大数跨境

بۇ كەسىپتە يىللىق مائاش مىليون يۈەنگە يەتتى

بۇ كەسىپتە يىللىق مائاش مىليون يۈەنگە يەتتى NepKan
2022-03-17
2
导读:95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار خىزمەت تاللاش جەھەتتە ئالاقە تورى ساھەسىگە بەكرەك مەركەزلەشكەن.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
نۆۋەتتە ئەتىيازلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئاساسىي قوشۇن ھېسابلىنىدىغان 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار خىزمەت تاللاش جەھەتتە ئالاقە تورى ساھەسىگە بەكرەك مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا سىن ئىشلەش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال سېتىش قاتارلىق كەسىپلەر نۇرغۇن ياشلارنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بۇنى تاللىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ 


قىسقا سىن قىزغىنلىقى يېڭى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى

95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىشتا تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئېرىشتى


بېيجىڭدىكى بىر قىسقا سىن ئىشلەش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا قىسقا سىن ئارتىسى دىڭ جۈنيۈن باشقا ئارتىسلار بىلەن بىللە گىرىم قىلىۋاتىدۇ. 

تۆت يىل ئىلگىرى، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەپ قىسقا سىن ئىشلەشكە ئاتلانغان ئىدى، ئۇ چاغدا قىسقا سىن ئىشلەشكە كىرىشكەن كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇ بىرقانچە يىلدا، ئۇ كۆپلىگەن ياشلارنىڭ بۇ كەسىپكە كىرىشىشكە باشلىغانلىقىنى روشەن ھېس قىلدى.

بېيجىڭدىكى مەلۇم قىسقا سىن ئىشلەش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى دىڭ جۈنيۈن: ھەر كۈنى دېگۈدەك سېنارىست ۋە رېژىسسور بىلەن كۆرۈشىمەن، ھەر كۈنى ئون نەچچە پارچە، يىگىرمە نەچچە پارچە قىسقىچە تەرجىمىھال كېلىدۇ، ئۇلار كېلىپ ئەسەرنى سىنايدۇ. ياخشى سېنارىست ۋە رېژىسسورنىڭ يىللىق مائاشى 800 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە بولىدۇ، ئەمدىلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان سېنارىست ۋە رېژىسسورلارنىڭ تور تۇيغۇسى ياخشى بولسىلا ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەن بولىدۇ.

سېنارىست ۋە رېژىسسوردىن باشقا، بىر قىسىم كەسپىي ئارتىسلارمۇ قىسقا سىن ساھەسىگە كىرىشكە باشلىدى. چېن چيۇپىڭ بىلەن جاڭ دىڭخۇا ئورۇنلاش كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىدە بىر مەزگىل جاپالىق ئىشلىگەندىن كېيىن، ھازىر ھەممىسى قىسقا سىن كەسپىگە يۆتكەلدى.

قىسقا سىن ئارتىسى چېن چيۇپىڭ: قىسقا ۋىدېيودا پۇرسەت ناھايىتى كۆپ، كىرىمىمۇ خېلىلا ياخشى. چۈنكى ھازىر كىنوغا چىقىشتا نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ ئادەم بىر كىچىك رولنى تالىشىدۇ، شۇ رولنى ئالالىشىمۇ ناتايىن.

قىسقا سىن ئارتىسى جاڭ دىڭخۇا: يېڭى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغاندا 70 مىڭ مەستانەم بار ئىدى، ئالدىنقى ئىككى سىننى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئاخشامدىلا مەستانىلىرىم 70 مىڭدىن 500 مىڭغا يەتتى.


ياشلار جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قىزىقىدۇ

رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك


دۆلىتىمىزنىڭ «14-بەش يىللىق رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى»دا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەخسلەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى، بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئۈن-سىن تور بېكىتى قاتارلىق يېڭىچە سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، سىياسەت مەدىتى، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان بازار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

چېن سۇيا ھۆججەتلىك فىلىم كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى، ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە سىن سۇپىلىرىغا ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى يوللاپ نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ مەخسۇس «سىن ئىجادىيەتچىسى» بولۇشنى تاللىدى.

سىن ئىجادىيەتچىسى چېن سۇيا: ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتىمدا مەن بىرەر شىركەتكە كىرىپ باشقىلارغا IP ئىشلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر نەچچە شىركەتكە بېرىپ يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەردىم، بىرقانچە شىركەت مېنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولدى، لېكىن مەن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، باشقىلارنىڭ نامىدا قىسقا تىياتىر، ھۆججەتلىك فىلىم، قىسقا سىن ئىشلىگەندىن كۆرە، مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزۈمنىڭ نامىدا ئىشلەپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.

چېن سۇيا:يېڭى كەسىپ ھېسابلىنىدىغان ئۆز تاراتقۇدا پۇل تېپىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار، مەسىلەن، مەن بىلىدىغانلىرىدىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال سېتىش، ئۆز ماركىسىنى تىكلەش، شەخسىيIP دىن باشقا يەنە ئەمەلىي قوللىنىشچان ھاسىلىي ماركا ياساپ سېتىش، سۇپا بۆلۈپ بەرگەن پايدا قاتارلىقلار بار. بىراق مەن ھازىر ئاساسلىقى ئېلان قوبۇل قىلىش ئارقىلىق كىرىمىمنى ئاشۇرۇۋاتىمەن.

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار چېن سۇياغا ئوخشاش جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى. 2020-يىلى ۋە 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %16تىن ئاشتى.

جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى زېڭ شياڭچۈەن مۇنداق دېدى:رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپى، يەنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ئويۇن، ئېلېكتىرونلۇق مۇسابىقە، ئەدەبىيات سۇپىسى ھەمدە مۇزىكا، كارتون، گۈزەل سەنئەت سۇپىسى قاتارلىقلار نۇرغۇن يېڭى ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياخشى تەربىيە كۆرگەن، ئۇلار ئەنئەنىۋى تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار زامانىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدۇ، بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296