ئەگەر بىرسى سىزگە: «سىزنىڭ تېز يوللانمىڭىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىغا دائىر تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىپ قاپتۇ!» دېسە سىز قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟
ئەگەر يەنە بىرى سىزگە: «بۇ تېز يوللانما كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، تۆلەم پۇلىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ!» دېسە سىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلامسىز؟

ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى شەكىلدىكى ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرىدۇر. يېقىندىن بۇيان «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئالدامچىلىقنىڭ يېڭى سەۋەبى بولۇپ قالدى. يېقىندا چاۋياڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جاۋ خانىم ئۆزىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەتچىسى دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەننىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. قارشى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سېتىۋالغان تاۋارلار يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىشكە توغرا كېلىدىكەن. قارشى تەرەپ جاۋ خانىمغا ئۈچ ھەسسە تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، سوممىسى جەمئىي 200 نەچچە يۈەن بولغان. «خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاۋ خانىم «تۆلەم ئېلىش» مەشغۇلاتىنى بېجىرگەن. لېكىن قارشى تەرەپ مەشغۇلاتتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكتىن ئۇنىڭغا پۇل كۆپ قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئارتۇق قايتۇرۇلغان پۇلنى «قايتۇرۇپ بېرىش»نى تەلەپ قىلغان.
جاۋ خانىم بىرىنچى قېتىم پۇل يۆتكىگەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان، يەنە ئىككىنچى قېتىم پۇل يۆتكىگەن. بۇ چاغدا «خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى» پۇلنى ۋاقتىدا يۆتكىمىسىڭىز پۇل مۇئامىلە ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ» دەپ ئۇنى قورقۇتقان ھەمدە ئۇنى توردا قەرز ئېلىشقا ئۈندىگەن.

خەلق ساقچىلىرى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ خېرىدارلار مۇلازىمەت پۇلىنى قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى بولۇپ، ئالدامچى ئۇنسۇرلار يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، ئالدامچىلىققا يېڭى تون كىيگۈزگەن. ئەگەر نامەلۇم ئۇلانمىنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز، شەخسىي ئۇچۇرنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، بولۇپمۇ بانكا ئۇچۇرىنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ئاتالمىش «بېلىق تۇتۇش ئۇلانمىسى» ھېسابلىنىدۇ. تور دۇكىنى ياكى تېز يوللانما پۇلىنى قايتۇرۇش، تۆلەم بېرىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دەلىللەش كودى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توسۇق بولۇپ، ئۇنى يېنىكلىك بىلەن باشقىلارغا بەرمەسلىك كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.



