搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
تور قەرزى كىرېدىت ئىناۋىتىنى ئەڭ ئاسان نابۇت قىلىدۇ!
>
تور قەرزى كىرېدىت ئىناۋىتىنى ئەڭ ئاسان نابۇت قىلىدۇ!
NepKan
2022-02-15
2
导读:تور قەرزى كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، قەرز ئالغۇچىغىمۇ كېيىنكى بىر مەزگىلدە زور بېسىم ئې
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
دوستلارنىڭ بىلگىنىدەك، توردىن قەرز ئېلىش بانكا قەرزى ۋە ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلىشتىن كۆپ ئاسان.
بىراق ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئادەم توردا قەرز ئېلىش پاتقىقىغا پېتىپ قالسا، %70 ئادەم ئىزچىل تۈردە تەكرار قەرز ئالىدۇ، توردا قەرز ئېلىشنىڭ شەخسىي ئىناۋەتكە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىش قىلىپ بۇنىڭ سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە سىزگە بولغان يامان تەسىرىنى مۆلچەرلەپ بولالمايسىز.
نېمە ئۈچۈن توردا قەرز ئېلىش بىر ئادەمنىڭ ئىناۋىتىنى ئەڭ ئاسان بۇزۇۋېتىدۇ؟
دوستلار بىرلىكتە تەپسىلىي مەزمۇنىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
تور كرېدىتىنىڭ شەخسىي ئىناۋەتكە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، دوستلارغا مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرسەك:
مەسىلەن، بىر تور قەرز بېرىش سۇپىسىنىڭ قەرز پۇل سوممىسى 50 مىڭ يۈەن بولۇپ، 12 قارارغا بۆلۈپ قايتۇرۇلسا، ھەر قېتىملىق قايتۇرۇش دىرى تەخمىنەن 4166.7 يۈەن بولىدۇ (ھەر بىر سۇپىنىڭ ئۆسۈمى ئوخشاش بولمايدۇ، قەرز قايتۇرۇش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ يەردە پەقەت دوستلارغا قەرز پۇل دىرى ھېسابلاپ بېرىلدى.)
ئەگەر ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەن بولسا، قەرز ئالغۇچىدا بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا پۇل قالمايدۇ، ئاندىن قەرز ئالغۇچى يەنە 4000 يۈەن قەرز ئالىدۇ، مۇشۇنداق تەكرار يېرىم يىل ئىشلىتىدۇ؛
قەرز ئالغۇچىنىڭ ئىناۋىتىدە 6 قېتىملىق قەرز ئېلىش خاتىرىسى پەيدا بولىدۇ، قەرز ئالغۇچى 1-قېتىملىقنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 12 قېتىملىق قەرز ئېلىش خاتىرىسى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 12 قېتىملىق تەكشۈرۈش خاتىرىسىمۇ پەيدا بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، قەرز ئالغۇچى ئادەتتە پەقەت بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ، بىر قەرز شىركىتىنىڭ پۇلنى ئىشلىتىپ بىر يىللىق تەكشۈرۈش خاتىرىسى 10~20 دىن ئارتۇق بولىدۇ، بۇ خىل كىرېدىت خەتەرلىك ئىناۋەتكە كىرگەن ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تور قەرز سۇپىسى مەركىزىي بانكىنىڭ شەخسىي ئىناۋەت سىستېمىسىغا ئۇلانغان بولۇپ، ھوقۇق بېرىلگەن ئاپپارات كىرېدىت ئىناۋىتىنى تەكشۈرەلەيدۇ، تور قەرزى ئالغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تور قەرز چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا تور قەرز ئاپپاراتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش خاتىرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
بىر ئاي ئىچىدە، ئەگەر 10 قېتىم ياكى 10 قېتىمدىن ئارتۇق تور قەرز ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرىسى كۆرۈلسە، تور قەرز ئالغۇچىلارنىڭ كېيىنكى قەرزىگە زور ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شەخسلەر توردا قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئىناۋەت خاتىرىسى شەكىللىنىدۇ، ئىناۋەت كىرېدىتتا بۇ خىل تەكشۈرۈش خاتىرىسى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، شەخسىي ئىناۋەتنى ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ
.
خۇلاسە: قەرز ئالغۇچىنىڭ توردىن ئالغان قەرزى تولۇق قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قانچىلىك ۋاقىتتا قەرز ئالغۇچىنىڭ ئىناۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ؟
ئالدى بىلەن، دوستلارغا ئېنىق قىلىپ شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىزنىڭ تور قەرزىڭىز مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى تەرىپىدىن خاتىرىلەنسە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە چوقۇم ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ؛
مەركىزىي بانكا كىرېدىتىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن، شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرى 5 يىل ساقلاپ قېلىنىدۇ، دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ساقلاپ قېلىنغان بۇ 5 يىل پۇل قەرز ئالغۇچى بارلىق قەرز پۇلنى تۈگەتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن بۇ 5 يىللىق سانلىق مەلۇمات پەقەت ساقلىنىپ ماڭىدۇ، ئادەتتە 6 ئايدىن كېيىن ئىناۋەتتە ياخشىلىنىش بولۇشقا باشلايدۇ. (ئالدىن شەرتى سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولغان بولۇشى كېرەك.)
ئىككى يىل ئەتراپىدا ئاساسەن ھېچ ئىش بولمايدۇ، بەش يىلدىن كېيىن سىستېما تەرىپىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلىنىدۇ.
ئاخىرىدا كەڭ دوستلارغا ئەسكەرتىدىغىنىمىز، ئەقىل بىلەن ئىستېمال قىلىپ، توردىن قەرز ئېلىشتىن يىراق تۇرايلى.
تور قەرزى كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، قەرز ئالغۇچىغىمۇ كېيىنكى بىر مەزگىلدە زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296