大数跨境

ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ NepKan
2022-01-18
1
导读:ئالدامچىلىق يەنە بىر تەرەپنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ چىنلىقى ۋە ئەركىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل...


مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
C ،B ،A دىن ئىبارەت ئۈچ كىشى بار. C ئۆزىنىڭ قەرزدارى A نىڭ قەرزنى دەرھال قايتۇرۇشى ئۈچۈن، B گە A نىڭ تەقلىدىي رەسىمىنى سېتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە B گە بۇ رەسىمنى ھەقىقىي بۇيۇم دەپ ئېيتقان، B بۇنى راست دەپ ئىشىنىپ، A نىڭ تەقلىدىي رەسىمىنى سېتىۋالغان. A بۇ رەسىمنىڭ تەقلىدىي رەسىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا بۇ رەسىمنى ھەقىقىي بۇيۇمنىڭ باھاسى بويىچە B گە سېتىپ بەرگەن ھەمدە ساتقان پۇلى بىلەن C نىڭ قەرزىنى قايتۇرغان. كېيىن، B بۇ رەسىمنىڭ تەقلىدىي رەسىم ئىكەنلىكىنى بايقىغان، B ھوقۇقنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟


مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
ئالدامچىلىق يەنە بىر تەرەپنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ چىنلىقى ۋە ئەركىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەدلىيە ئەمەلىيىتى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغىنى توختام تۈزۈشكۈچى بىر تەرەپنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىدۇر. ئەمما، توختام مۇناسىۋىتىدىكى ئالاقىدار تەرەپمۇ توختام سىرتىدىكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتىمۇ ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلىشىنىڭ چىنلىقى ۋە ئەركىنلىكىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشى توختامدىكى ئاداچىنىڭ بىلىشى ياكى چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، توختامنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
بۇ دېلو مىسالىدىن قارىغاندا، ئۈچىنچى كىشى C ئالدامچىلىق قىلمىشى سادىر قىلىپ، B نى ھەقىقىي بۇيۇم رەسىمىنىڭ باھاسىغا A نىڭ تەقلىدىي رەسىمىنى سېتىۋېلىشىغا سەۋەب بولغان، A مۇ بۇ رەسىمنىڭ تەقلىدىي رەسىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ھەقىقىي رەسىم باھاسى بويىچە B گە سېتىپ بەرگەن. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 149-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: «3-كىشى ئالدامچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ئەھۋالدا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلدۇرغان، قارشى تەرەپ بۇ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئالدانغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن شۇ ھەرىكەتنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، B كىشى C كىشىنىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، B كىشىنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بۇ تەقلىدىي رەسىمنى سېتىۋالغۇزغانلىقىغا قارىتا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن بۇ ئېلىم-سېتىم توختامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىقى سەۋەبىدىن توختامنى بىكار قىلىشقا قارىتا قانۇندا «ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپلىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارغا قەستەن زىيان يەتكۈزۈش.»تەك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئالدامچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا بۇ ماددىغا ئاساسەن، ئالدامچى تەرەپ ئالدانغۇچى تەرەپكە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قانۇنىدىكى زىياننى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا، ئۈچىنچى كىشى ئالدامچىلىق قىلغاندا، توختامنى بىكار قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، توختام تۈزۈشكۈچىلەر ئۈچىنچى كىشىدىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، توختامدىكى ئاداچى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشى سادىر قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكى ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن توختامنى بىكار قىلغاندا، توختامدىكى باشقۇرۇلغۇچىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش سەۋەنلىكى بار، دەپ قارىلىدۇ ھەمدە زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئالدانغان دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئۆزى ئالدامچىلىق قىلغان ئۈچىنچى كىشىدىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى جەھەتتىكى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغاندىن سىرت، يەنە قارشى تەرەپ ئالاقىداردىن ئۆز ئالدىغا پۈتۈشكەن سەۋەنلىك جاۋابكارلىقى جەھەتتىكى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەنى بۇ كىشى بۇ ئىككى تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشى ئوتتۇرىسىدا زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.
ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشى ئادەمنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشنىڭ راستلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەق-تەلەپ ھەرىكىتىدە، ئوي-پىكرىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىپادىلەش سەۋەبىدىن، مەنە ئىپادىلىگۈچى بىلەن ئاداچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ مەنپەئەت مەسىلىسىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. ھازىرقى قانۇن چىقىرىش ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ياخشى نىيەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توختامنىڭ كۈچى ۋە ئالاقىدار تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇشىنى بېكىتىش يۈزلىنىش بولۇپ قالغان، بۇمۇ سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى ۋە سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىنى دۆلىتىمىزنىڭ «ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى»غا كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قوبۇل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئوي-پىكرىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، ئىشەنچنى قوغداش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پىرىنسىپ بويىچە ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى يەنىمۇ ئويلىشىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئىمكانقەدەر ئادىل، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىغا يولۇققاندا، ئالدانغۇچى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش ياكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىراق ئۆزى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئالدانغۇچى ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇپ، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 149-ماددىسىدا: «3-كىشى ئالدامچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ئەھۋالدا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى قىلدۇرغان، قارشى تەرەپ بۇ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ئالدانغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن شۇ ھەرىكەتنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 

جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

2022-01-16

شىركەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ھېسابات ئېنىقلاش جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك..

2022-01-17

ئويۇن ھېساباتىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلامدۇ؟

2022-01-15

ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى سۈرۈشتە قىلىشى

2022-01-14

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان «ئاخىرقى» ۋەسىيدۇر

2022-01-12

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا...

2022-01-10

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2022-01-09

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

2022-01-08

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟

2022-01-06

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

2022-01-02

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0