大数跨境

ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﻪﻧﻨﻪرخ vs ﻣﺎرﮔﯩﻨﺎل ﺗﻪﻧﻨﻪرخ

ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﻪﻧﻨﻪرخ vs ﻣﺎرﮔﯩﻨﺎل ﺗﻪﻧﻨﻪرخ Nepkar
2022-07-03
2
导读:ئەگەر نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مۇقىم تەننەرخى ئۈستمۇئۈست چۈشسە «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش» كېر

پاي چېكى سودىسىغا قىزىققۇچىلارغا ئالاھىدە خوش خەۋەر،

پاي چېكى سودىسىنى 0 سەۋىيەدىن باشلاپ چۈشىنىشتىكى ياخشى ياردەمچى «پاي چېكى سودىسى--0 سەۋىيەلىكلەر ئۈچۈن!» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىنىدى (بۇ يەرنى بېسىپ ئېرىشىڭ!)

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ!


تورداش دوستۇم، سىزدىن بىر سوئال سوراي.
ئەگەر بىرسى سىزگە بىر خىل يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماشىنا ياساپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا، 10 دانە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىپ، ھەر بىرىنى 10 مىڭ يۈەندىن جەمئىي 100 مىڭ يۈەنگە پۈتۈشسىڭىز، سىز قوشۇلدىڭىز. ئەمما ئىش پۈتۈپ بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، قارشى تەرەپ مالنىڭ كەملىكىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە سىزگە ئىككىنى قايتا ئىشلەپ بېرىشنى ھەمدە ھەر بىرىگە 10 مىڭ يۈەن باھا بويىچە ھەق تۆلەيدىغانلىقىنى ھاۋالە قىلسا، بۇ جەمئىي 20 مىڭ يۈەن بولىدۇ، سىزنىڭچە باھاسى مۇۋاپىقمۇ؟
قارىماققا ناھايىتى مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ، 10 دانە 100 مىڭ يۈەن، 2 دانە 20 مىڭ يۈەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.
سىز ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىككى خىل تەننەرخ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك: بىرى، ئالدىنقى مەزگىللىك زاۋۇت ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىش، ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق مۇقىم تەننەرخ؛ يەنە بىرى، بىز ئالدىنقى يازمىمىزدا سۆزلىگەن مارگىنال تەننەرخ، يەنى ھەر بىر ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى ئېلىپ كەلگەن ئومۇمىي تەننەرخنىڭ ئېشىش مىقدارى.
بۇنىڭ ئىچىدە، مۇقىم تەننەرخ سىزنىڭ قانچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا خەجلەيدىغان پۇل. شۇڭا سىز قانچە كۆپ ئىشلەپچىقارسىڭىز، مۇقىم تەننەرخنىڭ ئومۇمىي تەننەرختە ئىگىلىگەن نىسبىتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ، سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇنچە ئەرزان بولىدۇ. ئەگەر ئىككىنىلا ئىشلەپچىقارسىڭىز، ھەر بىرىنى 10 مىڭ يۈەن بويىچە راسچوت قىلسا، مۇقىم تەننەرخنىمۇ قاپلىيالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا مۇۋاپىق پۈتۈشۈش باھاسى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

يەنە بىر تېخىمۇ روشەن مىسال كەلتۈرەيلى، ئەگەر بىرسى سىزگە ماشىنا ھەيدەپ ئايرودرومغا بېرىپ ئۈچ نەپەر ساياھەتچىنى ئېلىپ كېلىشنى، ئاندىن ئۇلارنى بىر مېھمانسارايغا ئاپىرىپ قويۇشىڭىزنى ھاۋالە قىلسا، بىر ئادەم 100 يۈەن، 300 يۈەن سودىدا پۈتۈشسىڭىز، سىز باھانى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، شۇ بويىچە قىلدىڭىز. بىراق سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ سىزگە يەنە بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى، سىزدىن ئوخشاش يولدا يەنە بىر قېتىم يۈرۈشنى ئۆتۈنسە، چۈنكى بۇ قېتىم پەقەت بىرلا ئادەمنى قوبۇل قىلىسىز، شۇڭا سىزگە يەنە 100 يۈەن كىرا تۆلىمەكچى بولسا، سىزنىڭچە باھاسى مۇۋاپىقمۇ؟
روشەنكى، مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى مەيلى ماشىنا ھەيدەپ ئۈچ ئادەمنى قوبۇل قىلىش بولسۇن ياكى بىر ئادەمنى قوبۇل قىلىش بولسۇن، ھەممىسى سىزنىڭ ئوخشاش ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىشىڭىزغا موھتاج، بۇنىڭدا بىر قىسىم مۇقىم تەننەرخ ئوخشاش بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ھەر بىر ئادەم كۆپەيگەندىكى مارگىنال تەننەرخ، جۈملىدىن يېڭىدىن كۆپەيگەن يېقىلغۇ ماي ھەققى، ئاپتوموبىلنىڭ خورىشى قاتارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا سىزنى يەنە بىر قېتىم ئاۋارە قىلسا، مۇۋاپىق باھا 300 يۈەن بولسا بولىدۇ.
بۇ ئىككى مىسال بىزگە قانداق ئىلھام بېرىدۇ؟
بىرىنچى ئىلھام:
ئەگەر بىر ئىشنىڭ مۇقىم تەننەرخى يۇقىرى، مارگىنال تەننەرخى تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر غەيرەت بىلەن تۈگىتىشىمىز كېرەك.
مىسال ئالايلى:
سىز ھازىر بىر لايىھە يېزىۋاتىسىز، نۇرغۇن ماتېرىيال كۆردىڭىز، ناھايىتى تەستە پىكىر يولى تاپتىڭىز، ئەسلىدە بىر كۈچەپلا تاماملىيالايتتىڭىز، بىراق سىز بىردەم يېزىپلا دوۋيىننى ئېچىپ قىسقا سىن كۆرۈشكە باشلىدىڭىز، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلماستىن، ئېسىڭىزگە كەلگەندە بولسا يېرىم كۈن سىن كۆردىڭىز، ئاندىن داۋاملىق يازماقچى بولدىڭىز، نەتىجىدە بۇرۇنقى پىكىر يولىڭىزنى ئەسلىيەلمىدىڭىز، يەنە قايتىدىن ماتېرىيال كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە بىر قېتىم ۋاقىت سەرپ قىلغاندا، مۇقىم تەننەرخىڭىزنى ھېسابلاپ باقسىڭىز، شۇنى بايقايسىزكى سىزنىڭ مارگىنال تەننەرخىڭىز قىممەت بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىرلا كۈچەپ تۈگىتىشىمىز، ئۈنۈمگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى ئىلھام:
مۇقىم تەننەرخى تۆۋەن، مارگىنال تەننەرخى يۇقىرى بولغان ئىشلارنى ئۇششاق پارچىلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ.

مەسىلەن: بەدەن چېنىقتۇرۇش، يۈگۈرۈش، يەر بېغىرلاش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، قورساق قاتلاش قاتارلىقلار. بۇ ئىشلارنى قىلىشقا بەك كۆپ تەييارلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، خالىغان ۋاقىتتا قىلغىلى بولىدۇ، مۇقىم تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن؛ يەنە بىر تەرەپتە، ئۇلارنىڭ مارگىنال تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى، مەسىلەن، سىز 50-قېتىملىق يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى قىلىشتا چوقۇم 5-قېتىملىق يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى قىلىشتىن بەكرەك كۈچىشىڭىز كېرەك؛ 6-ئايلانمىغا يۈگۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم 3-ئايلانمىغا يۈگۈرۈشتىن بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىسىز. بۇ ئىشلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئىشلەشكە بولىدۇ، مەسىلەن، ھەر قېتىملىق يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمەسلىك، 20 قېتىم بېغىرلاش بىر گۇرۇپپا بولسىلا ياخشى، لېكىن قېتىم سانىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ؛ يۈگۈرۈشتىمۇ ئوخشاش، ئۈچ قېتىم يۈگۈرۈپ ئارام ئېلىپ، ئاندىن داۋاملىق يۈگۈرەشكە بولىدۇ.
ئۈچىنچى ئىلھام:
ئەگەر نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مۇقىم تەننەرخى ئۈستمۇئۈست چۈشسە «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش» كېرەك.
بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
مەسىلەن، سىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن يۇرتىڭىزغا قايتىسىز، مۇقىم تەننەرخ ۋاقىت ۋە يول خىراجىتى، ئۇنداقتا سىز ئەڭ ياخشىسى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، بۇ قېتىم ئۆيگە قايتىپ، كۆرۈشكۈڭىز بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر، كىچىكىڭىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ساۋاقداشلىرىڭىز؛ قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يولىلا قىلسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، كىم بىلەن تاماق يېيىش، كىمنى يوقلاش، قەيەرگە بېرىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلىش دېگەندەك. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىشلارنىڭ مۇقىم تەننەرخى ئۈستمۇ ئۈست چۈشىدۇ، شۇندىلا بىز بىر قېتىملىق مۇقىم تەننەرخ سەرپ قىلىپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئىش قىلىمىز.
بىز شۇنچە كۆپ مۇقىم تەننەرخ ۋە مارگىنال تەننەرخنى سۆزلىدۇق، تورداشلاردىن سوراپ باقسام، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ مۇقىم تەننەرخى يۇقىرىمۇ ياكى مارگىنال تەننەرخى تېخىمۇ يۇقىرىمۇ؟ ئىنكاس رايونىدا كۆرۈشەيلى!

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0