搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
شىركەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ھېسابات ئېنىقلاش جاۋابكارلىقى..
>
شىركەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ھېسابات ئېنىقلاش جاۋابكارلىقى..
NepKan
2022-01-17
1
导读:چەكلىك شىركەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، بارلىق پايچىكلارنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتى بولامدۇ؟
شىركەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ھېسابات ئېنىقلاش جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
جاۋابكار چاڭجۇ توخېڭ ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ توخېڭ شىركىتى دەپ ئاتىلىدۇ) پولات ماتېرىيالىنىڭ قەرز پۇلى 1395228.6 يۈەننى ۋاقتىدا ھېسابات قىلىپ بەرمىگەن، توخېڭ شىركىتى يىللىق تەكشۈرتمىگەنلىك، تىجارەت كېنىشكىسى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» (2018-يىلى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىركەت قانۇنى» دېيىلىدۇ)نىڭ 183- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، توخېڭ شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى فاڭ خېڭفۇ، جياڭ جىدۇڭ ۋە ۋاڭ ۋېيمىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېسابات ئېنىقلاشنى باشلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئىزچىل ھېسابات ئېنىقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلغان.
دەۋاگەر شاڭخەي سۈنلياڭ سودا چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ سۈنلياڭ شىركىتى دەپ ئاتىلىدۇ.) ئەرز قىلىپ:
توخېڭ شىركىتىنىڭ سۈنلياڭ شىركىتىنىڭ مال پۇلى 1395228.6 يۈەن ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى قايتۇرۇشنى، فاڭ خېڭفۇ، جياڭ جىدۇڭ ۋە ۋاڭ ۋېيخېڭ بىلەن ۋاڭ ۋېيمىڭ شىركەتنىڭ قەرزىنى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
چەكلىك شىركەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، بارلىق پايچىكلارنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتى بولامدۇ؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
قانۇنىي ئىگە تارقىتىۋېتىلگەن بولسا، قوشۇۋېتىلگەن ياكى ئايرىۋېتىلگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ھېسابات ئېنىقلىشى كېرەك. قانۇنىي ئىگىنىڭ مۇدىرى، كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق ئىجرا ئاپپاراتى ياكى تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش مەسئۇلىيىتىنى پايچىك ئۈستىگە ئالامدۇ ياكى مۇدىر ئۈستىگە ئالامدۇ؟
بۇ مەسىلە «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن زور دەرىجىدە ئۆزگەردى.
«شىركەت قانۇنى»نىڭ 183-ماددىسىدا: «شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۇددىتى توشقان ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا تارقىتىۋېتىش سەۋەبلىرى كۆرۈلگەن بولسا، پايچىكلار كېڭىشى ياكى پايچىكلار چوڭ يىغىنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغاندا، تىجارەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، تاقاشقا بۇيرۇلغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 182-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىۋەتكەن بولسا، تارقىتىۋېتىش سەۋەبى كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنىقلاشنى باشلىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى پايچىكلاردىن تەركىب تاپىدۇ، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى مۇدىر ياكى پايچىكلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. 2008-يىلى يولغا قويۇلغان «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2)»نىڭ 18-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا: «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچىكى، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋە پېيىنى كونترول قىلغان پايچىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلغانلىقتىن، شىركەتنىڭ ئاساسلىق مال-مۈلكى، ھېسابات دەپتىرى، مۇھىم ھۆججەت قاتارلىقلار يوقاپ كېتىپ، ھېساباتنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغاندا، ھەقدار شىركەتنىڭ قەرزىگە قارىتا چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوللىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.
لېكىن، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 70-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا: «قانۇنىي ئىگىنىڭ مۇدىرى، كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق ئىجرا ئاپپاراتى ياكى تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ «شىركەت قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن «پايچىكلار ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى.» دېگەن بىلەن روشەن ئوخشىمايدۇ. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىلەر ساقلاپ قىلىنغان، يەنى چەكلىك شىركەتنىڭ مۇدىرى ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بولىدۇ. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بىلەن «شىركەت قانۇنى» نېگىزلىك قانۇنغا تەۋە بولۇپ، قانۇن كۈچى جەھەتتە ئوخشاش. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ شىركەتنىڭ قانۇن كەسپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بىلەن «شىركەت قانۇنى»نىڭ تەڭشەش دائىرىسى ئادەتتىكى قانۇن بىلەن ئالاھىدە قانۇن مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ، لېكىن ھېسابات ئېنىقلاش سۇبيېكتى جەھەتتە، ئىككىسىنىڭ قېلىپلاشقان ئوبيېكتى ئوخشاش، مېنىڭچە يېڭى قانۇن كونا قانۇندىن ئۈستۈن تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتى سۇبيېكتىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى دېلولارغا يېڭى قانۇننى تەدبىقلاش كېرەك، يەنى «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇدىر ئۈستىگە ئالىدۇ. پايچىكلار، مۇدىردىن كىم ھەقىقىي ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە شىركەت تۈزەشنىڭ ئادەتتىكى قائىدىسىدىن جاۋاب تېپىش كېرەك. چەكلىك شىركەتنىڭ تۈزەش قۇرۇلمىسىدا، پايچىكلار شىركەتنىڭ تىجارەت ۋە باشقۇرۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشمايدۇ، چۈنكى پايچىكلارنىڭ شىركەتنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشى پايچىكلار كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. گەرچە شىركەت تارقىتىۋېتىلىش ئىشلىرى پايچىكلار يىغىنىنىڭ ئالاھىدە قارار قىلغان ئىشلىرىغا تەۋە بولسىمۇ، لېكىن بۇ پايچىكلارنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شىركەتنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ۋە پايچىك چەكلىك مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي پىرىنسىپقا ئاساسەن، مەبلەغ چىقارغۇچى مەبلەغ تاپشۇرغاندىن كېيىن شىركەتنىڭ پايچىكى بولىدۇ، شىركەت تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، ئۇنداقتا شىركەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرى (مەيلى كەسىپنى قانات يايدۇرۇش ياكى راسچوت قىلىش، ھېسابات ئېنىقلاش قاتارلىقلار) بىردەك شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارەت باشقۇرۇش خادىملىرى تەرىپىدىن يولغا قويۇلىدۇ.
مۇدىر شىركەت تارقىتىۋېتىلگەن چاغدىكى ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بولۇشى، ئۇنىڭ شىركەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇشى كېرەك. كونكرېت سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
(1) مۇدىرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن قارىغاندا، مۇدىرىيەت شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتى، مۇدىرىيەتنىڭ بۇرچى شىركەتنى باشقۇرۇش، شىركەتنى تارقىتىۋېتىش لايىھەسىنى تۈزۈش مۇدىرىيەتنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ھوقۇقىنىڭ بىرى.
(2) مۇدىرنىڭ مەجبۇرىيىتىدىن قارىغاندا، مۇدىرنىڭ شىركەتكە نىسبەتەن دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتى ۋە سادىق بولۇش مەجبۇرىيىتى بار.
(3) ئەھۋالنى بىلىپ تەدبىر بەلگىلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مۇدىر (مۇدىرىيەت) شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ، شىركەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىشى بىر قەدەر ئەتراپلىق، چوڭقۇر بولىدۇ، شىركەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تۇرۇۋاتقان مۇھىتىنى بىلىدۇ، شىركەتنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش تەرتىپىنى يولغا قويۇشى كېرەكمۇ-يوق توغرىسىدا بىر قەدەر مۇۋاپىق ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.
(4) نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ھازىرقى شىركەت قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىدىكى بەلگىلىمىلەر ئىگىدارلىق بىلەن تىجارەتنى ئايرىۋېتىش ئاساسىي پىرىنسىپىغا خىلاپ. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «كىم باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش»نىڭ ئۆزى مۇقەررەر يەكۈن. شۇڭا، مۇدىر ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 69-ماددىسىدا: «تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ئىگە تارقىتىۋېتىلىدۇ: (1) قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن داۋاملىشىش ۋاقتى توشقان ياكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا تارقىتىۋېتىش سەۋەبلىرى كۆرۈلگەن بولسا؛ (2) قانۇنىي ئىگىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلسا؛ (3) قانۇنىي ئىگىنىڭ بىرلىشىشى ياكى بۆلۈنۈشى سەۋەبىدىن تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولسا؛ (4) قانۇنىي ئىگىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، تىزىملاش كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، تاقىۋېتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇلغان بولسا؛ (5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 70-ماددىسىدا: «قانۇنىي ئىگە تارقىتىۋېتىلگەن بولسا، بىرلەشكەن ياكى بۆلۈنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېسابات ئېنىقلىغۇچى ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھېسابات ئېنىقلىشى لازىم. قانۇنىي ئىگىنىڭ مۇدىرى، كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق ئىجرا ئاپپاراتى ياكى تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى ھېسابات ئېنىقلىغۇچى بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ھېسابات ئېنىقلىغۇچى ھېسابات ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەسئۇل ئورگان ياكى مەنپەئەتدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار خادىملارنى بەلگىلەپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنىقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 71-ماددىسىدا: «قانۇنىي ئىگىنىڭ ھېسابات ئېنىقلاش تەرتىپى ۋە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، شىركەت قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر پايدىلىنىپ تەتبىقلىنىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 72-ماددىسىدا: «ھېسابات ئېنىقلىنىۋاتقان مەزگىلدە قانۇنىي ئىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ھېسابات ئېنىقلاشقا مۇناسىۋەتسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. قانۇنىي ئىگىنىڭ ھېساباتى ئېنىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مال-مۈلكى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتىنىڭ قارارى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ھېسابات ئېنىقلاش ئاياغلاشقان ھەم قانۇنىي ئىگە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەندە، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلىشىدۇ؛ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغانلىرىدا، ھېسابات ئېنىقلاش ئاياغلاشقاندا، قانۇنىي ئىگە ئاخىرلىشىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296