搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
نېمە ئۈچۈن قەرز تارقىتىش پۇل تارقاتقاندىن ياخشى بولىدۇ، دەيمىز؟
>
نېمە ئۈچۈن قەرز تارقىتىش پۇل تارقاتقاندىن ياخشى بولىدۇ، دەيمىز؟
NepKan
2022-03-03
2
导读:چۈنكى پۇل تارقىتىش كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ قىممىتىنى دەرھال چۈشۈرۈۋېتىدۇ...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
يېقىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن دۇنيادا رۇسىيە مۈلكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئۇنىڭ 10 يىللىق زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى %12 تىن ئېشىپ، يېقىنقى يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. 1998-يىلىدىكى رۇسىيە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئىلھامى تۈپەيلىدىن، كىشىلەردە رۇسىيە قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش خەتىرىدىن ئەندىشە پەيدا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمىدى.
ئەمدى بىز 1998-يىلىدىكى رۇسىيە قەرز كىرىزىسىنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
1991-يىلىنىڭ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئىزچىل داۋالغۇپ تۇردى، مالىيەدە پۇل يوق ئىدى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمىنى قامداش، مەمۇرىيلارنى بېقىش ئۈچۈن، پۇلنى نەدىن تېپىش كېرەك؟ ھۆكۈمەتنىڭ چارىسى پۇل تارقىتىش. پۇل ئۈزلۈكسىز تارقىتىلغاچقا، رۇبلىنىڭ كۇرسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ، خەلقنىڭ دەردى ئىچىگە پاتماي قالدى. غەرب ئالىملىرى رۇسىيە زۇڭتۇڭىدىن سورىدى: «سىز باشقا نەرسە تاقاتمامسىز؟ ئەگەر ئۈزلۈكسىز پۇل تارقىتىلسا، بۇنداق بولىۋەرسە، رۇسىيەنىڭ پۇلى پۈتۈنلەي پۇلغا يارىمايدۇ.» رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئۇنىڭدىن: «ئۇنداقتا يەنە نېمە تارقىتىشقا بولىدۇ؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىدى. غەربلىك ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، زايوم تارقىتىش پۇل تارقىتىشقا قارىغاندا ياخشى ئىكەن.
نېمە ئۈچۈن قەرز تارقىتىش پۇل تارقاتقاندىن ياخشى بولىدۇ؟
چۈنكى پۇل تارقىتىش كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ قىممىتىنى دەرھال چۈشۈرۈۋېتىدۇ، قەرز تارقىتىش ھۆكۈمەتنىڭ پۇلنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرماي، پۇقرالارنىڭ قولىدىكى پۇلغا ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت زايومىنى سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت بۇ پۇل بىلەن قۇرۇلۇش قىلىپ، تاپقان پۇل ئارقىلىق قايتا دۆلەت زايومىنى قايتۇرالايدۇ.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، زايوم تارقىتىشنى باشلىدى، قەرز ئۆسۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %50 تىن %100 كىچە بولدى، بۇنداق يۇقىرى پايدا نىسبىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مەبلەغنى جەلپ قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسىنى زايوم سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىدى. ئۇلار ئىچكى قەرز تارقىتىپلا قالماي، يەنە تاشقى قەرز تارقاتتى.
نەتىجىدە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان زايوم بارغانسېرى كۆپەيدى، قەرز ئۆسۈمىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولدى. لېكىن دۆلەت زايومىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. زايوم قەرزى ئالغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ خەجلەيدىغان پۇلى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، قەرز قايتۇرغاندا ناھايىتى چوڭ يۈك بولۇپ قالىدۇ. چوقۇم يېڭى قەرز ئېلىپ كونا قەرزنى قايتۇرۇش كېرەك. لېكىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زايوم تارقىتىشى ئىقتىسادنى يولغا قويۇش ئەمەس، بەلكى مەمۇرىيلارغا مائاش بېرىش بولۇپ، بۇ بەك خەتەرلىك ئەھۋالدۇر، چۈنكى ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ، قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ. شۇڭا، قەرز ئېلىش زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قالسا، يېڭى قەرز ئالالمىسا، قەرز قايتۇرۇش كرىزىسى كېلىپ چىقىدۇ.
1998-يىلى 4-ئايدا، رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئاران 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى ئەمدى رۇسىيەگە پۇل قەرز بەرمەيدۇ، چۈنكى بۇنداق ئاز تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا پۇل كىرىزىسى يۈز بەرسە، رۇبلىنىڭ قىممىتى دەرھال چۈشۈپ كېتىدۇ. 5-ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، مەبلەغ سالغۇچىلاردا ھۆكۈمەتنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىتا گۇمان پەيدا بولۇپ، زايومنىڭ ئالاقزادىلىكىنى پەيدا قىلىپ تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ زايومنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەنسىرەپ، قولىدىكى زايومنى سېتىپ چىقىرىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ.
7-ئايدا رۇسىيە قەرزىنىڭ كۆلىمى 430 مىليارد رۇبلىغا يېتىپ، 70 مىليارد دوللارغا توغرا كەلگەن. 7-ئاينىڭ ئاخىرى، يېرىم يىللىق ۋە بىر يىللىق زايومنىڭ يىللىق پايدا نىسبىتى يەنىلا %51 تىن %69 كىچە بولغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگە كەلگەندە %160 كە ئۆرلەيدۇ، بىرقانچە قارارلىق زايومنىڭ يىللىق پايدا نىسبىتى %300 كە يېتىدۇ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە رۇسىيە ھۆكۈمىتى زايوم سودىسىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 17-ئاۋغۇست بۇ كۈنى، ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي بانكا تۇيۇقسىز تاشقى پېرېۋوتنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ئەسلىدە بىر دوللارنى ئالتە رۇبلىغا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى، ھازىر بىر دوللارنى 9.5 رۇبلىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانغا باراۋەر ئىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيانى قاتتىق زىلزىلىگە سالىدۇ، بۇ رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
8-ئاينىڭ 27-كۈنى، رۇبلىنىڭ قىممىتى %30 چۈشىدۇ، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى بارلىق رۇبلى سودىسىنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، دۆلەت خەزىنىسىدە پۇل قالماي، دۆلەت زايومى قايتۇرۇلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارادىكى قەرز ئىگىلىرى بىۋاسىتە رۇسىيەدىن قەرز سۈيلەيدۇ. ئۇلار: «سىلەرنىڭ قەرزنى قايتۇرماسلىقىڭلارنىڭ ئاساسى نېمە؟ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئىناۋىتى بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى مۇنداق دېگەن: «سىلەر ھەممىڭلار پۇل مۇئامىلە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۆپ پايدا ئېلىش خەتىرى يۇقىرى ئىش، بىر دۆلەتنىڭ زايومى %300 سېتىلغاندا، بۇ يەردە خەتەر يوقمۇ؟ مەن قەرزنى قايتۇرمايمەن دېمىدىم، ئەگەر نەقلەشتۈرمەكچى بولساڭلار، %300 لىك قەرز ئۆسۈمى قالمايدۇ، دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتى 15 يىل، قوشۇلساڭلار ئىمزا قويۇڭلار. ئەگەر ھازىرلا دەرھال پۇل لازىم بولسا، مەن پەقەت %1.6 نىلا بېرەلەيمەن (يەنى 100 يۈەنلىك زايوم ئالغان بولسىڭىز، پەقەت 1.6 يۈەن قايتۇرىمەن دېگەنلىكتۇر). بىر يىلدىن كېيىن يەنە %3 تىن %5 كىچە، ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە %30 كىچە قايتۇرىمەن.»
بۇ خىل قايتۇرۇش لايىھەسىگە ئۇلار قوشۇلالمايدۇ. رۇسىيە زايومىنى سېتىۋېلىش پۇل تېپىش ئۈچۈن، ھازىر قەرز ئۆسۈمى ئالالمايلا قالماي، ھەتتا دىرىنىمۇ تولۇق قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە زۇڭلىسى مۇنداق دەيدۇ: «مېنى قىستىماڭلار، ھازىر رۇسىيەنىڭ ھېچنېمىسى قالمىدى، پەقەت 6000 تال يادرو ئوق بېشى قالدى، ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىساڭلار، بىز پەقەت يادرو كۇنۇپكىسىنى باسىمىز، دۇنيا مەۋجۇت بولمىسا، سىلەر پۇلۇڭلار بىلەن نېمە قىلالايسىلەر؟» قەرز ئىگىلىرىنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار مېڭىش ئالدىدا: «بۇنىڭدىن كېيىن بىز يادرو كېرەكسىز ماتېرىياللىرىنى يۇتۇۋېلىشقا رازىمىزكى، ھەرگىز رۇسىيەنىڭ زايومىغا چېقىلمايمىز.» دەپ قەسەمياد قىلغان.
بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ قەرىلى 10 يىللىق زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى يەنە %12 تىن ئاشتى، رۇبلىنىڭ قىممىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىدى، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىدە ھەتتا يېرىم ھەسسە تۆەنلەش يۈز بەردى. رۇسىيەدە يەنە قەرز كىرىزىسى يۈز بېرەمدۇ؟ ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئەگەر رۇسىيە قەرز كىرىزىسىغا دۇچ كەلسە، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ياخشى ئىش ئەمەس.
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ.» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0