搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىش قانداق بولۇشى كېرەك؟
>
ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىش قانداق بولۇشى كېرەك؟
NepKan
2022-02-15
0
导读:ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىشنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلى
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىش قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم
ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 26 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى مەلۇم سودا سوراي بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بۇ سودا ساراي تىجارەتتە زىيان تارتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، 2000-يىلى 5-ئايدا ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 26 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشاتقان. ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلار شۇنىڭ بىلەن شۇ جايدىكى ئەمگەك بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەمگەك بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش نازارەت ئورگىنىغا پاش قىلىپ، بۇ سودا ساراينىڭ خاتا ھەرىكىتىنى تۈزىتىشتىن يوليورۇق سوراپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغان. ئەمگەك بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش نازارەت ئورگىنى ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ پاش قىلغىنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، كۆپ قېتىم ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق، بۇ سودا ساراي كارخانا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغانلىقى، يەنە كارخانا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان، بۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، يەككە تەرەپ ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 26 نەپەر ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشى ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىگە تەۋە دەپ سودا سارايغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇغان. بۇ سودا ساراي ئەمگەك بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش نازارەت ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 26 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىشتىن بوشىتىش قارارىنى بىكار قىلىپ، ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىش ھەققىنى تولۇقلاپ تارقاتقان ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلاپ تۆلىگەن.
بۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىشنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەب قىلىنغان، ئۆزىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان دېلو. «ئەمگەك توختام قانۇنى» ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتى، ئادەم سانى تەلىپى، تەرتىپى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار، ئالدىن ئېلىپ قالىدىغان خادىملارغا قارىتا مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇلارغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان. ئادەم سانى تەلىپى ۋە تەرتىپى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەر بار: قىسقارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئادەم 20 دىن ئاشسا ياكى قىسقارتىدىغان ئادەم 20 گە يەتمەي لېكىن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %10 تىن يۇقىرىنى ئىگىلىسە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن ئالدىن 30 كۈن ئىچىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ياكى پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئادەمنى قىسقارتىش لايىھەسىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارماققا دوكلات قىلىش ئارقىلىق، ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ. ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللىرى توغرىسىدا پەقەت تۆۋەندىكىدەك 4 خىل ئەھۋال تەتبىقلىنىدۇ:
⑴ كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قايتا رەتلەش ئېلىپ بېرىش؛
⑵ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلار كۆرۈلۈش؛
⑶ كارخانا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىش، چوڭ تېخنىكىلارنى ئىسلاھ قىلىش ياكى تىجارەت شەكلىنى تەڭشەش، ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن يەنىلا ئادەم ئازايتىشقا زۆرۈر بولۇش؛
⑷ باشقا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەن ۋاقىتتا ئوبيېكتىپ ئىقتىسادى ئەھۋال سەۋەبىدىن زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئەمگەك توختامىنى ئامالسىز ئىجرا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش. مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى بەلگىلىمە توغرىسىدا ئادەم ئازايتقان ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك خادىملارنى ئالدىن ئېلىپ قېلىش كېرەك: ① بۇ ئۇرۇن بىلەن بىر قەدەر ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇراقلىق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلار؛ ② بۇ ئۇرۇن بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلار؛ ③ ئائىلىسىدە باشقا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم يوق بولۇپ، ياشانغانلارنى ياكى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىشقا ئېھتىياجلىقلار. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن بۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئادەم قىسقارتىپ، 6 ئاي ئىچىدە قايتىدىن خادىم چاقىرسا، قىسقارتىلغان خادىمغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك ھەمدە ئوخشاش شەرت ئاستىدا قىسقارتىلغان خادىمنى ئالدىن ئېلىپ قېلىش لازىم.
بۇ سودا ساراي ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 26 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ۋاقىتتا يۇقىرىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپنىمۇ ئىجرا قىلماي، ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتىشنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 26 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان. ئەمگەك بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش نازارەت ئورگىنى قانۇن بويىچە بۇ سودا سارايغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش قارارى بولسا تولۇق توغرا.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0