搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
شاڭخەي بولمىغان بولسا، ماسك بىرىنچى باي بولالامتى؟
>
شاڭخەي بولمىغان بولسا، ماسك بىرىنچى باي بولالامتى؟
NepKan
2022-04-10
1
导读:ئەگەر تېسلا بۇ ئىككى يىلنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
شاڭخەي شاڭخەيلىكلەرنىڭلا ئەمەس، جۇڭگولۇقلارنىڭمۇ ئەمەس.
شاڭخەي ئىقتىساد ماتورىنىڭ قوزغىتىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك.
شاڭخەي، بىر خەلقئارالاشقان دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەر.
2022-يىللىق فوربېس بايلىق رەت تەرتىپىدە، ماسك 219 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتۈن يەر شارىدىكى يېڭى بىرىنچى بايغا ئايلاندى. فوربېس بايلىق رەت تەرتىپى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ماسك تىۋېتتېرنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچىكى بولۇپ قالغانىدى.
فوربېس 2022-يىللىق يەر شارىدىكى مىليادىرلار تىزىملىكى
بۇ داۋراڭخۇمار، قارىماققا قۇرۇق خىيالنى كۆپ قىلىدىغان، يول ئېچىشقا، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى سىرلىق كارخانىچى، خۇددى ترامپقا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئىنتايىن ماھىر.
ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ھەمىشە پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغايدۇ.
بىراق، ئۈچ يىل ئىلگىرى ماسك تېسلانىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ بولالماي، ۋەيران بولغىلى، ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى جا يۆتىڭ بولۇپ قالغىلى تاس قالغان ئىدى. شاڭخەي، ماسك ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتتا، ماسكنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
ئەينى چاغدا ماسك ئامېرىكىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىمۇ تۆۋەن بولغانلىقتىن، سېخقا كىرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ئەگەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەل بولمىسا، ماسكنىڭ قولىدىكى نەق پۇل ئېقىمى كۆيۈپ تۈگەيتتى، ھەتتا مائاشىنىمۇ تارقىتالمايتتى.
ماسك ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ئېنىقكى ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. ماسكنىڭ ئەڭ جاپالىق ۋاقتىدا، جۇڭگو شاڭخەي تېسلاغا ياردەم قولىنى سۇندى. شاڭخەي ھۆكۈمىتى يەر چىقاردى، جۇڭگو بانكىسى پۇل چىقاردى، جۇڭگولۇق ئىشچىلار كۈچ چىقاردى، تېسلا تېخنىكا چىقاردى، ماسك جۇڭگودا يېڭى بىر چوڭ بازار قۇردى!
مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت جۇڭگو زاۋۇتى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو بازىرى، يەنە شاڭخەيدە يېڭى بىر يەر شارى يېڭى ئېنېرگىيە ياساش مەركىزى قۇرۇشتىن دېرەك بېرەتتى.
تېسلا جۇڭگو زاۋۇتى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلۇش ئۈنۈمى بىلەن 357 كۈندىلا پۈتكەن بولسىمۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تېسلانىڭ گېرمانىيە زاۋۇتى ئىككى يىل قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە تولۇق تاپشۇرۇپ بولۇنمىدى. جۇڭگو سۈرئىتى ماسكنى جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەيلىك ئادەمگە ئايلاندۇردى.
تېسلانىڭ جۇڭگو زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئېشىشقا باشلىدى. 2021-يىلى، تېسلانىڭ شاڭخەيدىكى زاۋۇتى 410 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، تېسلانىڭ پۈتۈن يەرشارىدا ئاران 930 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئىدى. بۇ شاڭخەي زاۋۇتىنىڭ تېسلانىڭ تەخمىنەن %45 ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەيدىكى تېسلا زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان ھەم چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلغان ئاپتوموبىل 160 مىڭغا يەتكەن. 2022-يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، تېسلانىڭ شاڭخەيدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى داۋاملىق مۇقىم ھالدا ئېشىپ، تېسلانى يەر شارىدىكى بىرىنچى چوڭ ياسىمىچىلىق ۋە ئېكسپورت مەركىزىلىك ئورنىغا چىقاردى.
بولۇپمۇ ئەڭ جاپالىق بولغان 2020- ۋە 2021-يىلى، چەت ئەلدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئىشچىلار كۆپلەپ ئىش تاشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە غايەت زور توسالغۇ بولدى. تېسلا شاڭخەي زاۋۇتىغا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سېتىش مىقدارى جەھەتتە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شاڭخەي بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى يەر شارى بويىچە يېڭى ئېنېرگىيە ئاتامىنى تېسلا بولماستىن، بەلكى شېنجېندىكى بىيادى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شاڭخەي تېسلا زاۋۇتى نامايەن قىلغان جۇڭگو ئۈنۈمى تېسلانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى يىل ئالدىغا سۈردى.
ئەگەر تېسلا بۇ ئىككى يىلنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. بۇ، 2020-يىلى ۋە 2021-يىلى، جۇڭگودىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ بىيادى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. ئاپتوموبىل ياسايدىغان يېڭى كۈچلەر ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چىڭ تۇتسىلا، ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاساسى جەھەتتىن بوغۇپ تاشلىيالايدۇ. زاكاز تالونى بولغان تەقدىردىمۇ، مال بولمىسا ھەممىسى قۇرۇق قەغەز بولىدۇ.
«ئۆزەك كەمچىل بولۇش» بارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق كېسىلى بولۇپ قالدى. تېسلا بىلەن بىيادىدا ئۆزەك كەمچىل بولماسلىقىدىكى سەۋەب، تېسلا كۈچلۈك كۆلەم ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئۆزىكى زاكازىنى ئالدىن بېكىتەلەيدۇ. ئۆزەك زاۋۇتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىمنىڭ زاكاز مىقدارى كۆپ بولسا، كىمدىن كەلگەن پايدا كۆپ بولسا، ئالدى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ.
بىيادى شىركىتى بولسا ئاپتوموبىل ئۆزىكىنى ئۆزى تەتقىق قىلىدىغان، ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.
ھازىرقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلچىلىقىدا بىيادى، تېسلادىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك كارخانا ئاتامانلىقنى تالىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بىيادى بىلەن تېسلانىڭ كەينىدە جۇڭگودىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان ئىككى شەھەر بار، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شېنجېن ۋە شاڭخەي.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شاڭخەي بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى تېسلا بولمىغان بولاتتى، بۈگۈنكى ماسكمۇ بولمىغان بولاتتى. ئوخشاشلا، شېنجېن بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى بىيادى بولمىغان بولاتتى، بۈگۈنكى ۋاڭ چۈەنفۇمۇ بولمىغان بولاتتى.
شاڭخەي تېسلاغا ئەرزان يەر بېرىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شېنجېننى يەرنى ئالتۇندەك ئايىماسلىققا مەجبۇرلىدى-دە، ئوخشاشلا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئەرزان باھادا بىيادىغا تەمىنلىدى. ئۆي-مۈلۈك كەسپى يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا يول قويدى، نەزەر دائىرىسى ئۆتكۈر بولغاچقا، شاڭخەي شېنجېنغا قارىغاندا تېخىمۇ يىراقنى كۆرەلىدى. لېكىن ئويغانغاندىن كېيىنكى شېنجېن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ياسىمىچىلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدە شاڭخەينى بېسىپ چۈشىدۇ.
شاڭخەي تېسلانى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ماسكنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقاردى. شاڭخەي ئېچىۋېتىش مەبلىغى بىلەن دۇنيا ئىختىساسلىقلىرىنى، ئىلغار كەسىپلەرنى جەلپ قىلىپ، شاڭخەينىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا ئاساس سالدى.
يۇقۇم ئەھۋالىدا شاڭخەي پورتى يەنىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىراش خەلقئارا چوڭ پورتلارنىڭ بىرى بولۇش رولىنى يوقاتمىدى. ھەر كۈنى نەچچە يۈز يۈك پاراخوتى پورت سىرتىدا تىزىلىپ، جۇڭگونىڭ ماللىرىنى بۇ يەردىن توشۇپ چىقىپ، چەتئەلنىڭ خام ئەشيالىرىنى بۇ يەردىن ئېلىپ كىرىدۇ.
شاڭخەينىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش، دۇنيانىڭ ئىختىساسلىقلار مەركىزى، دۇنيانىڭ ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، دۇنيانىڭ سەرخىللار مەركىزىگە ئايلىنىش.
شاڭخەيدىن ئىبارەت بۇ ئېچىۋېتىلگەن، بۇ ئىلغار شەھەر شەھەر بولمىغان بولسا، ماسك ئۈچ يىل بۇرۇنلا ۋەيران بولغان بولاتتى. تېسلا بەلكىم تېخى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ماسك سېلىنما (资本) مالىيە گۇرۇھى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
2022-يىلىدىكى فوربېس تىزىملىكىدە بەلكىم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ماسك شاڭخەيگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك.، شاڭخەي، ماسكنى تېگى يوق ھاڭدىن تارتىپ چىقاردى، شاڭخەي، ماسكنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئورنىدا ئولتۇرۇشى ئۈچۈن بايلىق موتورىنى قوزغاتتى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296