يېقىندا، جايلاردا يۇقۇمغا چېتىشلىق
ئالدامچىلىق كۆپلەپ يۈز بەردى. ئالدامچىلارنىڭ
ھىيلىسىنى چۈشىنىپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرەيلى!
«يۇقۇم تەكشۈرۈشى»گە ئائىت ئالدامچىلىق
ئالدامچى ئۇنسۇرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ياكى سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، توردا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىمىز دەپ يالغان ئېيتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئالاقىلىشىش نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.


ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئەسكەرتمىسى
ئالدامچى ئۇنسۇرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىدىن پايدىلىنىپ، ئاڭلىماققا ناھايىتى قائىدىلىك سۆزلىگەچكە، ئامما بۇنىڭ راست تەكشۈرۈش خىزمىتى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ.
يۇقۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە دۇچ كەلگەندە ئېھتىياتچان، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ئالاقزەدە بولماي، ئاقىلانىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى سىزنىڭ بانكا كارتا نومۇرىڭىز، تور بانكا ئىسچوتىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرى قاتارلىق نازۇك ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشتىكى نورمالسىزلىق»قا ئائىت ئالدامچىلىق
ئالدامچىلار يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئالاقىدار كىشىلەردىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم جايغا بېرىپ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، ئۇنداق قىلمىسا بەلگىلىك قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئارقىلىق، ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ پىسخىكا مۇداپىئەسىنى ئوڭايلا بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئاندىن ئالدامچىلار تېلېفوننى «ج خ ئىدارىسى»گە ئۇلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئالاقىدار كىشىلەردىن ئەسكەرتمە بويىچە كىملىك، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، مەبلەغنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى باھانە قىلىپ، پۇل-مالنى ئالداپ كېتىدۇ.

ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئەسكەرتمىسى
ج خ ئورگانلىرى توردا دېلو بېجىرمەيدۇ، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەر بىلەن ھەرگىزمۇ پۇل ئالاقىسى قىلمايدۇ، ئالداپ سېتىش، ئىقتىسادىي جىنايەت ئۆتكۈزۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانۇنسىز ئېلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن مەبلەغنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچى. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا چوقۇم ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك كېرەك.
ساختا «يېقىندىن ئۇچراشقانلىق ئۇچۇرى»غا ئائىت ئالدامچىلىق
ئالدامچى ئۇنسۇرلار يۇقۇم مۇداپىئە مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى «يېقىندىن ئۇچراشقۇچى» دېگەن باھانە بىلەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا «ئۆزىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى» سىياقىدىكى قارماققا ئىلىندۈرۈش ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن شەخسىي ئۇچۇر ۋە چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى قاتارلىق نازۇك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، شەخسىي مال-مۈلكىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.

ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئەسكەرتمىسى
نائېنىق ئۇلانمىلارنى ھەرگىز چەكمەڭ! مۇناسىۋەتلىك قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئالدى بىلەن دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى چىقارغان «ھەمسەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ئۆزىنى تەكشۈرۈش» ئەپچىقىدىن تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
«نۇكلېئىك كىسلاتاسى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش توپى»غا ئائىت ئالدامچىلىق
ئالدامچى ئۇنسۇرلار نومۇر ھايانكەشلىرى ئارقىلىق ھېسابات نومۇرىنى تۈركۈملەپ سېتىۋېلىپ، «ۋاكسىنا ئەملەشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىمى» ياكى «قايتىدىن تەكشۈرگۈچى» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ نامىدا ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالىغا قوشۇپ، ئاندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى توپقا تارتقان.
توپتا زاكاز كۆپتۈرۈش، قىمار ئويناش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى يوللاپ، ۋەزىپە ئورۇنداپ پايدا ئېلىش ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن زاكاز كۆپتۈرۈش ئالدامچىلىق قىلغان.

ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئەسكەرتمىسى
زاكاز كۆپتۈرۈش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، قىمار ئوينىسىڭىز مۇقەررەر ئۇتتۇرىسىز، كۆپچىلىك ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تەلەي سىنىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدامچىلار كۆپىنچە يانفون نومۇرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالىغا قوشىدۇ، شۇڭا چوقۇم شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
«تېز سۈرئەتتە نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرىش»قا ئائىت ئالدامچىلىق
پاراڭلىشىش توپىدا «تېز سۈرئەتتە نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرىش»، «جىددىي بولسا ئەڭ تېز بولغاندا يېرىم سائەتتە چىقىدۇ»، «ئائىلىدىمۇ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىڭىزدە، ئەگەر قوشۇمچە ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلغانلا بولسا بۇ چوقۇم ئالدامچىلارنىڭ پۇل ئۈندۈرۈش ئۈچۈن تاپقان ھىيلىسىدىن ئىبارەت.


ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئەسكەرتمىسى
نۇكلېئىك كىسلاتاسى نەتىجىسىنى چوقۇم سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى ئېتىراپ قىلغان سالاھىيەت ھازىرلىغان دوختۇرخانا، كەسپىي داۋالاش ئاپپاراتى ياكى 3-تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرۈشى كېرەك. توردىكى ساختا ئۇچۇر ۋە ئاتالمىش «شەخسىي يول»غا ئىشەنمەسلىك كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا نورمال سەپەرگە چىقىشىڭىز تەسىرگە ئۇچراپلا قالماي، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا ئالدىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
«ئائىلىدە ئايرىپ كۆزىتىش تولۇقلىمىسىنى ئېلىش»غا ئائىت ئالدامچىلىق
ئالدامچى ئونسۇرلار شىركەتنىڭ خادىملار ئىشلىرى ۋە مالىيە خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ياكى شىركەت خىزمەتچىلىرىگە ئېلخەت يوللاپ، ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن مائاش تولۇقلىمىسى تارقىتىلىدۇ، ۋاقتىدا كودنى سايىلەش ئارقىلىق تىزىملىتىپ ئېلىۋېلىڭ دەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى «قارماققا ئىلىندۈرۈش تور بېكىتى»گە باشلىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار «قارماققا ئىلىندۈرۈش تور بېكىتى»دە بانكا كارتا نومۇرى، بانكا كارتىسى مەخپىي نومۇرى، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدامچى ئۇنسۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى يۆتكەپ كەتكەن.

ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئەسكەرتمىسى



