

21-فېۋرال، گوۋۇيۈەن «دۆلەتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، 18 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا، دۆلىتىمىزنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك يىرىك پىلان چىقىرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان «قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش» كە دائىر بايانلارمۇ بار.
نېمە ئۈچۈن پېنسىيەگە چىقىش كېچىكتۈرۈلىدۇ؟
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە نوپۇس يېنىك دەرىجىدە قېرىلىشىشتىن ئوتتۇرا دەرىجىدە قېرىلىشىش باسقۇچىغا قاراپ قەدەم قويدى، بۇ پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى.
7-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشلىق نوپۇس تەخمىنەن 264 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 18.7 نى ئىگىلىگەن؛ 65 ياشتىن يۇقىرى نوپۇس تەخمىنەن 190 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 13.5 نى ئىگىلىگەن؛ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدىكى ياشانغانلار نوپۇسى 300 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

ب د ت نىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەرىچە، مۇشۇ يۈزلىنىش بويىچە بولغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا جۇڭگو جەمئىيىتىدە نوپۇس يېشىنىڭ ئوتتۇرىدىكى سان 49.6 ياشقا يېتىدىكەن، يەنى نوپۇسنىڭ يېرىمى 50 ياشتىن ئاشىدىكەن، دېمەك ياشانغانلار جەمئىيىتى يېقىنلاپ كەلمەكتە. پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش، ناھايىتى ئېنىقكى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر.
يەنە بىر جەھەتتىن، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پېنسىيەگە چىقىش يېشى نىسبەتەن تۆۋەن، جۇڭگودا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر 60 ياش، ئايال كادىرلار 55 ياش، ئايال ئىشچىلار 50 ياش. بۇ بەلگىلىمە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئېلىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئاران 50 ياش ئەتراپىدا ئىدى. بۇ پېنسىيە ياش ئۆلچىمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمۈر، ئەمگەك شارائىتى، ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن بولۇپ، 70 نەچچە يىلدىن بۇيان تەڭشىلىپ باقمىدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى زور دەرىجىدە ئۇزاردى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە 40 نەچچە ياش بولغان بولسا، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە 77.3 ياشقا ئۇزاردى. 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 78.3 ياشقا يېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش تەبىئىي ئىشقا ئايلاندى.
خەلقئارا بىلەن سېلىشتۇرساق، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىمۇ ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر پېنسىيە يېشىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇزارتتى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ئاساسلىق 30 دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئومۇميۈزلۈك 65 ياشتىن ئاشىدىكەن.
دۇنيا بانكىسى ئىلگىرى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيادىكى 139 ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ پېنسىيە يېشى تەكشۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگودىكى ئەرلەرنىڭ 60 ياش، ئاياللارنىڭ 50 ياش قىلىپ بېكىتىلگەن پېنسىيە يېشى گەرچە بەك بالدۇر دېگىلى بولمىسىمۇ، يەنىلا «نىسبەتەن بالدۇر» پېنسىيە يېشى قاتارىغا كىرىدىكەن. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئورتاق پېنسىيەگە چىقىش يېشى 65 ياش بولۇپ، ئامېرىكىدا پېنسىيەگە چىقىش يېشى 67 ياش، ياپونىيەدە ئەرلەرنىڭ 65 ياش، ئاياللارنىڭ 60 ياش.
دېمەك، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ئۈزلۈكسىز ئۇزارغانسېرى، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ.
پېنسىيەگە چىقىش يېشى كېچىكتۈرۈلسە، قايسى كىشىلەر تەسىرگە ئۇچرايدۇ؟
بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا رەسمىي كىرگۈزۈلدى. ئەينى چاغدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ بىڭۋېن مۇنداق دېگەنىدى: پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش ئاساسلىقى ئۈچ ياش باسقۇچىدىكىلەرگە، يەنى ئەسلىدە پېنسىيەگە چىقىش يېشى بەلگىلەنگەن 60 ياشلىق ئەر، 55 ياشلىق ئايال كادىر ۋە 50 ياشلىق ئايال ئىشچىغا مۇناسىۋەتلىك.
بىز پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى 2022- يىلى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويىمىز دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۈچ توپ پېنسىيەگە چىقىش يېڭى سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ:
بىرىنچى، 50 ياش ياكى 50 ياشتىن كىچىك ئايال ئىشچىلار (1972-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاياللار) ؛
ئىككىنچىسى، 55 ياش ياكى 55 ياشتىن كىچىك ئايال كادىرلار ۋە ئەر ئىشچىلار، ئاساسلىقى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار (1967-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغانلار) ؛
ئۈچىنچى، 60 ياش ياكى 60 ياشتىن كىچىك ئەر كادىرلار (1962-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان ئەرلەر).
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش لايىھەسىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار بىلەن 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ «تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈش» لايىھەسى بويىچە بولغاندا، يېڭى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يەتكۈچە خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار پېنسىيەگە چىققاندا يېڭى سىياسەت ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن.
پېنسىيەگە چىقىش يېشى قانداق كېچىكتۈرۈلىدۇ ؟
پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈشتە ھەممىنى «بىر تاياقتا ھەيدەش» كېرەكمۇ ياكى «كىچىك قەدەم بىلەن ئىلدام ئىلگىرىلەش» كېرەكمۇ؟ ھازىر ئىلىم ساھەسىدە بىرقەدەر كۆپ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى خىل لايىھە:
بىر خىلى، ئالدى بىلەن ئەر-ئاياللارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى 60 ياش بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئاياللارنىڭ كۆپ دەرىجىلىك پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى بىر دەرىجە قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئاندىن ئەر-ئاياللارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش؛
يەنە بىر خىلى، ئەر-ئاياللارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئايرىم - ئايرىم ئۇزارتىش، ئاياللارنىڭ يېشىنى ئۇزارتىش قەدىمى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز بولۇش، ئەڭ ئاخىرىدا ئەر-ئاياللارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش.
پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتا؟
بۇنىڭغا ئاز قالدى! « ئۇقتۇرۇش» نىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سىياسەت 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، جياڭسۇ ئۆلكىسى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىدى.
بۇ يىل 30-يانۋار، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش چارىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شۇ كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئاغدۇرۇلىدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچىلار پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا بىر يىلدىن ئاز بولمايدۇ. «چارە» 1-مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىمقى « چارە» دىكى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتى ھەرگىزمۇ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى مەجبۇرىي كېچىكتۈرۈش ئەمەس. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، پېنسىيەگە چىقىش سىياسىتىگە قارىتا چىقىرىلغان يېڭىلىق يارىتىلغان بەلگىلىمە بولۇپ، شۇ كىشى ئىلتىماس قىلغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قوشۇلغان بولسا، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەلۇم بىر ياشتا پېنسىيەگە چىقىشقا مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن كۈتۈنۈش پۇلىنى ئېلىشتا «بالدۇر پېنسىيەگە چىققانلار ئازراق، كېچىكىپ پېنسىيەگە چىققانلار كۆپرەك ئېلىش» تەدبىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، يەنى بالدۇر پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئېلىش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدۇ، كېچىكىپ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى مەلۇم نىسبەتتە كۆپەيتىشكە بولىدۇ، بۇ داۋاملىق خىزمەت قىلغانلارغا بېرىلگەن بىر خىل رىغبەتلەندۈرۈش.
بۇ يىل 1-ئايدا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى « كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇ ھۆججىتى ئاساسلىقى تېخنىكىلىق ئىش تۈرىگە قارىتىلغان بولۇپ، خادىملار ئەگەر ئۇنۋانى كاندىدات ئالىي ئۇنۋاندىن يۇقىرى بولسا، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش-كېچىكتۈرمەسلىكنى ئىختىيارىي تاللىسا بولىدۇ. ئەگەر ئىلتىماسى تەستىقلانسا، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ، ئادەتتە 65 ياشتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
22-فېۋرال، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، بىرىنچى دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى شيا لۇچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەندۇڭ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە قاتلىمىدا بىرتۇتاش پىلانلاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى تېز ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پېنسىيەگە چىقىشنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شەخسىي كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى!



