搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئويۇن ھېساباتىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلامدۇ؟
>
ئويۇن ھېساباتىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلامدۇ؟
NepKan
2022-01-15
2
导读:دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قانۇن باراۋەر ق
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
جاۋابكار گۇاڭيۈ شىركىتى «سوراش (问道)» تور ئويۇنى تىجارەت سودىگىرى، دەۋاگەر كۇاڭ لېيلې بۇ ئويۇندا ئۈچ ئويۇن ھېسابات نومۇرىنى تىزىملاتقان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھېسابات نومۇرى a13××17، ھېسابات نامى «ياشلىقى ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ»، ھېسابات نومۇرى a13××15، ھېسابات نامى «جۇڭشېنتۇڭ»، ھېسابات نومۇرى c15××x56، ھېسابات نامى «يەنە قاچا يۇيىمەن»دىن ئىبارەت. ئۈچ ھېسابات نومۇرى ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇناسىپ ئويۇن جابدۇقلىرى، ئەرمەك ھايۋانلار ۋە سەھنە جابدۇقلىرى بار بولۇپ، توققۇز دانە «ئەرمەك ھايۋانلار مىنگۈچى»، تۆت دانە «ئەڭگۈشتەر»، ئۈچ يۈرۈش «زىننەت بۇيۇملىرى» ۋە بەلگىلىك ساندىكى «يامبۇ پۇلى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جاۋابكار گۇاڭيۈ شىركىتى كۇاڭ لېيلېنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى، ئۇزۇن تالالىق پاختىنى توپ سېتىش» نامىدىكى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە (ئۈندىدار نومۇرى ××) ئويۇننى تەشۋىق قىلىشقا چېتىلىدىغان QQ توپى نومۇرى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ قىلمىش «گۇاڭيۈ يول خېتى مۇلازىمەت كېلىشىمى»دىكى پۈتۈمگە خىلاپ بولۇپ، يەنە كۇاڭ لېيلېنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئويۇن يۈزىدە ئويۇن ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش قىلمىشىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، گۇاڭيۈ شىركىتى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 15 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، كۇاڭ لېيلېنى ئۈچ قېتىم پېچەتلەپ بىر تەرەپ قىلغان. كۇاڭ لېيلې گۇاڭيۈ شىركىتىنىڭ پېچەتلىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق، مەزكۇر شىركەتنى ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ قاراپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەۋاسى قىلغان.
مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
ئويۇن ھېسابات نومۇرى بىر خىل «مال-مۈلۈك»كە تەۋەمۇ؟ بۇ خىل مال-مۈلۈكنىڭ ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ھوقۇقىنى قانداق قوغداش كېرەك؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
قانۇندا سانلىق مەلۇمات، توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈكنى قوغداش توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخسنىڭ نەرسە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قانۇن باراۋەر قوغدايدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. نەرسە ھوقۇقى زىيانغا ئۇچراپ، ھوقۇقدارغا زىيان يەتكەندە، ھوقۇقدار زىياننى تۆلەپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسا بولىدۇ، باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
2003-يىلى، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىنى قوبۇل قىلغان. دەۋاگەر شياۋ لى ئويۇن ئوينىغۇچى بولۇپ، ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە نەچچە مىڭ سائەت زېھىن ۋە ئون مىڭ يۈەن نەق پۇل سەرپ قىلىپ، «قىزىل ئاي» ناملىق ئويۇندا نەچچە ئون خىل مەۋھۇم «بىيولوگىيەلىك قورال»نى توپلىغان ۋە سېتىۋالغان، ئەمما يىل بېشىدا ھەممىسى غايىب بولغان. شۇنىڭ بىلەن شياۋ لى ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچى تەرەپ تېخنىكا كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇشنى رەت قىلغان. كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جابدۇقلارنىڭ يەنە بىر ئويۇنچى تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقىنى، شياۋ لىنىڭ ئويۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ئەمما بۇ شىركەتنىڭ نومۇر ئوغرىلىغۇچىنىڭ ھەقىقىي ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن شياۋ لى ئويۇن تىجارەتچىسى ئۆزىنىڭ شەخسىي مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئويۇن تىجارەتچىسىنى سوتقا ئەرز قىلغان. سوت مەھكىمىسى ئاخىرى مەۋھۇم مۈلۈكنىڭ قىممىتى بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن، شۇڭا جاۋابكار مەلۇم ئويۇن تىجارەتچىسىنى ئويۇندا دەۋاگەر يىتتۈرۈپ قويغان مەۋھۇم جابدۇقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.
توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈكنىڭ ئاساسلىق ئىككى مەنبەسى بار: بىرى، ئويۇن ئوينىغۇچى زور مىقداردىكى زېھنىنى تور ئويۇنىدا سەرپ قىلىپ، توختىماي «مەشىق قىلىش» ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى قورال قاتارلىق «تور بايلىقى»غا ئېرىشىدۇ؛ يەنە بىرى، رېئال پۇل بىلەن سېتىۋالىدۇ، ھەر خىل ئويۇن ئەسلىھەلىرىگە ئېنىق باھا قويۇلىدۇ، ئويۇن ئوينىغۇچى ئۆزلۈكىدىن توردا سودىلىشىدۇ. باشقا QQ نومۇرى، ئېلخەت نومۇرى، تور ھەقىقىي ئىسمى قاتارلىقلار، ھەق ئېلىش بويىچە تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئەمەلىي پۇل ئارقىلىق سودا قىلىشقا بولىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى تور ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ھەمدە پەقەت تور بوشلۇقىدىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا مال-مۈلۈك خاراكتېرىگە ئىگە. «2019-يىللىق جۇڭخۇا ۋەسىيەت ئامبىرى ئاق تاشلىق كىتابى»دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «90- يىللاردا تۇغۇلغان»لار ۋەسىيەت قالدۇرغاندا، ئۆزىنىڭ ئويۇن ھېسابات نومۇرى، QQ نومۇرى قاتارلىق مەۋھۇم مال-مۈلۈكلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان.
دۆلىتىمىزنىڭ «ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى» نۆۋەتتە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مەۋھۇم مال-مۈلۈك توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان قانۇن دەستۇرى بولۇپ، «ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەق تەلەپ ۋە سودا قانۇنىدىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈك توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈك ئادەتتىكى مال-مۈلۈككە ئوخشاش ئېلىپ-سېتىش، ھەدىيە قىلىش ياكى ۋارىسلىق قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى، ئەگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنسا، ئوخشاشلا ئەرز قىلىش ئارقىلىق ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
يۇقىرىقى دېلو مىسالىغا قارىتا، چاڭشا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، گۇاڭيۈ شىركىتى تاپشۇرغان ئىسپات كۇاڭ لېيلېنىڭ ئويۇننى تەشۋىق قىلىش قىلمىشى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك پېچەتلەش قىلمىشى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، كۇاڭ لېيلېنىڭ مەۋھۇم مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ قاراپ، گۇاڭيۈ شىركىتىنى كۇاڭ لېيلې نامىدىكى ئۈچ ئويۇن ھېسابات نومۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان. گۇاڭيۈ شىركىتى قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، 2-سوتتا ئەسلى ھۆكۈم ساقلاپ قېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 127-ماددىسىدا: «
قانۇنلاردا سانلىق مەلۇمات، توردىكى مەۋھۇم مال-مۈلۈكنى قوغداش ھەققىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 207-ماددىسىدا: «
دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قانۇن باراۋەر قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 238-ماددىسىدا: «
نەرسە ھوقۇقى زىيانغا ئۇچراپ، ھوقۇقدارغا زىيان يەتكەندە، ھوقۇقدار زىياننى تۆلەپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسا بولىدۇ، باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296