大数跨境

ياردەم پۇلى كەلدى، قاراپ بېقىڭ، سىزگىمۇ بارمىكىن؟

ياردەم پۇلى كەلدى، قاراپ بېقىڭ، سىزگىمۇ بارمىكىن؟ NepKan
2022-03-30
0
导读:20 مىليارد يۈەن بۇ كىشىلەرگە تېزدىن تارقىتىپ بېرىلىدۇم

20 مىليارد يۈەن بۇ كىشىلەرگە تېزدىن تارقىتىپ بېرىلىدۇ

مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەركەز مالىيەسى 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش تەننەرخى ئېشىپ كېتىش تەسىرىنى پەسەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى تولۇقلىما تارقىتىش 2021-يىلىدىكى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرغانلىقتۇر.

  تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىيدىغان دېھقانلار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆددە يېرىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىيدىغان دېھقانلار، شۇنىڭدەك يەر ئوبوروت قىلىنغان يەرلەرگە ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش، يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مۇلازىمەتتىكى ئىككى تەرەپنىڭ توختام (كېلىشىم) دىكى پۈتۈمىگە ئاساسەن، يەرلىك ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتىنى بېكىتسە بولىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈش تەننەرخىنى ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتا، ئىمزالانغان ئوبوروت توختامى (كېلىشىمى) گە ئاساسەن، ياردەم پۇلى تارقىتىش ئوبيېكتىنى بېكىتىش كېرەك.

  ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى جايلار ئالاقىدار ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇپ بېكىتىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ناھىيە تەۋەسىدىكى تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر تۇتاش بولۇشى كېرەك. تارقىتىش ئۇسۇلىنى جايلار 2021-يىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر ئاساسىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تولۇقلىما ئۇچۇرلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلاپ، «بىر كارتا (چەك) بىلەن يەتكۈزۈش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تولۇقلىما مەبلىغىنى ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا ۋاقتىدا تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار دىققەتنى ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىيدىغان دېھقانلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تارقىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياردەم پۇلىنى تېز تارقىتىپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ تولۇقلىما تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تولۇقلىمىنى ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا تېزدىن تارقىتىپ بېرىدۇ.

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز!

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296