تىجارەتچىلەر باھانى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن باھانى ۋاقتىنچە كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ،
گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ،
پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمىدە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ...
بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر 7-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
↓↓↓
تۆمۈر يول يولۇچىلىرى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان ھاراق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ مىقدارى 3000 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك
دۆلەتلىك تۆمۈريول ئىدارىسى، ج خ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىغان، ئېلىپ يۈرۈشىگە چەك قويۇلىدىغان ۋە ئۇلار توشۇشقا ھاۋالە قىلسا بولىدىغان بۇيۇملار مۇندەرىجىسى» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: تۆمۈريول يولۇچىلىرى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ئورالمىسى ھىم، مەھسۇلات بەلگىسى ئېنىق، ئىسپىرت مىقدارى %24 تىن يۇقىرى ياكى ئۇنىڭغا تەڭ، %70تىن تۆۋەن ياكى تەڭ بولغان ھاراق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ يىغىندىسى 3000 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەتىر، گۈل سۈيى، تۇمانلىتىپ پۈركۈلىدىغان سۇيۇقلۇق، يېلىم قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان تەركىبلەر بار بېسىم قۇتىلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەربىر قۇتىسىنىڭ سىغىمى 100 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ھەربىر تۈرىدىن پەقەت بىر دانە ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ.
گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ
«گىرىم بۇيۇمى ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: گىرىم بۇيۇمىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى، ئەنگە ئالدۇرغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى سەمىمىي، تەلەپچان بولۇپ، مۇشۇ قائىدىدىكى تەلەپ بويىچە ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، گىرىم بۇيۇمىغا قارىتا ماتېرىيال سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەكشۈرۈش، ساقلاش، سېتىش ۋە قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق پۈتكۈل جەرياننى كونترول قىلىپ ۋە سۈرۈشتۈرۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى سىجىل، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تىجارەتچىلەر باھانى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن باھانى ۋاقتىنچە كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ
دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «باھانى ئېنىق يېزىش ۋە باھا ئالدامچىلىقىنى چەكلەش بەلگىلىمىسى» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تىجارەتچىلەرنىڭ باھا سۇندۇرۇش، باھانى تۆۋەنلىتىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق سەۋەبى بولمىغان ئەھۋالدا باھانى ۋاقتىنچە كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشىگە ھەمدە ئۇنى باھا سۇندۇرۇش، باھانى تۆۋەنلىتىشتىكى ئۆلچەم قىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ. تىجارەتچىلەر ئاساسسىز ياكى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان باھانى باھا سۇندۇرۇش، باھا تۆۋەنلىتىشتىكى ھېسابلاش ئۆلچىمى ياكى سېلىشتۇرما باھا قىلسا بولمايدۇ.
پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ
مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى بويىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى بويىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يالغۇز پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇل ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان 450 يۈەندىن 590 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يالغۇز پەرزەنتى مېيىپ ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇل ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان 350 يۈەندىن 460 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ
مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشتا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات باھاسىنى باھالاشتا ئېتىبار بېرىش نىسبىتى تەڭشىلىپ، مال- مۇلازىمەت سېتىۋېلىش تۈرىدە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات باھاسىدىن تۇتۇپ قېلىشتا ئېتىبارى بېرىش نىسبىتى %6~%10تىن %10~%20كە ئۆستۈرۈلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار بىلەن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار بىرلىشىپ ھۆددىگە ئالغان ياكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بۆلۈپ ھۆددىگە بەرگەن بولسا، باھالاشتا ئېتىبار بېرىش نىسبىتى %2~%3 تىن %4~%6كە ئۆستۈرۈلىدۇ.
ماركا بېجى قانۇنىدا باج تۈرى، باج نىسبىتى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلدى ۋە ئىخچاملاندى
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماركا بېجى قانۇنى» 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇندا ھازىرقى باج تۈزۈمى رامكىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قېلىندى، باج تۈرى، باج نىسبىتى مۇۋاپىق ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ ۋە ئىخچاملىنىپ، باج سېلىقى يېنىكلىتىلدى. بۇ قانۇندا يەنە ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان سەككىز خىل دوكۇمېنت، جۈملىدىن باج ئېلىنىدىغان دوكۇمېنتنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى، دېھقانلار، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى توختامى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللەش، ۋەيران بولۇش، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ماركا بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:
6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!
16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر
29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ


