大数跨境

بۇ خىل سىرلىق نومۇردىن تېلېفون كەلسە ھەرگىز ئالماڭ!

بۇ خىل سىرلىق نومۇردىن تېلېفون كەلسە ھەرگىز ئالماڭ! NepKan
2022-04-20
1
导读:چېگرا سىرتىدىكى ناتونۇش تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك

سىز «00» ياكى «+» دىن باشلانغان ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ باققانمۇ؟ بۇ ئۇزۇن نومۇرلار تولىمۇ غەلىتە بىلىنگەندۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىكى تېلېفون نومۇرلىرى بولۇپ، ئالدامچى ئۇنسۇرلار بۇ نومۇرلاردىن پايدىلىنىپ سىزگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەتچىسى ياكى سىزنىڭ تونۇشىڭىز ۋە ياكى رەھبىرىڭىز دەپ يالغان ئېيتىدۇ. بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ! 

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىكى تېلېفونلار دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقە تورىغا كىرگەندە چوقۇم ئاساسلىق چاقىرىش نومۇرىنىڭ ئالدىغا «00» (بىر قىسىم يانفونلار «00»نى «+» دەپ كۆرسىتىدۇ) نى قېتىش ھەمدە يەتكۈزۈش جەريانىدا بۇ قوشما نومۇرنى ئۆچۈرۈۋەتمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ. 

تۆۋەندە بىز بۇ خىل تېلېفون نومۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئالدامچىلىق مىسالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: 

↓↓↓

مىسال 1: خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش 

لى خانىم «0026253612»دىن كەلگەن بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى مال سېتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەتچىسى دېگەن ۋە خىزمەتتىكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن، لى خانىمنىڭ ھېساباتى خاتا ھالدا ۋاكالەتچى سودىگەر ھېساباتى قىلىپ بېجىرىلىپ قالغانلىقىنى، ھەر ئايدا ئۇنىڭدىن 500 يۈەن پۇل تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر ۋاكالەتچى سودىگەر رەسمىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسا، كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. 

لى خانىم بۇنىڭغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالغان ۋە ئۇ مۇلازىمەتچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بانكا كارتىسىدىكى ئامانەت پۇلىنى قارشى تەرەپ كۆرسەتكەن ھېساباتقا يۆتكىگەن، قارشى تەرەپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قايتۇرۇشنى رەت قىلغان، تېخىمۇ يامىنى لى خانىمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەن، شۇ چاغدىلا لى خانىم ئالدانغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ جەمئىي 330 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتقان. 

دېلو مىسالى 2: ج خ، تەپتىش، سوت ئورۇنلىرىنىڭ نامىدا ئالدامچىلىق قىلىش 

چېن خانىم «85320923402» دىن كەلگەن بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى دېگەن ھەمدە چېن خانىمنىڭ پۇل يۇيۇش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغانلىقىنى، دەرھال تەكشۈرۈشكە  توغرا كېلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئارىلىق يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ «يىغىن ئەپچىسى» ناملىق يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ، ئېكراننى ھەمبەھرىلەش شەكلى ئارقىلىق بانكا ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ماسلىشىشى لازىملىقىنى، شۇنداق قىلغاندىلا تۈرمىگە قامىلىشتىن ساقلىنالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. چېن خانىم قورقۇپ كېتىپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 270 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئامانەت پۇلىنى ئالدامچىلار ئېلىۋالغان.


دېلو مىسالى 3: قەرزنى ۋاكالىتەن بېجىرىش ئالدامچىلىقى


لياڭ ئەپەندى «00852521896» دىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى «قەرز بېرىش سۇپىسىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى» دېگەن ھەمدە ئۇنىڭغا پۇل مۇئامىلە ئىناۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، 300 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئالالايدىغانلىقىنى، لېكىن «خەييىن مەبلەغ مۇلازىمىتى»APP سىنى چۈشۈرۈپ، ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ قەرز پۇلغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لياڭ ئەپەندى بۇنىڭغا ئىشىنىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا مەشغۇلاتتا خاتالىق كۆرۈلدى، كاپالەت پۇلى تاپشۇرغاندىلا، ئاندىن قەرز پۇلنى ئالالايسىز دېگەن. لياڭ ئەپەندى قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن ھېساباتقا 75 مىڭ يۈەن يۆتكىگەن. كېيىن دوستىنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن ئالدانغانلىقىنى بايقىغان.

ھازىر نۇرغۇن جىنايەتچى-ئونسۇرلار چېگرا سىرتىدا يوشۇرۇنۇپ ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇلار قانۇنسىز يوللار بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى سېتىۋېلىپ، چېگرا سىرتىدا توردىكى مەۋھۇم نومۇرلاردىن پايدىلىنىپ، يالغاندىن مۇلازىمەتچى، ج خ، تەپتىش، سوت ئورۇنلىرىنىڭ خادىمى قىياپىتىدە ئالدامچىلىق قىلماقتا.

بۇ تۈردىكى نومۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئالدىغا «00» ياكى «+» قېتىلغان بولىدۇ.

ساقچىلار مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: چېگرا سىرتىدىكى ناتونۇش تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. 

ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۆۋەندىكى كۆرسەتمىنى ساقلىۋېلىڭ. ھەممىمىز بىرلىكتە تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىنايەتچىلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيلى!

چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق تېلېفونلارنى توسۇپ، تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك 

ساقچىلار مۇنداق ئەسكەرتمە بەردى! 

ئەگەر سىزنىڭ چەت ئەللەر بىلەن مۇقىم ئالاقىڭىز بولمىسا، ئەكسىچە چېگرا سىرتىدىن كەلگەن تېلېفوننى كۆپ قوبۇل قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدامچىلىق تېلېفونى ھېسابلىنىدۇ، ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، بۇنداق تېلېفوننى ئېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!

ئالدىنىشتىن ساقلىنىش كۆرسەتمىسى 

تېلېفون بېرىپ ئۆزىنى ج خ ئورگىنى، ھۆكۈمەت تارمىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ خادىمى دەپ ئاتاپ، سىزگە تېلېفونلىشىش مەزمۇنىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايمىز، تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ مەبلەغ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭ، پۇل يۆتكەش ياكى چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىڭىزنى تولدۇرۇڭ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلاردۇر.

ئۆزىنى خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى، سۇپا سودىگىرى دەپ ئاتاپ، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىمىز ياكى تۆلەم بېرىمىز دېگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالدامچى!

بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا چوقۇم ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مال سېتىۋېلىش تور بېكىتىگە چىقىپ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 


تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

ئەگەر چەت ئەللەر بىلەن مۇقىم ئالاقىڭىز بولمىسا، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چېگرا سىرتىدىن كېلىدىغان نومۇرلارنى توسۇۋېتىش ئىقتىدارىنى بېجىرىڭ. خەلقئارا تېلېفوننى توسۇش ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئېچىش تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. 

ئالدامچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسى: 96110. 

بۇ نومۇردىن تېلېفون كەلسە چوقۇم ئېلىڭ، ھەرگىز ئالدىراپ قۇيۇۋەتمەڭ! 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0