大数跨境

مەركىزىي بانكا: ئۆي بازىرىنى قويۇپ بېرىشنىڭ قانداق سىگنالى بار؟

مەركىزىي بانكا: ئۆي بازىرىنى قويۇپ بېرىشنىڭ قانداق سىگنالى بار؟ NepKan
2022-03-21
1
导读:ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ماسلىشىش كېر

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى، كۆزلىمىنى سىجىل مۇقىملاشتۇردى، ئۆي بازىرىدا مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، نۆۋەتتە بازار بۆلۈنۈش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولماقتا.
يېقىندا گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە كومىتېتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك لايىھەسىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ يانداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئارقىدىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىماقتا: گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىپادىسى ۋە پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئالاقىدار تەدبىرلەر ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ.

سىممېترىكسىز ئەسلىگە كېلىش ئەندىزىسى نامايان بولماقتا
يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ باش ئىستاتىستىكىچىسى شېڭ گوچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر ۋە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئالدىنقى ئايدىكىدىن تەڭلەشكەن ياكى تۆۋەنلىگەن؛ بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن ياكى تەڭلەشكەن، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن. 


گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بازار ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋاڭ رۈيمىن مۇنداق دېدى: 2-ئايدا 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى ئۆي باھاسى سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى مەملىكەت بويىچە بازار يۆنىلىشى بولۇپ، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر جانلىنىۋاتىدۇ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا تەدرىجىي تۈرتكە بولۇشتىن ئۈمىد بار. 
قۇلۇلە قېپى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش بازار تەھلىلچىسى شۈ شياۋلېنىڭ قارىشىچە، 2-ئايدا بازار باھاسىدا سىممېترىك بولمىغان ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. 1-سەپتىكى شەھەرلەردە باھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەردىن ئېشىپ كەتكەن، بېيجىڭ، شاڭخەي نىمكەش ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى ئۆسۈش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېشىپ كەتكەن، گۇاڭجۇ باھانى تۆۋەنلىتىشنى توختاتقان، شېنجېننىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى كىچىكلىگەن؛ 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەردە نىمكەش ئۆي باھاسى يەنىلا ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەنلىگەن. 70 شەھەرنىڭ يېڭى ئۆي باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى 1-ئايدىكىدىن سەل تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 

مۇۋاپىق ئېھتىياج داۋاملىق قويۇپ بېرىلىدۇ
جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان 2-ئايلىق پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرالغۇ تارماقلىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 45 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئازايغان. كەسپىي زاتلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىماقتا: بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىستېمال ئارزۇسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن شەھەرلەر ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن كونكرېت تەڭشەش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ياكى تەڭشىدى. بۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش، «ئۆي ئېتىراپ قىلىش ھەم قەرزنى ئېتىراپ قىلىش (认房又认贷)»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، كۆپچىلىك فوندى قەرز پۇل سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆي سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش، ئىختىساسلىقلار ئۆي سېتىۋېلىشنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 


ۋاڭ رۈيمىن مۇنداق دېدى: ھازىر ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى خەۋپ-خەتەر تېخى تەلتۆكۈس تۈگىگىنى يوق، قىسمەن كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، كەسىپ يەنىلا چوڭقۇر تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بازار ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەنە ۋاقىت كېتىدۇ. بەزى شەھەرلەردە ئۆي باھاسى ئۆرلەش مۆلچەرى ئاجىزلاشقان ئەھۋال ئاستىدا، ھايانكەشلىك قىلىپ ئۆي سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت «ساختا» ئېھتىياج تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ چىقىپ، ئەمدىلا كوللېكتىپ «قاراپ تۇرۇش»قا بۇرۇلۇپ، سېتىش مىقدارى ئازىيىشقا توغرا كېلىدۇ. سىياسەتنىڭ ئىللىق شامىلىنىڭ بازار ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىگە، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مەجبۇرىي قونۇش خەۋپ-خەتىرىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. 
شۈ شياۋلېنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجى نىسبەتەن يېتەرلىك بولۇپ، كىرېدىت مەدىتى ئاستىدا، بازارنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قەدەر تېز بولغان؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى نىسبەتەن يېتەرلىك بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ ساندىكى ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئامبار زاپىسى بېسىمى بىر قەدەر چوڭ، بازارنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قەدەر ئاستا بولغان. گەرچە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنى تۆۋەنلىتىش، نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئاساسلىقى 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسەتنىڭ ھاسىللىق ئۈنۈمىگە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك قوزغىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئېھتىياج جەھەتتىكى ئىشەنچ تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىدى. 3-ئايدىن بۇيان، قىسمەن شەھەرلەردە يۇقۇم ئەھۋالى قايتا-قايتا كۆرۈلۈپ، بازارغا مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كەلدى. 
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئايلىنىشىدا پائال ئۆزگىرىش بولدى، تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاستىلىدى. ئۆي-مۈلۈك ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئۆي-مۈلۈك ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، ئەمما تۆۋەنلەش نىسبىتى كىچىكلىگەن. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئۆينى تۇرالغۇ قىلىش، ھايانكەشلىق قىلماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىنى قوللاش كېرەك، «شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ يەنىلا ئاساسى، شارائىتى بار». 

سىياسەت ئىللىق بولۇپ، بازار كۆزلىمىسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولدى
يېقىندا، نۇرغۇن تارماقلار ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈردى. مەركىزىي بانكا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۆي-مۈلۈك بازىرى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش»؛ بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپپاراتلارنى سېتىۋېلىش قەرز پۇلىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش قىيىنچىلىقى بار ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تۈرلىرىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك»؛ ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىشىگە پائال ماسلىشىش كېرەك»؛ دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ماسلىشىش كېرەك». 


جاۋليەن پۇل مۇئامىلە باش تەتقىقاتچىسى دۇڭ شىمياۋ مۇنداق قارايدۇ: كەلگۈسىدە ئۆي-مۈلۈك پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ نورمال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى ۋە مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە، ھەرىكەتچانلىقى بىر قەدەر يېتەرلىك، مەبلەغ تەننەرخى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، بولۇپمۇ تۇرالغۇ كىرېدىت سىياسىتىنى تەڭشىشىنى قوللاش كېرەك. 
تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆي-مۈلۈك يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئىجارىلىك ئۆي بازىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆي-مۈلۈك پۇل مۇئامىلە كەسپى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىغا يۈزلەنگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى قوللاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. 
شۈ شياۋلې مۇنداق دېدى: ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىشتە ھۆكۈمەت، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ماسلىشىپ، مەبلەغ، بايلىقنى كەسىپ ئىچىدە قايتىدىن تەقسىملىشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا قىسمەن ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ تەرتىپلىك چېكىنىپ چىقىشى ياكى تىپ ئۆزگەرتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. 
يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تاراتقۇلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بەزى شەھەرلەر تەكشۈرۈپ تەكتىنى ئېنىقلاش ۋە دەسلەپكى قەدەمدە تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، لېكىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا، بۇ يىل ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەرنى كېڭەيتىش شارائىتى ھازىرلانمايدۇ.»
كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: بازار تەڭشەش باسقۇچىدىكى ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش لايىھەسى ۋە مۇھىم نۇقتىلىرى كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.


بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0