大数跨境

مۇھىم سىگنال: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان بۇ يىغىنى!

مۇھىم سىگنال: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان بۇ يىغىنى! NepKan
2022-03-19
1
导读:جۇڭگودا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
----
3-ئاينىڭ 2-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىر مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، باش تېمىسى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يىغىندا، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گو شۇچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتىرى سىجىل كونترول قىلىندى، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى تەخمىنەن %8 تۆۋەنلىدى، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى مۈلۈك كېڭىيىشى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەگە ئەسلىگە كەلدى. 
گەرچە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇقىم بولمىسىمۇ، لېكىن جۇڭگودا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز. 
بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى كىشىلەرگە ئىختىيارسىز ئىككى يىل ئىلگىرى چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرگەنلىكىنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم سۆزلىشىپ، سېلىنما (资本)نىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنى تورمۇزلاپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىختىيارسىز ھېس قىلدۇردى. 
بۇنىڭغا خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى سايە بانكا، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ كۆپۈكلىشىشىنى تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى تۈگىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوشقاندا، جۇڭگو خېلى بۇرۇنلا خىزمەتلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.
ئەمدى شۇ چاغدا بېسىلىپ قالغان چۈمۈلە گۇرۇھىغا قاراپ باقايلى. 

ئەلى بابانىڭ ئەڭ يېڭى بىر پەسىللىك مالىيە دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئەلى بابانىڭ چۈمۈلە گۇرۇھىدىن ئېرىشكەن مەبلەغ پايدىسى 5 مىليارد 811 مىليون يۈەن بولغان. تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەلدىكى ئىككى شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىپ تاپقان پايدىسى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، چۈمۈلىنىڭ بۇلتۇر ئۈچ پەسىلدە ئەمەلىي تىجارەت قىلغان كىرىمىنىڭ سېلىشتۇرما تۆۋەنلەش نىسبىتى %40 تىن ئېشىپ كەتكەن. 
بەزىلەر ئىلگىرى نۇر ھالقىسى كىيىۋالغان بۇ چولپان شىركەتكە مۇنداق باھا بەرگەن: «داۋانغا چىققاندا، ھەتتا ھاۋامۇ تاتلىق بولىدۇ، داۋاندىن چۈشكەن ھامان، ھاۋانىڭ ھەممىسى توپا بولىدۇ.»
ئاچچىق بولسا ھەقىقەتەن يېقىمسىز بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى چۈمۈلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇمۇ يامان ئىش ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن، بەزىلەر سىزگە خاتا جايلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەم سىزنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سىزنى يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ تېز ماسلىشالايدىغان قىلىدۇ، بۇ مەيلى شىركەت ياكى شەخس ئۈچۈن بولسۇن، ھەممىسىگە پايدىلىق. 
ۋاقىتنى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىگە سۈرسەك، شىنخۇا ئاگېنتلىقى جىن گۇەنپىڭنىڭ ئىمزالىقىدا بىر پارچە ماقالىنى كۆچۈرۈپ بېسىپ مۇنداق دېگەن: «مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش بويىچە، ھەممىدە پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىش كېرەك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمى چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى... چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش». 
بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، چۈمۈلىگە مۇھىم نۇقتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك: ھەقىقىي (كۆز بويامچىلىق قىلماسلىق)، چىڭ تۇتۇش (سۆرەلمىلىك قىلماسلىق)، تۈزىتىش. 
قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ بۇنىڭ يادروسى خېيىم-خەتەر مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆتۈپ كەتكەن تەرتىپسىز كېڭىيىشتىن گۆشىنى كېسىپ ئورۇقلاشتىن ئىبارەت.
ئەمەلىيەتتە ئازراق ئاشكارا خەۋەرگە دىققەت قىلساق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى چاقىرتىپ سۆزلەشكەندىن كېيىن چۈمۈلىنىڭ بىر قاتار كەسىپلەرنى تەڭشىگەنلىكىنى بايقايمىز. 
مەسىلەن، قولدىكى ئەڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغان خۇابېي، جېبېي دېگەنلەر ئەسلىدىكى سۇبيېكتتىن يېڭى ئىستېمال فوندى شىركىتىگە يۆتكىلىپ، يەنە بىر يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل ئىچىدە ساقلانما كەسىپنى چېكىندۈرۈشنى تاماملاش ھەمدە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستېمال پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن ماركا ئايرىۋېتىشنى شەكىللەندۈرۈشى. بۇ ئىككىسىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن سۇپىدىكى كىچىك ئويۇنچى بولۇپ قالىدۇ، ھەممىسى ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالدىغا چىقىپ قالغان قۇش بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 
مەسىلەن، قالدۇقداننىڭ كۆلىمىنى بېسىم بىلەن تۆۋەنلىتىش، 2018-يىلىدىكى كۆلەم ئەڭ يۇقىرى چېكىگە سېلىشتۇرغاندا، قالدۇقداننىڭ كۆلىمى %50 تىن ئارتۇق ئازىيىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، چۈمۈلىنىڭ پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتقان تيەنخۇڭ فوندى ئەڭ كۆپ تۆۋەنلىگەن. تېخىمۇ كۆپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئەنئەنىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن تاماق تالاشمىغاندا، كۆپچىلىك كەلگۈسىدە يەنە بىللە تاماق يېيەلىشى مۇمكىن. 
مەسىلەن، مەبلەغ دائىرىسىنى تارايتىش، بۇلتۇر چۈمۈلە ئاللىقاچان مال-مۈلۈك، يېڭى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بارلىق پاي چېكىنى سېتىپ بولغان. يېقىندا يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، چۈمۈلە يەنە قولىدىكى 36kr نىڭ پاي چېكىنى ساتقان. بۇ يىل 1-ئايدا، چۈمۈلە گۇرۇھى يەنە جۇڭئەن سۇغۇرتا پاي چېكىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئەسلى مەقسەتكە قايتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈردى.  تېگىشلىك ئىشنى ياخشى قىلىشمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلاردىن قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىشى. 
بىر تەرەپتىن، پۇل مۇئامىلىگە ئالاقىدار كەسىپ كۆلىمى ۋە پايدا بوشلۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارايتىپ، ھەمدە تاراتقۇ ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، چۈمۈلە يەنە بەزى ساھەلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سالدى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاۋاز قوشتى. 
مەسىلەن، بۇلتۇر 6- ۋە 8-ئايدا، چۈمۈلە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چۈمۈلە تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى، NEXTA يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فاڭجېن-سىياسەتلىرىگە ئاۋاز قوشتى؛ 
مەسىلەن، بۇلتۇر 3-ئايدا چۈمۈلە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئېلان قىلىپ، 2021-يىلىدىن باشلاپ قويۇپ بېرىلىدىغان كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش، 2030-يىلى بۇلغىما قويۇپ بەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى؛ 
بۇلتۇر 5-ئايدا، چۈمۈلە گۇرۇھى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش نىشانىنى ئېلان قىلدى. بۇ 1 مىليارد تۈپ كۆچەت تىكىش، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنى 600 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، 120 مىليون يۈەن كىرىمنى ئاشۇرۇش، 100 ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسى يارىتىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 

بۇلتۇر 7-ئايدىكى خېنەن كەلكۈن ئاپىتى ئىئانىسى 100 مىليون يۈەن، 10-ئايدىكى سەنشى كەلكۈن ئاپىتى ئىئانىسى 20 مىليون يۈەن، بۇ يىل 1-ئايدىكى شىئەن يۇقۇم ئەھۋالى ئىئانىسى 10 مىليون يۈەن، يېقىنقى مەزگىلدىكى شياڭگاڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئىئانىسى 10 مىليون شياڭگاڭ پۇلى قاتارلىقلار... چۈمۈلە جامائەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىپ، ھۆكۈمەت ئۈمىد قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئادا قىلماقتا. 
بىر مەھەل ئېغىپ كېتىپ بىۋاسىتە ئورۇننى تونۇيالماسلىقتىن، قارىماققا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت چېگراسىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىشقىچە، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، چۈمۈلە ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇننى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى. 
سېلىنما قىممەت يارىتىدۇ، شۇنداقلا ياۋايىلارچە ئۆسىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەبىئىي پايدا قوغلىشىشىدىن كېلىپ چىققان. زادى قايسى تەرەپ ئاساسىي ئېقىم، مۇھىمى توغرا، ئۈنۈملۈك يېتەكلەش-يېتەكلىيەلمەسلىكتە. ئېغىشنى تۈزىتىش، قېلىپلاشتۇرۇش، ساھەلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ تەدرىجىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. 
جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى كەسپى 20 يىللىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، شۇڭا جۇغلانغان ياۋايىلارچە ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر چوقۇم توغرا قاراش ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ۋاقىتقا يېتىپ كەلدى، بولمىسا كەسىپ ئومۇمىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇپ، غايەت زور خەۋپ-خەتەرنى پەيدا قىلىدۇ. 
بۇنداق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چۈمۈلىگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقان. 
بۇلتۇر ئالاقىدار ئورۇنلار سۇپا ئىقتىسادىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش كالتىكىنى كۆرۈپ، ھەممە ماگناتقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى، تېڭشۈن، ئەلى، مېيتۈەن ھېچقايسىسى ئۆزىنى چەتكە ئالالمىدى. 
چۈمۈلە ۋە باشقا ئالاقە تورى شىركەتلىرىنىڭ پائال ئۆزگىرىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتىنى چىڭىتىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. ئىلگىرى مەغرۇرلانغان بۇ كاتتىباشلار ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى، مەغرۇرلۇق ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، كەمتەر، باشقىلارغا تېخىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزۈش يولىغا مېڭىشى كېرەك.
يەنە 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى يىغىندا، گو شۇچىڭ يەنە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەر داۋاملىق تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ھېچقانداق بوشاڭلىق قىلماسلىقى كېرەك. 
دېمەك، كەلگۈسىدە بۇنداق غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش چۈمۈلە گۇرۇھى چوقۇم يۈزلىنىدىغان يېڭى نورمال ھالەت بولۇپ قالىدۇ. 
ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، پايدىنىڭ قىسقىرىشى، مەبلەغ سېلىش ئانتېنناسىنىڭ يىغىۋېلىنىشى، تېخىمۇ كەمتەر، ئەمما ساغلام دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى، ئاممىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولغان چۈمۈلىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بەلكىم دەل تاشقى دۇنيانىڭ تەقەززاسى بولۇشى مۇمكىن. 

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!

-----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296