搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ۋۇخەن تۇڭجى دوختۇرخانىسىغا 59 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى!
>
ۋۇخەن تۇڭجى دوختۇرخانىسىغا 59 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى!
NepKan
2022-04-21
1
导读:ۋۇخەن تۇڭجى دوختۇرخانىسىداۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 23 مىليون يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان...
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 23 مىليون يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان، ۋۇخەن تۇڭجى دوختۇرخانىسىغا 59 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى
4-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 2022-يىلى 3-ئايدا ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى تۇڭجى دوختۇرخانىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«تۇڭجى دوختۇرخانىسى» دېيىلىدۇ)غا مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
بۇ يەرنى بېسىپ «توڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بۇ ئىدارە دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىمىشىنى تەكشۈرۈپ، خۇبېي ئۆلكىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 2017-يىلى 1-ئايدىن 2020-يىلى 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، تۇڭجى دوختۇرخانىسىدا ئالماشتۇرۇش، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش ئۇپرىما ماتېرىياللىرىنى ساختا خاتىرىلەش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 23343 مىڭ 609.64 يۈەن چىقىم ئالداپ ئېلىۋېلىنغان.
ۋۇخەن شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»، «داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلدى:
1. تۈزىتىشكە بۇيرۇش؛
2. بۇ دوختۇرخانىسى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى سوممىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان 1 مىليون 915 مىڭ 7462.10 يۈەنگە 2 ھەسسە جەرىمانە قويۇش؛ تەكشۈرۈپ بايقالغان ئالداپ ئېلىۋالغان 4 مىليون 186 مىڭ 147.54 يۈەنگە 5 ھەسسە جەرىمانە قويۇش، يەنى 20 مىليون 930 مىڭ 737.70 يۈەن؛ جەمئىي 59 مىليون 245 مىڭ 661.90 يۈەن بولىدۇ؛
3. بۇ دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سەككىز ئايلىق داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشكە چېتىلىدىغان تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا بۇيرۇش؛
4. قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ج خ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دورا نازارەتچىلىكى، سەھىيە، ساغلاملىق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا بۇ دېلودىكى مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش.
نۆۋەتتە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ زىيىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇلۇپ، جەرىمانىنىڭ ھەممىسى ئىجرا قىلىنىپ بولدى. تەكشۈرۈشتە يەنە تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ 2021-يىلىدىكى باشقا داۋالاش ھەرىكىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 91 مىليون 74 مىڭ 100 يۈەن ئىشلەتكەنلىكى بايقالدى، نۆۋەتتە يەنىلا يەنىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، خۇبېي ئۆلكىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئىش تەقسىماتى بويىچە، تەكشۈرۈشتە بايقالغان باشقا مەسىلىلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ قاتتىق تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ داۋالىنىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۇڭجى دوختۇرخانىسىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى مۇددىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنى باشقا دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سۆڭەك كېسەللىرىنى داۋالىتىشقا تەرتىپلىك يېتەكلىشى كېرەك.
ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى خەلق ئاممىسىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش پۇلى»، «جاننى قۇتقۇزۇش پۇلى»، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەن ھەرقانداق قىلمىش سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. دېلوغا چېتىشلىق نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە، مەمۇرىي جەرىمانە قويۇپلا قالماي، يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ھەتتا بىكار قىلىش كېرەك؛ جىنايەت ياكى باشقا ساھەدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىرىنى ئەدلىيە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ دېلولىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى مۇۋاپىق، سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.
بۇنىڭغا قارىتا، تۇڭجى دوختۇرخانىسى ئورگان تورى 19-چېسلا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دوختۇرخانىمىز پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل-كېسىل تۈزىتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق خادىملارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى قايتا تارقىتىشنى قەتئىي توسايدۇ.»
تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ ئورگان تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1900-يىلى تۇڭجى دوختۇرخانىسىنى گېرمانىيەلىك دوختۇر ئېرىچ باۋلۇڭ شاڭخەيدە قۇرغان. 1955-يىلى ۋۇخەنگە كۆچۈرۈلۈپ، 120 نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە پەن تۈرلىرى تولۇق، تالانتلىق داڭلىق دوختۇرلار توپلاشقان، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مول، داۋالاش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، باشقۇرۇش قانۇن ئىلمى بويىچە مەركەزلىك داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئاممىۋى سەھىيە ۋە تەربىيەلەش بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى ئۇنىۋېرسال دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىغا ئايلىنىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى دۆلەت ئىچىدىكى دوختۇرخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان دوختۇرخانا بولۇپ قالغان.
بۇ دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى 1946-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ناھايىتى يۇقىرى داۋالاش ۋە ئىلمىي شۆھرەتكە ئىگە سۆڭەك كېسەللىكلىرى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مەركىزى. تۇڭجى دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دۆلەتنىڭ كىلىنكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمى، خۇبېي ئۆلكىلىك سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەركىزى.
بۇ دوختۇرخانىدا ھازىر ئاساسىي دوختۇرخانا رايونى، گۇاڭگۇ دوختۇرخانىسى رايونى، جۇڭگو-فىرانسىيە يېڭى شەھەر دوختۇرخانىسى رايونى قاتارلىقلار بولۇپ، 62 كىلىنىكا ۋە تېببىي تېخنىكا بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان؛ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى تېببىي مەركىزى، دۆلەت تېببىي مەركىزى «كونسۇلتاتسىيە تۈرى»نى بەرپا قىلغان ئورۇن (ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا)، دۆلەت ئاياللار كېسەللىكلىرى كىلىنىكا ئىلمى تەتقىقات مەركىزى؛ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پېنى 11 (يېتىشتۈرۈش پېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دۆلەت كىلىنىكا نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمى 30 (مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ)؛ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى 2، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى 2، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى 4 نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى؛ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ سۈپەت كونترول مەركىزى 22 قاتارلىقلار بار.
مەنبە: كۈندىلىك ئىقتىساد باشخەۋەرلىرى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0