大数跨境

6000 يۈەن تور قەرزىنىڭ ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن...

6000 يۈەن تور قەرزىنىڭ ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن... NepKan
2022-02-27
2
导读:قەرز قايتۇرمىسا، بانكا كارتىسى توڭلىتىلىپ، قەرز ئالغۇچى قەرزنى تولۇق قايتۇرغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلت

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
«توردىن قەرز ئالدىم، ئاران 6000 يۈەن، بانكا كارتام توڭلاپ قاپتۇ، ھەقىقەتەن كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ، بۇنداق ئىش يۈز بەردى.» گۈيياڭدا ئولتۇرۇشلۇق خې XX شۇنداق دەيدۇ.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇ بانكا كارتىسىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ھەققى قاچىلىماقچى بولىدۇ، نەتىجىدە پۇل قاچىلىغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكىغا تېلېفون قىلىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسە، ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپ ئۇنىڭ بانكا كارتىسىنى سوت مەھكىمىسى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى، ئەمما بانكا كارتىسىدىكى قالدۇق سوممىنىڭ پەقەت 266 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. 

2018-يىلى، خې XX مەلۇم تور قەرز بېرىش سۇپىسىدىن 6000 يۈەن قەرز ئالغان، قەرز كۆپ بولغاچقا ئىزچىل قايتۇرمىغان، ھازىرغىچە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەن. 
بۇ مەزگىلدە خې XX يانفون نومۇرىنى ئالماشتۇرغان، شۇڭا تور قەرز ئېلىش سۇپىسىنىڭ سۈيلەش تېلېفونىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىغان، ئەسلىدە ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ ئويلىغان ئۇ تور قەرز بېرىش سۇپىسىنىڭ ئۇنى سوتقا ئەرز قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان. 
ئۇنىڭدىن باشقا، خې XX يەنە بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ماتېرىيال ئېلىپ كېلىشىنى ئېيتقان، بۇ تېلېفون ئۇنى پۈتۈنلەي تەمتىرىتىپ قويغان بولۇپ، ئۇ تۈرمىدە يېتىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن. ئۇ بىۋاسىتە قارشى تەرەپكە ۋاقتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ جاۋاب قايتۇرغان، ئاندىن قارشى تەرەپ ماتېرىيالنى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن كېيىن خې XX قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋلمىغان. 
«مەن بۇ تېلېفوننىڭ راست-يالغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيمەن، زادى سۈيلەش شىركىتى ياكى سوت مەھكىمىسى ئۇرغان ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، دەلىللەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن.» خې XX شۇنداق دەيدۇ.
«ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تور قەرز سۇپىسىدىكى كىشىلەر ماڭا تېلېفون قىلىپ، قەرز قايتۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھازىر پەقەت 6780 يۈەننى قايتۇرساڭلا بولىدۇ.» دېگەن. 
بۇ پۇل نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن كۆپ ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ئون نەچچە تور قەرز سۇپىسىغا قەرز بولۇپ قالغان خې XX ئۈچۈن خېلى كۆپ قەرز ھېسابلىنىدۇ. ھازىر خې XX مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئامال قىلىپ بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان. 
قەرز پۇل ئاز بولسا، قەرز بېرىش سۇپىسى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلمامدۇ؟ 
بۇنى كۆرگەن بەزىلەر: 6000 يۈەن قەرز بولسىمۇ ئەرز قىلىنامدۇ؟ دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، سىز نەچچە يۈز يۈەن قەرز بولسىڭىزمۇ، قەرز بېرىش سۇپىسى ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدۇ، قانۇن ئەرز قىلىش سوممىسىغا چەك قويمايدۇ. 
كۆپچىلىك ئاز سوممىلىق قەرز ئالدىم، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، دەپ قاراپ، قەرزنى ئىزچىل قايتۇرماسلىقى مۇمكىن. قەرز پۇلنى قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە قايتۇرمىسىڭىز، قەرز بېرىش سۇپىسىغا بەلگىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ يانفون نومۇرىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئالاقىلاشقىلى بولمايدىغان قەرز ئالغۇچىلارغا قەرز بېرىش سۇپىسى سىزنى تېپىش ئۈچۈن قانۇنىي ۋاسىتە قوللانماي قالمايدۇ. 
قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرمىغان ئەھۋالدا، قەرز بېرىش سۇپىسى ئەرز قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، سوت مەھكىمىسىگە مال-مۈلۈك ئامانلىقىنى ساقلاش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كېسىم چىقىرىدۇ، مال-مۈلۈك ئامانلىقىنى ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش كېسىمى چىقىرىلسىلا، دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ.
خې XX نىڭ بانكا كارتىسىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىشى مال-مۈلۈك ئامانلىقىنى ساقلاش تەدبىرىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەگەر داۋاملىق قەرز قايتۇرمىسا، ئەرز خېتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن، ۋاقتى كەلگەندە سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئەرزگە جاۋاب بېرىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى قەرز قايتۇرۇشنى ھۆكۈم قىلغان ھامان، قەرز ئالغۇچى قەرزنى دەرھال قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە دەۋا ھەققىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. 

بانكا كارتىسى توڭلىتىلسا، قاچان ئەسلىگە كېلىدۇ؟ 
قەرز قايتۇرمىسا، بانكا كارتىسى توڭلىتىلىپ، قەرز ئالغۇچى قەرزنى تولۇق قايتۇرغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ئىجراسى داۋامىدا مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»نىڭ 31-ماددىسىدا: «قەرز تۆلىتىۋېلىنغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشنى بىكار قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىغا ياكى دېلوغا مۇناسىۋەتسىز كىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن. 
شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا، قەرز ئالغۇچى چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەرز بېرىش سۇپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۇلنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ سودىيەدىن بانكا ھېساباتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 
كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، ھەمىشە قەرز بەك ئاز بولۇپ قالسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ، دەپ قالماڭ، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە خې XX كە ئوخشاش بانكا كارتىڭىز بىۋاسىتە توڭلىتىۋېتىلىشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىر نۇرغۇن كىچىك قەرز شىركەتلىرى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا باشلىدى. 

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0