大数跨境

جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ NepKan
2022-01-16
1
导读:«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا جۇغراپىيەلىك بەلگىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىك
مەسىلنىڭ كېلىپ چىقىشى:
خاڭجۇ شەھىرى شىخۇ رايونى لۇڭجىڭ چاي كەسپى جەمئىيىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىخۇ لۇڭجىڭ جەمئىيىتى» دېيىلىدۇ.) 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 9129815-نومۇرلۇق «شىخۇ لۇڭجىڭ» دېگەن جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ (30-تۈر) چاي تۈرىگە ئىشلىتىلگەنلىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن، رويخەتنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولۇپ، 2012-يىلى 5-ئايدا، دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «شىخۇ لۇڭجىڭ»نى مەشھۇر تاۋار ماركا دەپ بېكىتتى.
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى دەۋاگەر شىخۇ لۇڭجىڭ جەمئىيىتى جاۋابكار تەرەپ مەلۇم شىركەت تىجارىتىنى قىلىۋتقان چايزارلىقتىن گۇۋاھلاندۇرۇپ بىر قاپ چاي سېتىۋېلىپ، جاۋابكار شىركەت تالون كېسىپ بەرگەن. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىخۇ لۇڭجىڭ جەمئىيىتى جاۋابكار شىركەتنىڭ مەلۇم سودا شەھەرچىسىگە جايلاشقان دۇكىنىدىن يەنە بىر قېتىم گۇۋاھلىتىپ چاي سېتىۋالغان، جاۋابكارنىڭ تاللا بازىرى شىركىتى تالون كېسىپ بەرگەن.


2014-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىخۇ لۇڭجىڭ جەمئىيىتى جاۋابكارغا ئادۋوكات خېتى ئەۋەتىپ، جاۋابكاردىن ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى ھەمدە دەۋاگەرنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن جاۋابكار پەرۋا قىلمىغان. شىخۇ لۇڭجىڭ جەمئىيىتى مۇشۇ سەۋەبتىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان: (1) ئىككى جاۋابكار دەۋاگەرنىڭ 200 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنىغا چاتما تۆلەم بېرىش؛ (2) ئىككى جاۋابكار شۇ دېلونىڭ دەۋا ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىش.
مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
«شىخۇ لۇڭجىڭ» قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بىر خىل تاۋار ماركىسى شەكلىمۇ؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا جۇغراپىيەلىك بەلگىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئىسپات تاۋار ماركىسى تاۋارنىڭ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقى، بەلكى ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئىسپات تاۋارنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى قاتارلىق مۇئەييەن سۈپەتتىن كېلىدىدىغانلىقى، ئىسپات تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالاقىدار كۆپچىلىكنىڭ تاۋار مەنبەسىگە قارىتا ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، بەلكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالاقىدار كۆپچىلىكنىڭ تاۋارنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى قاتارلىق مۇئەييەن سۈپىتىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قىلىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.
ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دە «ھەق تەلەپ ھوقۇقى» دېگەن بابتا ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ قانۇن بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوبيېكتىغا قارىتا يىغىنچاقلانغان بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ھەر قايسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يەككە قانۇنلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنغان. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ ھوقۇقىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوبيېكتى بەھرىمەن بولىدىغان مەخسۇس ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 123-ماددىسىدا «ھەق تەلەپ سۇبيېكتى ئەسەر، كەشپىيات، ئەمەلىي يېڭى تىپ، تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، تاۋار ماركىسى، جۇغراپىيەلىك بەلگە، سودا مەخپىيىتى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئىسخېمىسىنى لايىھەلەش، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئوبيېكتلارغا قارىتا قانۇن بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە جۇغراپىيەلىك بەلگە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسلىدە بىر ئەزا دۆلەتنىڭ زېمىنى ياكى شۇ زېمىننىڭ بىر رايونى ياكى بىر جايىدىكى مەھسۇلاتنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ بەلگە مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى، ئىناۋىتى ياكى باشقا بېكىتىلگەن ئالاھىدىلىكى ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جايى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، جۇغراپىيەلىك بەلگىنىڭ قىممىتى مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىنى پەرقلەندۈرۈشتە بولۇپ، شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ، جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپات تاۋار ماركىسىغا تەۋە. ئىسپات تاۋار ماركىسى تاۋارنىڭ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئىسپات تاۋارنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى قاتارلىق مۇئەييەن سۈپەتتىن كېلىدۇ. ئىسپات تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالاقىدار كۆپچىلىكنىڭ تاۋار مەنبەسىگە قارىتا ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالاقىدار كۆپچىلىكنىڭ تاۋارنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى قاتارلىق مۇئەييەن سۈپىتىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى داۋاملىق قوللىنىلغان بولۇپ، «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ۋە ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى ئالاھىدە قانۇنىدا ھەق تەلەپ ھوقۇقىنىڭ كونكرېت بەلگىلىنىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا بولغان ھۆرمەت گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 123-ماددىسىدا: «ھەق تەلەپ سۇبيېكتى قانۇن بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھوقۇقدارنىڭ تۆۋەندىكى ئوبيېكتلاردىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان خاس ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ:
(1) ئەسەر؛
(2) كەشپىيات، ئەمەلىي يېڭى تىپ، سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى؛
(3) تاۋار ماركىسى؛
(4) جۇغراپىيەلىك بەلگە؛
(5) سودا مەخپىيىتى؛
(6) توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى ئىسخېما لايىھەسى؛
(7) ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى؛
(8) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئوبيېكتلار.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1185-ماددىسىدا: «بباشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا قەستەن زىيان سالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىدىن ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مۇناسىپ جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 

ئويۇن ھېساباتىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلامدۇ؟

2022-01-15

ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى سۈرۈشتە قىلىشى

2022-01-14

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان «ئاخىرقى» ۋەسىيدۇر

2022-01-12

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا...

2022-01-10

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2022-01-09

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

2022-01-08

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟

2022-01-06

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

2022-01-02

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0