
يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايلاردا تېز يوللانما خادىملىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ، كۆپچىلىكنى تېز يوللانما تاپشۇرۇۋېلىشتا ئەندىشىگە سالدى.
بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر «تېز يوللانما شىركىتى» سىزگە تېلېفون قىلىپ، سىزنىڭ تېز يوللانمىڭىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى، كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەكلىكىنى ھەمدە سىزگە تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسا، سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

دىققەت!
ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز چوقۇم ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!
يېقىندا، يىۋۇ ساقچىلىرى ئالدامچىلارنىڭ «تېز يوللانمىڭىز تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقتى، تۆلەم بېرىمىز!» دېگەن نامدا ئالدامچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى.
شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ خانىم ئۆزىنى تېز يەتكۈزۈش شىركىتى دەپ ئاتىۋالغان تەرەپنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، قارشى تەرەپ ۋاڭ خانىمغا تېز يوللانمىڭىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى مۇسبەت چىقتى، كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك دېگەن، ھەمدە، ۋاڭ خانىمغا تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ۋاڭ خانىم بۇنى ئاڭلاپلا ئالاقزەدە بولۇپ كەتكەن، بۇ ئىش يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن پۇلنى قايتۇرۇپ تۆلەم ئېلىشنى تاللىغان ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق بىر ئەپ دېتالنى چۈشۈرگەن ھەمدە ئەپ دېتالغا ئۆزىنىڭ بانكا كارتا نومۇرى، دەلىللەش نومۇرى ۋە چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىنى تولدۇرغان.

ئارقىدىنلا ۋاڭ خانىم بانكا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئاقىۋەتتە بانكا كارتىسىدىن 49 مىڭ يۈەن يۆتكەپ كېتىلگەن، بۇ ۋاقىتتا ۋاڭ خانىم ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان. نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
بۇ بىر تىپىك خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ پۇل قايتۇرۇشى سىياقىدىكى ئالدامچىلىق. ئالدامچى ئۇنسۇرلار يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنى قالقان قىلىپ ئالدامچىلىق قىلماقتا، بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس.

ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى
1. پۇل قايتۇرۇپ بېرىمىز دېگەنگە ئالاقىدار تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغاندا، چوقۇم ئورگان تورىغا چىقىپ تەكشۈرۈش كېرەك، ئورگان تەرەپ مۇلازىمەتچىلىرى شەخسلەرنى ئۈندىدار، QQ قاتارلىقلارغا ئاسترىتتىن قوشمايدۇ، ھەم يەنە باشقا تور بەتلەردە پۇل قايتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارمايدۇ.
2. تۆلەم ئىشلىرىنى ئورگان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا تېلېفوننى قويۇپ، ئەسلىدىكى مال سېتىۋېلىش سۇپىسىدىن مەزكۇر زاكازنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى ۋە تۆلەم بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
3. كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىككىلىك كودلارنى سايىلىماسلىق، ئۇلانمىلارنى چەكمەسلىك كېرەك.
4. توردا مال سېتىۋالغاندا شەخسىي قوغدىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك.
5. ئەگەر جىفۇباۋ، ئۈندىدار ھېساباتى ياكى بانكا كارتىسىدىكى پۇلنىڭ سەۋەبسىز يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىغاندا، تېزدىن مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىش ھەمدە 110غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش ئاستىدا، قانداق قىلغاندا تېز يوللانمىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تاپشۇرۇۋېلىپ، شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟

تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغاندا سىرتقى ئورالمىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، لېكىن بۇنىڭمۇ يېتەرسىز تەرەپلىرى بار.
ئالدى بىلەن، نەرسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئاددىي ھالدا بىر نەچچە قېتىم دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركۈش ئارقىلىقلا ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاددىي ھالدا بىر نەچچە قېتىم دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركۈش بىلەنلا دېزىنفېكسىيە ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبى ئىسپىرت بولسا، ئىسپىرت ئوت بىلەن ئۇچراشقاندا ئوت ئېلىش خەۋپى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدىن چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

تېز يوللانما كەسىپكارلىرى سەمىگە
تېز يوللانمىنى يەتكۈزگەندە ياكى قوبۇل قىلغاندا ئامال بار ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇچراشماس ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.
خىزمەت جەريانىدا تېبابەت تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ياكى دەرىجىسى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ماسكىلارنى تاقاش، پەلەي كىيىش، لىفىتقا چىققاندا ماسكا تاقاش ھەمدە باشقىلار بىلەن بەلگىلىك بىخەتەرلىك ئارىلىقى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.



