大数跨境

باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىڭىزنى ئۇرۇپ تىللىسىڭىزمۇ قانۇنغا خىلاپ

باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىڭىزنى ئۇرۇپ تىللىسىڭىزمۇ قانۇنغا خىلاپ NepKan
2022-01-16
2
导读:كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى ئۇرۇپ تىللاش ئەزەلدىنلا بالا تەربىيەسىدىكى چوڭ خاتالىق دەپ قارىلىدۇ.

«بالىنى قانۇن بويىچە بېقىش» دەۋرى يېتىپ كەلدى، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى ئۇرۇپ تىللايدىغان، ھەتتا تىزلاندۇرىدىغان ئەھۋاللار يەنە پات-پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بېيجىڭ گېزىتى تېرمىنالىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-يانۋار سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر ئايال بېيجىڭ مېتروسىنىڭ 7-نومۇرلۇق لىنىيەسىدە بالىسىنىڭ يۈزىنى قاتتىق چىمدىغان، يەنە تېخى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى تىزلاندۇرغان، بۇ ئەھۋال مېترودىكى يولۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
شۇ مېترودىكى يولۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ ئايال يەنە بالىسىنىڭ پوسمىسىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتكەن، بالا پوسمىسىنى يەردىن ئېلىپ كىيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، ئارقىدىنلا بالىنىڭ قولىدىن يان تېلېفونىنى تارتىۋالغان ھەمدە قول كۆتۈرۈپ بالىنى ئۇرماقچى بولغان. كېيىن ئانا-بالا ئىككىيلەن باشقا ۋاگونغا ئالماشقان ۋە بۇ ئايال بالىسىنى تىزلاندۇرۇپ بىر بېكەت ماڭغان. مېترو بېكەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئايال ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سالغىنىچە مېترودىن چۈشكەن، بالىسى دەرھال سومكىسىنى ئېسىپ ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈگۈرگەن.

كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى ئۇرۇپ تىللاش ئەزەلدىنلا بالا تەربىيەسىدىكى چوڭ خاتالىق دەپ قارىلىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئامالسىز ئانىسىغا بويسۇنۇشىدىن بۇنداق «مۇئامىلە»گە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. يەتتە-سەككىز ياشلىق بىر بالا ئۆتكۈزگەن قانداق ئېغىر خاتالىقى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالدىدا ھاقارەتلىنىدۇ؟ ئانىسى بالىسىنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشتىمۇ يوق؟ ئەگەر دائىم مۇشۇنداق «ئىزا-ئاھانەت شەكلىدىكى تەربىيە» بېرىلسە، بالىغا ئېلىپ كېلىدىغان قەلب يارىسى قانچىلىك ئېغىر بولىدۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا ۋاگوندىكى بىرەيلەن بۇ ئايالغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئايال ئۇنىڭغا جاۋابەن: «بالا ئۆزۈمنىڭ، ئۇنى نېمە قىل دېسەم شۇنى قىلىشى كېرەك» دېگەن. بۇنداق يولسىز كىشىلەر قانداقمۇ ئاتا-ئانا بولۇشقا مۇناسىپ كەلسۇن؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى سورۇن تاللىماي تىللاپ ھاقارەتلىشى، ھەتتا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆپچىلىكنى قارىتىپ قويۇپ بالىسىنى ئۇرۇشى بەزىدە كۆزىمىزگە چېلىقىپ قالىدۇ.
بالىلاردىمۇ غۇرۇر بولىدۇ، بالىلارنىڭ غۇرۇرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلغاندا مۇنداق ئىككى خىل يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ: بىر خىلى، بالا چىداپ بولالماي ئاخىرى قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت مۇناسىۋىتىدە ئېغىر دەرىجىدە قارشىلىشىش كېلىپ چىقىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، بالا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئىتائەتمەن بولىدۇ، قارىماققا بالا شۇنداق رايىش كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بالىدا ئۆزىنى كەمسىتىش خاراكتېرى پەيدا بولىدۇ، ھەتتا بالىدا ئىجتىمائىي ئالاقىدىن تەشۋىشلىنىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش خاھىشى شەكىللىنىدۇ
مېترودا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى تىزلىنىپ خاتالىقىنى تونۇشقا مەجبۇرلاش تەربىيە ئۇسۇلىدىكى خاتالىق بولۇپلا قالماي، يەنە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئائىلە تەربىيەسى «ئائىلە ئىشى»دىن «دۆلەت ئىشى» يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدا: ئائىلە تەربىيەسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بالىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ئاتا-ئانىلارغا قارىتا، قانۇن ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇل ۋە ئىدىيە بويىچە بالا تەربىيەلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش زۆرۈر.
ئائىلە تەربىيەسى مائارىپنىڭ باشلىنىشى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگىنىچە بالا تەربىيەلەشكە بولمايدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكى ئەمەس، «بالىنى قانۇن بويىچە بېقىش» دەۋرىدە، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىدە مەنپەئەت ۋە بېسىمنى ئازايتىپ، ماختاش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرسا ئائىلىنى ئىللىق ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

ئويۇن ھېساباتىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلامدۇ؟

2022-01-15

ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى سۈرۈشتە قىلىشى

2022-01-14

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان «ئاخىرقى» ۋەسىيدۇر

2022-01-12

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا...

2022-01-10

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2022-01-09

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

2022-01-08

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟

2022-01-06

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

2022-01-02

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0