مالىيە خام چوتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خەلق بانكىسىنىڭ خام چوتىدىكى تۈرلۈك كىرىم-چىقىملارنى بالانىس قىلغاندىن كېيىن، ساپ سومما دۆلەت خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 
«بۇ يىل مەركىزىي بانكا ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسى خامچوتقا كىرگۈزۈلدى، ئەڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن ئادەتتىكى كۆپچىلىك خامچوت چىقىمى 2 تىرىليون 671 مىليارد 250 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىللىك نىسبەت %8.4 ئاشتى. بۇلتۇرقى مالىيە چىقىمى ئوخشاش مەزگىللىك نىسبىتى %0.3 ئاشتى، مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى، لېكىن %5.5 لىك GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى (نامدىكى ئېشىش سۈرئىتى %9 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن)نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مالىيە سىياسىتىغىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە كەڭ ئىناۋەت، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق باشقا تەدبىرلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.» دېدى جىيې يۈنلياڭ. 

بۇ مالىيە قىزىل رەقىمىنى پەيدا قىلمايدۇ
مەركىزىي بانكا تاپشۇرغان پايدا «مالىيە قىزىل رەقىمىنى پۇللاشتۇرۇش»تىن دېرەك بېرەمدۇ؟ 
يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خىيىم-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مالىيە سىياسىتى، تەدبىرىدە، ئېلىمىز ئىزچىل سىياسەت بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويدى. 
مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىلكىدىكى ئالاھىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسى تاساددىپىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، ئالدىن قالدۇرۇلغان سىياسەت بوشلۇقى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىدار ئاپپاراتلار شۇ سەۋەبتىن يۇقىرىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بەزى قالدۇق پايدىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ قالدۇق پايدىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ھازىر ۋە يىراق كەلگۈسىنى ئويلىشىپ، بۇ يىل يېڭى بىرىكمە باج ياردەم سىياسىتىنى يولغا قويغان ئەھۋال ئاستىدا، تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىش ئارقىلىق، بۇ يىل ئالاھىدە دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرى 2021-يىلىدىن بۇرۇن شەكىللەنگەن قىسمەن قالدۇق پايدىنى تاپشۇردى. بۇ مەبلەغ يەرلىككە يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىپ، يەرلىك مالىيە بولۇپمۇ ناھىيە، رايون مالىيەسىنىڭ كىرىمنىڭ ئازىيىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى بىۋاسىتە بېرىش مېخانىزمى بويىچە باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلۈپ، شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلاملىرىغا تېز، دەل جايىدا يەتكۈزۈلۈپ، كارخانىلارغا، خەلققە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈلىدۇ. 
جىشىن مەبلەغ سېلىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ 1-مالىيە مۇخبىرىغا: «مەركىزىي بانكىنىڭ قالدۇق پايدىسى ئاساسلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارەت پايدىسىدىن كەلگەن، تىجارەت پايدىسى بولغانىكەن، ئۇ مالىيە مەبلىغى ئەمەس، مالىيە ئاجراتقان مەبلەغمۇ ئەمەس، شۇڭا مالىيە قىزىل رەقىمىنى پەيدا قىلمايدۇ.» دېدى. 
گۇەن تاۋمۇ مۇخبىرغا: «مەركىزىي بانكا تاپشۇرغان قالدۇق پايدا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارەت پايدىسىدىن كېلىدۇ، ئەسلىدىنلا مالىيەنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى، شۇڭا مالىيە قىزىل رەقىمىنى پەيدا قىلمايدۇ.» دېدى. 
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى 3 تىرىليون 213 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇدا 10 ئاي 3 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. 
ليەن پىڭ: «دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ خەلقئارا بازاردا تىجارەت قىلىشى بەلگىلىك پايدىغا ئېرىشىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ياكى باشقا بىر قىسىم مۈلۈكلەرنى يۈرۈشتۈرىدۇ، ئۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا مالىيە مەبلىغى ئەمەس.» دېدى. 
ۋېن بىننىڭ قارىشىچە، بۇ «مالىيە قىزىل رەقىمىنى پۇللاشتۇرۇش»تىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بازارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى قوللايدىكەن. 
گۇەن تاۋ: «مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدىسى تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، مەركەزنىڭ مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە سىياسىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ.» دېدى . 
جىيې يۈنلياڭ: «مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسى ئاساسلىقى مالىيە سىياسىتى كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، ئېقىشچانلىققا بولغان تەسىرى چەكلىك. مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدىسى دۆلەت خەزىنىسىگە كىرسە، بانكىلار ئارىسىدىكى ھەرىكەتچانلىققا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن مالىيە چىقىم قىلغاندا، يەنە دۆلەت خەزىنىسىدىن سودا بانكىسىغا كىرسە، ئۇ چاغدا كۆچمە مەبلەغ تارقىتىش شەكىللىنىدۇ، بىراق بارلىق مالىيە چىقىمىنىڭ مۇشۇنداق ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇ سىياسەتنى شۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇكى، مالىيە كىرىمى 1 تىرىليون 650 مىليارد يۈەن كۆپەيدى، ئىشلەتكىلى بولىدىغان مالىيە كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇ مالىيە چىقىمىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.» بۇمۇ مەركەز قايتا-قايتا تەكىتلىگەن، گەرچە بۇ يىلقى مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ %2.8 كە چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان كىرىم، مەركىزىي بانكا ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرى يۇقىرىغا تاپشۇرغان پايدا، خامچوت مەبلىغى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتقاندا، مالىيە چىقىمىنىڭ سىجىللىقى كاپالەتكە ئىگە بولغان، چىقىم كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 2 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق كېڭەيگەن.» دېدى. 
مەنبە: بىرىنچى مالىيە ئىقتىساد تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0