大数跨境

بالا بېقىش نېمە ئۈچۈن بەك مۇرەككەپ؟

بالا بېقىش نېمە ئۈچۈن بەك مۇرەككەپ؟ Nepkar
2022-07-02
2
导读:بالىنى ھەممە ئادەم باقالايدۇ، ئەمما ئاپتوموبىل، راكېتانى ھەممە ئادەم ياسىيالمايدۇ.

پاي چېكى سودىسىغا قىزىققۇچىلارغا ئالاھىدە خوش خەۋەر،

پاي چېكى سودىسىنى 0 سەۋىيەدىن باشلاپ چۈشىنىشتىكى ياخشى ياردەمچى «پاي چېكى سودىسى--0 سەۋىيەلىكلەر ئۈچۈن!» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىنىدى (بۇ يەرنى بېسىپ ئېرىشىڭ!)

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ!
---
بەزىلەر، دۇنيادىكى ئىشلار ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى خىلى، ئاددىي ئىش، مەسىلەن، ئاپتوموبىل ياساش؛ ئىككىنچى خىلى، مۇرەككەپ ئىش، مەسىلەن، راكېتا ياساش؛ ئۈچىنچى خىلى، دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ ئىش، مەسىلەن، بالا بېقىش، دەيدۇ.
بۇ خىل تۈرگە ئايرىشنىڭ ئاساسى نېمە؟
ئىقتىسادشۇناسلىقتا مۇنداق بىر سۆز ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: «مارگىنال تەننەرخ». «مارگىنال»نى «يەنە بىرنى قوشۇش» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ مارگىنال تەننەرخنىڭ مەنىسى بولسا، ھەر بىر بىرلىك مەھسۇلات ئېلىپ كەلگەن ئومۇمىي تەننەرخنىڭ ئېشىش مىقدارى.
بىزگە مەلۇم، ئىشلەپچىقىرىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەننەرخى بولىدۇ، لېكىن ئوخشاش مەھسۇلات بولسىمۇ، سىز ئىشلەپچىقارغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخى ئوخشاش بولمايدۇ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، سىز ئىشلەپچىقارغان ھەر بىر مەھسۇلاتقا ئېھتىياجلىق بولغان تەننەرخ نۆۋەتتىكى مارگىنال تەننەرخ بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى «ئاددىي ئىش»قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ؟
چۈنكى ئاپتوموبىل قانچە كۆپ ئىشلەپچىقىرىلسا، ئۇنىڭ مارگىنال تەننەرخى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. گەرچە بىرىنچى ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا چېتىلىدىغان زاپچاسلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچىسى ئىشلەپچىقىرىلسا، بارغانسېرى ئاسانلىشىدۇ، 100-ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقارغاندا، تەرتىپ پۈتۈنلەي ئۆلچەملىشىدۇ، سىز 101-ئاپتوموبىلنى تەكرار ئىشلەپچىقارسىڭىز، مارگىنال تەننەرخمۇ تۆۋەنلىمەيدۇ، چۈنكى ئاللىقاچان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان بولىدۇ.

راكېتا ياساشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە چېتىلىدىغان زاپچاسلار ئاپتوموبىل ياسىغانغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ، تېخنىكا تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن راكېتا ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاساسلىقى «0 دىن 1 گە» بولىدۇ، بىرىنچى راكېتا ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ، لېكىن يەنە بىر راكېتانى ياسىغاندا، مارگىنال تەننەرخ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەندۇ، قىيىنلىق كوئېففىتسېنتى زور دەرىجىدە كېمىيىدۇ، شۇڭا راكېتا ياساش پەقەت مۇرەككەپ ھېسابلىنىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ ھېسابلانمايدۇ.
نېمىشقا بالا بېقىش بەك مۇرەككەپ ھېسابلىنىدۇ؟
بالىنى ھەممە ئادەم باقالايدۇ، ئەمما ئاپتوموبىل، راكېتانى ھەممە ئادەم ياسىيالمايدۇ. لېكىن بىر نۇقتا شۇكى، بالا بېقىشنىڭ مارگىنال تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى.
گەرچە تەجرىبە سەۋەبىدىن، بىرىنچى بالىنى بېقىش ئىككىنچى بالىنى بېقىشتىن تېخىمۇ تەس، ئىككىنچى بالىنى بېقىش ئۈچىنچى بالىنى بېقىشتىن تېخىمۇ تەس بولسىمۇ، ئەمما قىيىنلىق دەرىجىسى ئانچە تۆۋەن ئەمەس.
قانداقلا بولمىسۇن بالىلارنىڭ ھەممىسى سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشايدۇ، سانائەت بۇيۇمى ئەمەس. ئېيتىڭلارچۇ، دۇنيادىكى ئاپتوموبىللار ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، دۇنيادىكى راكېتالار ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ روشەنكى، مۇمكىن ئەمەس. بالىلارنىڭ تەبىئىتى ئوخشاش بولمايدۇ، مىجەزى، قىزىقىشى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بېقىش ئۇسۇلى جەھەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆلچەملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا «مارگىنال تەننەرخ» نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بالا بېقىشنى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ ئىش دېيىشكە بولىدۇ.

«مارگىنال تەننەرخ»نى چۈشىنىشنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى بار؟
ئۇ بىزگە بىر قىسىم ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، نېمە ئۈچۈن ئالاقە تورى كەسپى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ئىزچىل جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلدى؟
مەيلى بىر تور دەرسىنى تەتقىق قىلىش بولسۇن ياكى بىر كىچىك پىروگرامما لايىھەلەش بولسۇن ياكى بىر ئويۇن لايىھەلەش بولسۇن، باشلىنىشىدىلا ئۇزۇن ۋاقىت مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىقابەتنىڭ كەسكىن بولۇشى ناتايىن، لېكىن بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى زادى نەدە؟ ئالاقە تورى ئىنتايىن تۆۋەن تارقىتىش تەننەرخىگە ئىگە بولۇپ، تارقىتىشنىڭ مارگىنال تەننەرخى نۆلگە يېقىنلىشىدۇ.
نېمە ئۈچۈن قىسقا سىن بۇنچە قىزىپ كېتىدۇ؟ 
چۈنكى بىر قېتىمدىلا مەبلەغ سېلىپ، يەنە بىر ئىستېمالچىنى كۆپەيتكەندە، تەننەرخى ئاشمايدۇ، بىراق پايدىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مارگىنال تەننەرخى نۆلگە قاراپ يۈزلىنىدۇ.
يەنە مەسىلەن، بىر تور دەرسى تەتقىق قىلىنىپ چىققاندىن كېيىن، يۈز ئادەمنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ئۆگىنىشىدىكى مارگىنال تەننەرخ ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ؛ بىر كىچىك پىروگرامما تەتقىق قىلىنىپ چىققاندىن كېيىن، يۈز ئادەمنىڭ ئىشلىتىشى ۋە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ئىشلىتىشىدىكى مارگىنال تەننەرخمۇ ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى دائىرىسى ئىچىدە، مەۋھۇم مەھسۇلاتنىڭ مارگىنال تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، سىزنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە تۆلىگەن بەدىلىڭىز مەلۇم دەرىجىدە بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ پايدىسىنى كۆرەلەيسىز، مانا بۇ ئالاقە تورىنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ مەنبەسى.

ئۇنداقتا بىز يەنە ئويلىنىپ باقايلى، مارگىنال تەننەرخ قانچە تۆۋەن بولغان خىزمەت شۇنچە قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟
بۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى يوق، مارگىنال تەننەرخى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك سېلىنمىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. خۇددى بەزىلەر مالىيە باشقۇرۇشتا خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن، پايدىسى تۆۋەن بولۇشنى ياخشى كۆرسە، بەزىلەر خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، پايدىسى يۇقىرى بولۇشنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش، بۇ ئاساسلىقى يەنىلا شەخسنىڭ قىزىقىشىغا باغلىق.
مارگىنال تەننەرخ تۆۋەن بولغان خىزمەت، مەسىلەن، كىتاب يېزىش، قىسقا سىن ئىشلەش، مۇزىكا ئىجاد قىلىش قاتارلىقلار، گەرچە كىرىمنىڭ يۇقىرى چېكى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى مەزگىلدە نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، خەتىرىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ؛ مارگىنال تەننەرخ يۇقىرى بولغان خىزمەت، مەسىلەن، تېخنىك ئىشچى، مەمۇرىي خىزمەت، ئوقۇتقۇچى، بوغالتىر، بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرى قاتارلىقلار، ئاساسىي جەھەتتىن بىر ئۈلۈش ئەمگەك قىلىپ بىر ئۈلۈش كىرىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، كىرىمنىڭ يۇقىرى چېكى يۇقىرى ھېسابلانمايدۇ، لېكىن يېتەرلىك پۇختا بولىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ ئەۋزەللىكى بار.
ئەلۋەتتە، خۇددى مالىيە باشقۇرۇشتا خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنگە ئوخشاش، ئەگەر سىزدە يېتەرلىك زېھنىي كۈچ بولسا، سىز بىرلا ۋاقىتتا مارگىنال تەننەرخى يۇقىرى، لېكىن كىرىمى مۇقىم بولغان خىزمەتنى ئىشلىسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن: تېخنىك ئىشچىلىقىغا يەنە بىر ئۈلۈش كىرىمى مۇقىم بولمىغان، لېكىن مارگىنال تەننەرخى تۆۋەن بولغان خىزمەتنى قوشسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن: قىسقا سىن ئىشلەش. بۇنداق بولغاندا سىز خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى پايدىغا ئىنتىلسىڭىز، كىشىلىك ھاياتىڭىزنى تەرتىپلىك ھالدا ياخشى باشقۇرالايسىز.

---

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0