يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى.

تەپسىلىي قائىدە تەتبىقلىنىش دائىرىسى،
ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە كېرەكلىك ماتېرىيال،
بېجىرىش تەرتىپى، ئورنى، ۋاقىت چېكى،
ئۇقۇم ئىزاھاتى ۋە بېكىتىش ئۆلچىمى، قانۇن جاۋابكارلىقى
قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە ئوقۇش تارىخى بويىچە نوپۇسقا ئېلىش، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلارنى نوپۇسقا ئېلىش، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى نوپۇسقا ئېلىش، كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى نوپۇسقا ئېلىش، مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە نوپۇسقا ئېلىش، ماكانلاشتۇرۇش بويىچە نوپۇسقا ئېلىش، پاناھلاندۇرۇش بويىچە نوپۇسقا ئېلىش، رەسمىي ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى نوپۇسقا ئېلىش قاتارلىق سەككىز خىل نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە كېرەكلىك ماتېرىياللار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
تەپسىلىي قائىدىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكچى بولغان ئاھالىلەر بېجىرىش ماتېرىيالىنى مەھەللىگە ئېلىپ بېرىپ، مەھەللە ساقچىلىرى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، «نوپۇسنى يۆتكەپ كېلىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلى»نى تولدۇرسىلا بولىدۇ. ساقچىخانا ئۈچ خىزمەت كۈنىدە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ناھىيەلىك ئىدارىگە يوللاپ بېرىدۇ، ناھىيەلىك ئىدارىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تارمىقى ئىككى خىزمەت كۈنىدە تەستىقلاپ بولۇپ، «نوپۇسنى يۆتكەپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى» غا ئىمزا قويىدۇ. يەنى ئاھالىلەر تەييارلىغان ماتېرىياللار تولۇق بولغان ئەھۋالدا، بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە «نوپۇسنى يۆتكەپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى»نى ئالالايدۇ.

سۈرەت: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى نوپۇس، كىملىك بېجىرىش مەركىزىدە، خەلق ساقچىلىرى شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن كەسىپ بېجىرىپ بەرمەكتە.
مۇخبىرنىڭ تەپسىلىي قائىدىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە ئالاقىدار ماتېرىيال، ئۆلچەملەر تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، نوپۇسقا ئېلىشنى بېجىرىشكە ئالاقىدار تەلەپ، نوپۇسقا ئېلىش ئادرېسىغا دائىر ماتېرىيال، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈش، دەلىللەش يولى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىقلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسى، جورىسى، پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى (دوستلىرى) نىڭ ئۆي-مۈلكىدىكى نوپۇسى، ئىدارە كوللېكتىپ نوپۇسى، تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە ئاھالىلىرى نوپۇسى قاتارلىقلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسقا ئېلىنىش ئادرېسى قىلىنسا بولىدۇ.

سۈرەت: ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) نوپۇس مەمۇرىيىتى زالىدا، ئىش بېجىرىش كۆزنىكىدىكى خەلق ساقچىلىرى ياشانغانلارغا ياردەملىشىپ جەدۋەل تولدۇرۇپ بەرمەكتە.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈشتە، ئاھالىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش رەسمىيىتىنى تېخىمۇ ئازادە، قولاي، تېز بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

